سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#مائارىپ
مائارىپ
ئەلانۇر
15 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى



«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» دىن ئېلىندى.


ئىملا مەلۇم بىر تىلنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان. ئىملانى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەن سۆز مەلۇم بىر يېزىق تىلىنىڭ يېزىلىش قائىدىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق شەخسىي ئىملا ئادەتلىرى ئورنىغا ئىلمىي، سىستېمىلىق، ھەممىگە ئومۇمىي بولغان قائىدىلەرنى تۇرغۇزۇش دېگەن سۆز. مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى. شۇڭا، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يېزىق ئەدەبىي تىلى ئۈچۈن ھەممىگە ئومۇمىي بولغان ۋە ھەممىنىڭ رىئايە قىلىشى مەجبۇرىي بولغان يېزىش قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ھەم شۇ ئارقىلىق شۇ ئورتاق تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتنىڭ ئوز ئوي – پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى تولۇق، ئۇقۇشلۇق بايان قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش شۇ مىللەتنىڭ تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنى توستۇرۇش ساھەسىدىكى زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىدا تەدرىجىي ھالدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دەۋرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ – دە، تىلنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا مۇقىملىشىپ قالغان قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئورنىغا يېڭى قائىدىلىرىنى تىكلەش لازىم بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىملانى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگىنىمىز يېزىق ئەدەبىي تىل دائىرىسىدە بىر دەۋرلىك قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، شۇ دەۋر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش، يېزىق ئەدەبىي تىلىنى توغرا تەرەققىيات يولىغا سېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئىملا قائىدىلىرى بىر يېزىق ئەدەبىي تىل ئۈچۈن ئېيتقاندا مەڭگۈلۈك ۋە مۇتلەق ئەمەس، ئۇ دەۋر ئېتىبارى بار ۋە نىسبىي نەرسە. بىر تىل ئۈچۈن تۈزۈلگەن ياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئاممىنىڭ ئەتراپ قىلىشىغا ئىگە بولغان مۇنداق قائىدىلەر گەرچە بىر تىلنىڭ يېزىلىش ئۇسۇللىرىنى پەقەت نىسپىي تۇراقلىققا ئىگە قىلىش رولىنىلا ئوينىسىمۇ، لېكىن يېزىق تىلىنىڭ جانلىق تىلغا نىسبەتەن يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا دائىم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، تىلدا مۇنداق نىسپىي تۇراقلىق بولمىسىمۇ بولمايدۇ. بىر تىل ئۈچۈن ھەممە ئېتىراپ قىلغان ۋە رىئايە قىلىدىغان يېزىش قائىدىلىرى تۇرغۇزالمىسا، يەرلىك شېۋىلەر ۋە شەخسلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلىدىن يېزىق تىلىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. شەخسلەرنىڭ جانلىق تىل ۋە يېزىش ئادەتلىرى بىلەن قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرقاچان زىددىيەت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ھەممە ئۈچۈن ئومۇمىي بولغان يېزىش قائىدىلىرى ئورتاق مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق بولغان قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشنى، شەخسىي شېۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتماي، ئورتاق مىللىي تىلنى كۆزدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى ۋە ئىملا لۇغىتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرى بىلەن تەلەپپۇز لۇغىتى تىلىمىزدا مانا مۇشۇنداق بىر دەۋرلىك تۇراقلىقلىقىنى تەمىن ئېتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى مەزمۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە بىرلەشتۈرۈپ بىر كىتاب قىلىپ تۈزۈلدى. 3. “ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى”نىڭ تۈزۈلۈش پرىنسىپلىرى ھەر قانداق بىر يېزىق تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى مەلۇم بىر پرىنسىپقا ئاساسلانغان بولىدۇ. بۇ پرىنسىپلارنىڭ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ، تارىخىي (ئەنئەنىۋى) پرىنسىپ، فونېتىكىلىق پرىنسىپ ۋە ئايرىش (پەرقلەندۈرۈش) پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ 50 – يىللاردىن ئېتىبارەن تۈزۈلگەن بىرقانچە قېتىملىق ئىملا قائىدىلىرىدە قايسى پرىنسىپنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ بولىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، كۆپىنچە ئىستىخىيىلىك ھالدا فونېتىكىلىق پرىنسىپ ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلگەندى. 