سەرخىللار مائارىپى
Menü
Kategoriler

#Teknoloji
Teknoloji
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
33 كۈن بۇرۇن
كائىناتتىكى ئىلاھىي سىممېتىرىيە: فىبوناچچى قاتارى ۋە تەۋھىد ھەقىقىتى



 كائىناتتىكى ھەرقانداق مەۋجۇدات، مەيلى ئۇ چەكسىز بوشلۇقتىكى گالاكسىلەر (يۇلتۈز تۈركۈملىرى) بولسۇن ياكى مىكروسكوپ ئاستىدىكى كىچىككىنە ھۈجەيرىلەر بولسۇن، ھەممىسى مەلۇم بىر ئىنچىكە ھېساب ۋە يوشۇرۇن بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنغان بولىدۇ. مەسىلەن ماتېماتىكىدا «فىبوناچچى قاتارى» دەپ ئاتالغان سانلار تىزىلمىسى بار بولۇپ، بۇ سانلار ئەمەلىيەتتە ماددىي دۇنيانىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىلاھىي ئىمزا ۋە ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۆجىزە دېيىشگە بولىدۇ. فىبوناچچى قاتارى ...، 1،1،2،3،5،8،13،21،34 ۋە كىيىنكى سان ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى ساننىڭ يىغىندىسى بولىدىغان شەكىلدە يېزىلىدىغان بولۇپ، سانلار چوڭايغانچە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا نىسبىتى «ئالتۇن نىسبەت» دەپ ئاتىلىدىغان 1.618غا يېقىنلىشىدۇ. بۇ نىسبەت تەبىئەتتىكى گۈزەللىك، تەرتىپ ۋە تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئاساسىي كودىدۇر.

 تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئالتۇن نىسبەتنىڭ ئەڭ تەپسىلىي ۋە ھەيران قالارلىق مىساللىرىنى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىن تاپالايمىز. مەسىلەن، بىر دانە ئاپتاپپەرەسنىڭ مەركىزىدىكى دانچىلارنىڭ تىزىلىشى تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى فىبوناچچى ئايلانمىسى بويىچە سائەت يۆنىلىشىدە ۋە سائەت يۆنىلىشىگە قارشى ئىككى خىل قاپلانغان ئەگرى سىزىق ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئىنچىكە گېئومېتىرىيەلىك تىزىلىش ئاپتاپپەرەس دانچىلىرىنىڭ ئەڭ زىچ، بوشلۇق قالدۇرماي ۋە بىر-بىرىنى قىسىپ قويمىغان ھالەتتە ئورۇنلىشىشىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ نىسبەتتە ئازىراقلا خاتالىق بولغان بولسا، دانچىلار ئارىسىدا بوشلۇق قالغان ياكى تىزىلىش قالايمىقانلاشقان بولاتتى. بۇ نىزام بىزگە ياراتقۇچىنىڭ «ئەلقەييۇم» (ھەممىنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچى) سۈپىتىنى ۋە ھەر بىر زەررىنى مەلۇم بىر «مىزان» (تەڭپۇڭلۇق) بىلەن ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

 ئىنسان بەدىنىدىكى ئالتۇن نىسبەت بولسا تەۋھىدنىڭ يەنە بىر روشەن دەلىلىدۇر. بارماقلىرىمىزدىكى ئۈچ بوغۇم سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلۇق نىسبىتىدىن تارتىپ، قولىمىز بىلەن بىلىكىمىز ئارىسىدىكى نىسبەتكىچە، ھەتتا يۈز قىسمىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ئورۇنلىشىشىغىچە بولغان بارلىق ئۆلچەملەر ئاشۇ سېھىرلىك سانغا تۇتىشىدۇ. ئىنساننىڭ DNA زەنجىرىدىكى بىر تولۇق ئايلانمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتىمۇ دەل ئالتۇن نىسبەت بويىچە لايىھەلەنگەن. بىر دانە كىچىك ئۆسۈملۈك بىلەن ئەڭ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئىنساننىڭ ئوخشاش بىر ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بويىچە يارىتىلىشى، پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ لايىھەلىگۈچىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، يەنى تەۋھىد ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كائىناتتا بىر قانچە ياراتقۇچى بولغان بولسا، بىز بۇنداق بىر تۇتاش سىستېما ۋە ئورتاق ماتېماتىكىلىق تىلنى كۆرەلمىگەن بولاتتۇق. 

ئالتۇن نىسبەتنىڭ مىكرو دۇنيادىن ماكرو دۇنياغا، يەنى چەكسىز كائىناتقا كېڭىيىشى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر قۇلۇلىنىڭ ئىچكى ئەگرى سىزىقى بىلەن مىلياردلىغان يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سامانيولى گالاكتىكىسىنىڭ ئايلانما شەكلى ئوخشاش بىر ماتېماتىكىلىق نىسبەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەڭ كىچىك زەررىچىنى كىم ياراتقان بولسا، چەكسىز گالاكسىيلەرنىمۇ ئەشۇ ياراتقۇچى ياراتقان. بۇ بىر تۇتاش نىزام ماتېماتىكا تىلىدا سۆزلەيدىغان بىر «تەۋھىد ئايىتى» دۇر. كائىناتتىكى بۇ سىممېتىرىيە بىزگە ياراتقۇچىنىڭ چەكسىز ئىلمىنى، سەنئىتىنى ۋە ھەممىنى قاپلاپ تۇرغان بىرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

خۇلاسە قىلغاندا، فىبوناچچى سانلىرى ۋە ئالتۇن نىسبەت پەقەت بىر ماتېماتىكىلىق بايقاشلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدات بېتىگە پۈتكەن ئىلاھىي كودىدۇر. بۇ نىسبەت كائىناتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق، ئىنساننى تاسادىپىيلىق پاتقىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ھەقىقىي ئىمان ۋە تەۋھىد نۇرىغا باشلايدۇ. سانلارنىڭ بىر-بىرىگە ئەگىشىپ بىر نىزام ھاسىل قىلىشىغا ئوخشاش، بارلىق مەۋجۇداتمۇ بىرلا ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن كىشى ئەمەلىيەتتە كائىناتنىڭ ئورتاق تىلىنى ۋە شۇ تىلدا سۆزلەۋاتقان بىرلىك ھەقىقىتىنى چۈشەنگەن بولىدۇ.
Teknoloji
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
35 كۈن بۇرۇن
كائىنات ۋە كىتاب: قۇرئان ئايەتلىرىگە ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىزاھات

 كائىنات دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چەكسىز تەجرىبىخانا بىلەن قۇرئان كەرىم دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مۇقەددەس كىتاب ئارىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرماسلىق مۇناسىۋېتى بار. بىرى ئاللاھنىڭ «ياراتقان» ئايەتلىرى (تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى)، يەنە بىرى بولسا ئاللاھنىڭ «نازىل قىلغان» ئايەتلىرى (قۇرئان). ئەگەر بىز بىر دەم جىمجىت ئولتۇرۇپ، زامانىۋى فىزىكىنىڭ ئەڭ چوڭ بايقاشلىرىنى قۇرئان ئايەتلەرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، تەپەككۇر قىلىدىغان بىر ئەقىل ئۈچۈن قايىل بولماسلىق مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق بولسا، بۇ ئىككى ھەقىقەتنىڭ مۇناسىۋېتىگە دېققەت قىلىپ باقايلى: 

1. كائىناتنىڭ يارىلىشى: يەككە نۇقتا ۋە چوڭ پارتلاش
 ئايەت: «كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەر بىر تىرىك نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار ئىشەنمەمدۇ؟» مەنبە: ئەنبىيا سۈرىسى، 30-ئايەت.
 ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىزاھات: 1920-يىللارغىچە پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى (ھەتتا ئېينىشتېيىنمۇ) «كائىنات ئەزەلدىن بار، ئۇنىڭ باشلىنىشى يوق، ئۇ مۇقىم» دەپ قارايتتى. ئەمما كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئىلىم دۇنياسى ئېتىراپ قىلغان «بۈيۈك پارتلاش» نەزەرىيەسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: پۈتكۈل كائىنات بىر زامانلاردا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە زىچ، قىزىق بىر پۈتۈن «يەككە نۇقتا» ئىدى. كېيىن غايەت زور پارتلاش يۈز بېرىپ، ماكان، زامان ۋە ماددىلار بىر-بىرىدىن ئايرىلدى. ئايەتتىكى «بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق» (ئەرەبچە: رتقا ففتقناھما) دېگەن ئىپادە، ماددىلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئايرىلىپ كېڭىيىش جەريانىنى فىزىكىلىق نۇقتىدىن ئىنتايىن دەل ۋە جايىدا تەسۋىرلەپ بەرگەن.

 2. ئالەمنىڭ تەقدىرى: كېڭىيىۋاتقان كائىنات
 ئايەت: «بىز ئاسماننى (قۇدرىتىمىز بىلەن) بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن (ئۇنى) كېڭەيتكۈچىمىز.» مەنبە:زارىيات سۈرىسى، 47-ئايەت.
 ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىزاھات: 1929-يىلى ئامېرىكىلىق ئاسترونوم ئەدۋىن خاببىل تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، بىر ھەيران قالارلىق ھادىسىنى بايقىدى: گالاكسى( يۇلتۇز تۈركۈملىرى) بىزدىن ۋە بىر-بىرىدىن توختىماي يىراقلاشماقتا. يەنى خۇددى پۈۋلەنگەن شارنىڭ يۈزىدىكى نۇقتىلارنىڭ شار يوغانغانچە بىر-بىرىدىن يىراقلاشقىنىغا ئوخشاش، كائىنات توختىماي كېڭىيىۋاتاتتى. ئايەتتە ئىشلىتىلگەن «كېڭەيتكۈچىمىز» (لموسعون) سۆزى بىر قېتىملىق ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتنى بىلدۈرىدۇ. 7-ئەسىردە تېلېسكوپ تۈگۈل، ئاددىي لىنزمۇ يوق بىر دەۋردە ئالەمنىڭ ئىزچىل كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش پەقەت كائىناتنى ياراتقان زاتنىڭلا سۆزى بولالايدۇ.

 3. تۆمۈرنىڭ سىرى: دەرىجىدىن تاشقىرى يۇلتۇز پارتلىشى
 ئايەت: «... بىز تۆمۈرنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭدا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار...» مەنبە: ھەديد سۈرىسى، 25-ئايەت. 
ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىزاھات: زامانىۋى ئاسترونومىيە ۋە خىمىيە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، يەر شارىمىز تۆمۈرنى ئۆزلۈكىدىن پايدا قىلالمايدۇ. ھەتتا قۇياشىمىزنىڭ ھارارىتىمۇ تۆمۈر ئېلېمېنتىنى ياساپ چىقىشقا يەتمەيدۇ. تۆمۈر پەقەت قۇياشتىن نەچچە يۈز ھەسسە چوڭ بولغان غايەت زور يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۈز بېرىدىغان غايەت زور پارتلاش ( دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشى) نەتىجىسىدىلا بارلىققا كېلىدۇ. ئاندىن بۇ تۆمۈر پارچىلىرى مېتېئورىت تاشلىرى شەكلىدە ئالەم بوشلۇقىدا كېزىپ يۈرۈپ، يەر شارىغا كېلىپ چۈشكەن. قۇرئاندا تۆمۈر ئۈچۈن «ياراتتۇق» دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى دەل ئىلىم-پەن بايقىغاندەك «چۈشۈردۇق» (ئەنزەلنا) سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدۇ.

 4. نىسپىيلىك نەزەرىيەسى: ۋاقىتنىڭ ئېگىلىشى
 ئايەت: «...پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەرنىڭ ھېسابىڭلاردىكى مىڭ يىلغا تەڭدۇر.» مەنبە: ھەج سۈرىسى، 47-ئايەت.
 ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىزاھات: ئالبېرت ئېينىشتېيىن 1905-يىلى ئۆزىنىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى ئېلان قىلغانغا قەدەر، ئىنسانلار ۋاقىتنى كائىناتنىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش ئۆتىدىغان مۇتلەق بىر نەرسە دەپ ئويلايتتى. ئەمما نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋاقىتنىڭ سۈرئەت ۋە تارتىش كۈچىگە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يەنى ۋاقىت نىسپىيدۇر. ئايەتتىكى ۋاقىتنىڭ ئىنسان ھېسابىدا باشقا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى باشقا بىر ماكان-زامان ئۆلچىمىدە) باشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىشى، 14 ئەسىر ئىلگىرىلا ۋاقىتنىڭ مۇتلەق ئەمەسلىكىنى، كۆزەتكۈچى ۋە ماكانغا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىنسانىيەتكە جاكارلىغانلىقتۇر. 

5. ئوربىتا مېخانىكىسى: بوشلۇقتا ئۈزۈش
 ئايەت: «ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى، كۈن بىلەن ئاينى ياراتتى، (كۈن بىلەن ئاينىڭ) ھەر بىرى بىر پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ.» مەنبە: ئەنبىيا سۈرىسى، 33-ئايەت.
 ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىزاھات: قەدىمكى دەۋردىكى كىشىلەر قۇياشنى ئاسمان گۈمبىزىگە قېقىلغان بىر چىراغ دەپ ئويلايتتى. كېيىنكىلەر بولسا قۇياش تۇرىدۇ، يەر شارى ئۇنى ئايلىنىدۇ دەپ ئويلىدى. ئەمما بۈگۈنكى زامانىۋى ئاسترونومىيە شۇنى ئىسپاتلىدىكى: پەقەت ئاي ۋە يەر شارىلا ئەمەس، بەلكى قۇياشمۇ ئۆز ئوربىتىسى بىلەن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ، سېكۇنتىغا 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق سۈرئەت بىلەن «ئۇچۇپ» مېڭىۋاتىدۇ. تېخىمۇ گۈزەل يېرى، ئايەتتىكى «ئۈزۈپ يۈرىدۇ» (يەسبەھۇن) سۆزىدۇر. بۇ سۆز بىر جىسىمنىڭ بوشلۇقتا ياكى سۇيۇقلۇقتا سىرتنىڭ كۈچىسىز، ئۆز ئېنېرگىيەسى بىلەن تەبىئىي، سىلىق ھەرىكەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بوشلۇقتىكى يۇلتۇز ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى بۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل تەسۋىرلەيدىغان باشقا بىر فىزىكىلىق ئاتالغۇ تېپىش تەس. 

ئاخىرقى تەپەككۇر
 ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، ئەمدى بىر ئاز توختاپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى. ئىنسانىيەت تېلېسكوپ، مىكروسكوپ، سۈنئىي ھەمراھلار ۋە نەچچە مىڭلىغان ئالىملارنىڭ ئەسىرلەر بويى قىلغان جاپالىق تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېتىپ كەلگەن بۇ مۇرەككەپ فىزىكىلىق ھەقىقەتلەر، قانداق بولۇپ ھېچقانداق تېخنىكىسى يوق بىر چۆلدە، ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەيدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ تىلىدىن شۇنچىلىك ئېنىق، شۇنچىلىك ئىخچام بايان قىلىنىپ قالىدۇ؟ بۇنى بىر «تاسادىپىيلىق» دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئەقىل يول قويامدۇ؟ فىزىكا بىزگە تەبىئەتنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەمما قۇرئان بىزگە تەبىئەتنى كىمنىڭ، نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلىپ ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىلىم-پەن كائىناتنىڭ مېخانىكىسىنى چۈشەندۈرسە، قۇرئان ئۇنىڭ پەلسەپىسى ۋە روھىنى بايان قىلىدۇ. شۇڭا بىز مۇقەررەر ھالدا شۇ يەكۈنگە كېلىمىزكى: كائىناتنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى يازغان زات بىلەن، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى نازىل قىلغان زات — ئوخشاش بىر زاتتۇر.قۇرئاننى ئىلىم-پەن ئارقىلىق سىناشنىڭ ئورنىغا، ئىلىم-پەن ئارقىلىق قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ ھەق سۆزى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تونۇپ يېتەلەيمىز. چۈنكى ھەقىقەت بىردۇر، ئۇ پەقەت ئوخشىمىغان تىللاردا (بىرى تەبىئەت تىلىدا، يەنە بىرى ۋەھىي تىلىدا) ئۆزىنى نامايان قىلماقتا. سەنمۇ شۇنداق ھېس قىلمىدىڭمۇ؟
Teknoloji
ئەلانۇر
53 كۈن بۇرۇن
 كىۋانت فىزىكىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ 


 ھەرقېتىم كىۋانت دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭغا ئابىستىراكىت چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىمىز. بۇنداق ئېنىقسىز ۋە غەلىتە نەزەرىيە قارىماققا بىزدىن ناھايىتى يىراقتەك، بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئۇنداقتا ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىۋانتنىڭ رولى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ھازىرقى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكى كىۋانت نەزەرىيەسى ئاساسسىدا تەرەققىي قىلغان. ئەگەر كىۋانت بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىز تەجرىبىخانا دېگەندەك يەرلەرگە بېرىش ھاجەتسىز. پەقەت سودا سارايدىن بىرسىگىلا بارسىڭىز كۇپايە. بەزى سودا سارايلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولغۇچە «كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ» دېمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ يېپىلىدۇ. بۇنداق ئىشىكلەرگە فوتوئېلىكتېرىك تۇرۇبا دېگەن نەرسە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياپراقچىدىن تۈزۈلگەن بىر سېنزور. سېنزورنىڭ نۇرى توسۇلغان ھامان قۇرۇلما ھەرىكەتلىنىپ ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ. سودا سارايلاردىكى سىفىرلىق كامېرا، چىراغ سېنزورى، ھېسابلىغۇچ، DVD، لازىر نۇرلۇق پىرىنتىر، ئوپتىكىلىق مائۇس، نەرسە ئالغاندا تاياقچە كود سايىلەيدىغان ماشىنىدىن تارتىپ ھەممىسى فوتو ئېلىكتىرىك ئېففىكتىنى قوللىنىدۇ. پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى تىلغا ئالغاندا 20-ئەسىردىكى مۇھىم كەشپىيات بولغان كىرىستال لامپىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. كىرىستال لامپا بولمىغان بولسا يانفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، رادىيو قاتارلىقلارمۇ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. كىرىستال لامپا توك يولىدا توك ئېقىمىنى ئۈلەشتۈرۈش ۋە ئېقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ 1974-يىلى كەشپ قىلىنىپ، ۋاكۇئۇم تۇرۇبىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ۋاكۇئۇم تۇرۇبا بىر چوڭ لامپۇچكىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئالقانچىلىك كېلىدۇ. كىرىستال لامپىنىڭ چوڭلىقى بولسا بىر سانتىمېتىرنىڭ نەچچە مىليوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. دەسلەپكى كومپيۇتېرغا ۋاكۇئۇم تۇرۇبا ئىشلىتىلگەچكە ھەجىمى چوڭ، باھاسىمۇ قىممەت ئىدى. كىرىستال لامپا پەيدا بولۇپ، ئۆزەك ئىجاد قىلىندى. توك يولىنىڭ كىچىكلىشى ئەمەلگە ئاشتى. بۇرۇنقى نەچچە ئۆيگە لىق كېلىدىغان كومپيۇتېر بىر سومكىغا پاتقۇدەك بولدى. كىۋانت ئىلمى بىلەن بىيولوگىيە تېخنىكىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈندىن-كۈنگە زىچلىشىپ، كىۋانت تېخنىكىسى تېببىي ساھەدىمۇ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن كىۋانت رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش ئۇسۇلىدا راك ھۈجەيرىلىرىگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارى ئۇنىڭدىكى ئۆزەك سانىغا باغلىق. ئىنتىلنىڭ قۇرغۇچىسى 1965-يىلى مور قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كومپيۇتېردىكى ئۆزەككە پاتىدىغان كىرىستال لامپا سانىنىڭ ھەر 18 ئايدا بىر ھەسسىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇنى ئېنىقراق چۈشەندۈرگەندە، ھازىرقى ئادەتتىكى بىر يانفوننىڭ ئىقتىدارى ئەينى چاغدا ناسا ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىدىنمۇ كۈچلۈك. بىراق كىرىستال لامپا كىچىكلەپ ئاتوم چوڭلۇقىدا بولغاندا توختاپ قالىدۇ. بۇ چاغدا كىۋانت ئىلمىدىكى ئاجايىپ قانۇنىيەتلەر كۈچكە كېلىدۇ. ئادەتتىكى كومپيۇتېردا ئەڭ كىچىك بىرلىك «بىت» بولۇپ، ئىككىلىك سىستېما دېيىلىدۇ. بۇنى «0» ۋە «1» بىلەن ئىپادىلەيدۇ. كىۋانت كومپيۇتېرىدا «0» بىلەن «1»نى ھەسسىلەپ تۇرۇپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئارقىلىق ھېسابلاش سۈرئىتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ
Teknoloji
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
87 كۈن بۇرۇن
   نۇر: فىزىكىلىق رېئاللىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتنىڭ ئۇچرىشىشى

 ئىنسانىيەت تارىخىدا «نۇر» ھەم ماددىي دۇنيانىڭ تۈپ قانۇنىيەتلىرىنى يېشىپ بېرىدىغان فىزىكىلىق ئاچقۇچ، ھەم مەنىۋى دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلاھىي سىمۋول بولۇپ كەلدى. زامانىۋى ئىلىم-پەن كائىناتنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەلۇم يەكۈنلەرگە كەلگەن بولسا، ئىسلام دىنى قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىۋى ۋە غەيبىي تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ماقالىدە، بىز قۇرئان ئايەتلىرى، سەھىھ ھەدىسلەر ۋە زامانىۋى كىۋانت فىزىكىسى شۇنداقلا نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قاتارلىق ئاكادېمىك مەنبەلەرگە تايىنىپ، «نۇر» نىڭ كائاناتتىكى ئورنىنى دىنى ۋە پەننى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىمىز.

 1. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نۇرنىڭ ئورنى: قۇرئان كەرىمدە نۇرنىڭ كائاناتنىڭ ئەڭ تۈپكى ماھىيىتىگە تۇتىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ: «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر...» (سۈرە نۇر، 35-ئايەت). تەپسىر ئالىملىرى بۇنى «ئاسمان-زېمىننى باشقۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلارنى ھىدايەت بىلەن نۇرلاندۇرغۇچى» دەپ شەرھلەيدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ يارىلىش مەنبەسى: سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن بىر ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلدى، جىنلار تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلدى، ئادەم سىلەرگە بايان قىلىنغان نەرسىدىن (تۇپراقتىن) يارىتىلدى.» (مۇسلىم، 2996-ھەدىس). بۇ ھەدىس كائىناتتا بىز كۆرەلمەيدىغان، ماسسىسىز، ئەمما غايەت زور ئېنېرگىيەگە ۋە تېزلىككە ئىگە بىر ئاڭلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ (پەرىشتىلەرنىڭ) ئەسلى ماتېرىيالى «نۇر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

 2. زامانىۋى فىزىكىدا نۇر: كائاناتنىڭ تۈپكى ئۆلچىمى زامانىۋى فىزىكىدا نۇر (فوتونلار) زامان، ماكان ۋە ماددىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. ئالبېرت ئېينىشتىيىننىڭ 1905-يىلى ئېلان قىلغان «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» ۋە ماكىس پىلانك باشلامچىلىق قىلغان كىۋانت نەزەرىيەسى بىزنىڭ نۇرغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. زامانىۋى فىزىكىدا نۇر دولقۇن-زەررىچە ئىككىلىك خۇسۇسىيىتى بولغان «فوتون» دەپ ئاتىلىدىغان ماسسىسىز زەررىچە سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. نۇرنىڭ بۇنداق قوش تەبىئەتكە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ كائاناتتىكى ئەڭ غەلىتە ۋە سىرلىق مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر تەڭلىمىسى E = mc2 ماددا بىلەن ئېنېرگىيەنىڭ (شۇ جۈملىدىن نۇرنىڭ) ماھىيەتتە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يەردە E ئېنېرگىيە، m ماسسا، c نۇر سۈرئىتى (تەخمىنەن 299,792,458 مېتىر/سېكۇنت). بۇ ئىلمىي يەكۈن، كائاناتتىكى بارلىق قاتتىق جىسىملارنىڭ ئەسلىدە بىر قۇتۇپلاشقان «ئېنېرگىيە (نۇر)» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ، دىنىي جەھەتتىكى «پۈتۈن كائانات ئاللاھنىڭ كۇن (بول) دېگەن بىرلا سۆزى (ئېنېرگىيەسى/قۇدرىتى) بىلەن پەيدا بولغان» دېگەن ئەقىدىگە پەلسەپىۋى جەھەتتىن ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

 3. چوڭ پارتلاش ۋە ئالەمنىڭ نۇرغا تولۇشى: ئاستروفىزىكا ئالىملىرى كائاناتنىڭ يارىتىلىش پەيتىنى تەتقىق قىلغاندا «چوڭ پارتلاش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاكادېمىك كائاناتشۇناسلىق ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مىنۇتلاردا كائاناتتا ھېچقانداق قاتتىق ماددا يوق ئىدى؛ پۈتۈن كائانات پەقەت نۇردىن (فوتونلاردىن) ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رادىئاتسىيەدىن تەركىب تاپقان ئىدى. قۇرئاندىكى: «ئاسمانلار ۋە زېمىن بىر تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىدۇق...» (ئەنبىيا سۈرىسى، 30-ئايەت) دېگەن بايان ۋە باشتىكى «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر» دېگەن سىمۋوللۇق ئايەت، ئىلىم-پەننىڭ مۇشۇ بايقاشلىرى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاشلىق ھاسىل قىلىدۇ.

 4. ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشى: نۇرنىڭ فىزىكىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىرى — ماددىلارنىڭ سۈرئىتى نۇر سۈرئىتىگە يېتىشكەندە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىدۇر. زامانىۋى فىزىكىدىكى «ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشى» تەڭلىمىسىگە قارايدىغان بولساق: (Δ t ′ = Δ t / sqrt(1 − v 2/ c 2 ​ئەگەر بىر جىسىمنىڭ سۈرئىتى ( v ) نۇر سۈرئىتىگە ( c ) يەتسە، ۋاقىت توختاپ قالىدۇ. يەنى فوتون (نۇر) ئۈچۈن ۋاقىت مەۋجۇت ئەمەس. فوتون كائاناتنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە نەچچە مىليارد يىلدا بارغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى ئۈچۈن بۇ مۇساپە نۆل سېكۇنتتا تاماملانغان بولىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى ئەسلىتىدۇ. فىزىكا قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، پەرىشتىلەر نۇر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار يەر شارىدىكى بىزنىڭ «ۋاقىت» چۈشەنچىمىزگە بويسۇنمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن زامان-ماكان توسالغۇسى يوق. ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى ھەققىدە قۇرئاندا مۇنداق ئايەت بار: «پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئۆلچىمى ئەللىك مىڭ يىل بولغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەپ چىقىدۇ.» (سۈرە مەئارىج، 4-ئايەت). بۇ ئايەت ۋاقىتنىڭ سۈرئەتكە ۋە ماكانغا قاراپ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، 20-ئەسىردىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 خۇلاسە: مەيلى ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بولسۇن ياكى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئىلاھىي بايانلىرى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى بىزگە كائاناتنىڭ ئەڭ يادرولۇق ماھىيىتىنىڭ «نۇر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فىزىكا بىزگە نۇرنىڭ كائاناتنى قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە ماكان-زاماننى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، قۇرئان بىزگە نۇرنىڭ كىم تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىنى قانداق ھىدايەتكە باشلايدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دىن ۋە ئىلىم-پەن بىر-بىرىگە قارشى ئەمەس، بەلكى بىرى ماددىي دۇنيانىڭ تىلى بولسا، يەنە بىرى شۇ ماددىلارنى ياراتقان زاتنىڭ تىلىدۇر. ئىككىسى بىرلىشىپ، بىزنى مۇتلەق ھەقىقەتكە يېتەكلەيدۇ.

  -سەرخىللار مۇنبىرى