1985 – يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسى بىلەن ئىملا لۇغىتىدە گەرچە مورفولوگىيىلىك پرىنسىپىنىڭ ئاساس، فونېتىكىلىق پرىنسىپىنىڭ قوشۇمچە قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پرىنسىپلارنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيلىشىش ئورۇنلىرى دېگەندەك شەرھىلىنىپ كەتمىگەن. شۇنىڭدەك، 1987 – يىلى تۈزۈلگەن “تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن تەلەپپۇز لۇغىتى” دە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىدە يېزىق تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەم بۇ ھەقتىكى پرىنسىپلار دېگەندەك يورۇتۇلۇپ كەتمىگەن. شۇڭا بۇ نۆۋەت ئىملا ۋە تەلەپپۇز پرىنسىپلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئىملا ھەققىدىكى پرىنسىپلار 1) مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بۇ پرىنسىپ تىلنىڭ ھازىرقى (سىنھىرونىك) ھالىتىدىكى يىلتىز ياكى ئۆزەكلەرنىڭ (مەيلى يەككە تەلەپپۇز ھالىتىدە بولسۇن ياكى مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشلىرىگە كىرگەندە بولسۇن) تۈپ قۇرۇلمىسى يېزىقتا ساقلاش، يۈز بەرگەن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلماسلىق پرىنسىپىدۇر. گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خېلى دەرىجىدە قېلىپلىشىش ۋە ئومۇملىشىش دەۋرىنى كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا دىئالېكتلار، شېۋىلەرنىڭ تەسىرلىرى تېخى تامامەن تۈگەپ كەتمىدى. 80 – يىللارغىچە ئىملادا ئاساس قىلىنىپ كېلىنگەن فونېتىكىلىق پرىنسىپ ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلى ئىملاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە دىئالېكتلار ۋە شېۋىلەرنىڭ تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلمىدى، بەلكى ئومۇمىي جانلىق تىلنى ئەگىشىپ مېڭىش خاھىشىغا يول ئېچىپ قويدى. مەسىلەن، پەس سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلۈپ “ر، ل” بىلەن ئاخىرلاشقان “ئال- ، بول-، تەر-، بەر-” قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى “ر، ل” تاۋۇشلىرى يالغۇز تەلەپپۇز قىلغاندا، بەزى دىئالېكتلاردا چۈشۈرۈلسىمۇ، بەزى دىئالېكتلاردا چۈشۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرنى يەككە ھالىتىدە يېزىشتا ياكى بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا يېزىشتا دائىم ئىككى خىللىق ساقلىنىپ كەلدى. فونېتىكىلىق پرىنسىپ پەقەت مۇنداق مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش تەس. لېكىن، مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ پەقەت مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئەسلىنى ساقلاپ يېزىش دېگەن بىرلا قائىدە بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى “- نىڭ” مۇ جانلىق تىلدا “نۇڭ”، “نۈڭ” دېگەن تۇرلىرى بىلەن ئۇچ ۋارىيانتقا ئىگە. لېكىن، بۇ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بويىچە بولغاندا “- نىڭ” دەپ بەلگىلىنىپ، قوشۇمچىلارنىڭ ئىخچاملىنىشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭدەك، قوشۇمچىلارنىڭ سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تۈپەيلىدىن بولىدىغان ۋارىيانتلىرى، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئاجىزلىشىشى قاتارلىق بىرمۇنچە مۇرەككەپ فونېتىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پەقەت مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى قوللىنىش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىنى تۈزۈشتە مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ ئاساس قىلىندى. سۆزلەر گرامماتىكىلىق تۈرلىنىشىگە كىرگەندە، سۆز يىلتىزى ۋە ئۆزەكلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەردىن ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشلىرى يېزىقتا ساقلانمىدى. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى چەكلەنگەن فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى بىلەن ئىملا لۇغىتىنى تۈزەشتە نوقۇل مورفولوگىيىلىك پرىنسىپىنى قوللىنىش بىلەنلا ھەممە ئىملا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىل ئوتتۇرىسىدىكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش يۈزىسىدىن باشقا پرىنسىپلارغىمۇ مۇۋاپىق ھالدا ئېتىبار بېرىش ئىملا پرىنسىپلىرىمىزنىڭ يەنە بىر قوشۇمچە تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. 2) تارىخىي (ئەنئەنىۋى) پرىنسىپ بۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە تارىخىي جەھەتتىن قېلىپلىشىپ قالغان شەكلىنى يېزىقتا ئىپادىلەش پرىنسىپىدۇر. تىلىمىزدا تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىرقەدەر مۇرەككەپ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەچۈرگەن بىر قىسىم تۈپ سۆز ۋە سىنتېتىك ئۇسۇل بىلەن ياسالغان ياسالما سۆزلەر بار؛ شۇنىڭدەك گەرچە ئىككى مۇستەقىل تەركىبتىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۆز-ئارا زىچ بىرىكىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى مورفولوگىيىلىك قىسىملارغا ئايرىشنىڭ ھازىرقى ئىملايىمىز ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى بولمىغان ۋە تىلىمىزدا بىر تۈپ سۆز تەرىقىسىدە قارىلىدىغان سۆزلەر بار. تارىخىي پرىنسىپ مانا مۇشۇ رېئاللىقنى يېزىقتا ئىپادىلەش پرىنسىپىدۇر. بۇ قېتىم ۋە ئالدىنقى قېتىم تارىخىي پرىنسىپ قوللىنىلغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىدە ئىككى مۇستەقىل سۆزدىن قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان بولسىمۇ، ھازىر بوغۇملىرى قىسقىرىپ، بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن سۆزلەر: سەككىز + ئون = سەكسەن بۇ + كۈن = بۈگۈن بىلەك + ئۈزۈك = بىلەزۈك تۈنە + كۈن = تۈنۈگۈن كۆك + ئوت = كوكات ئاغا + ئىنى = ئاغىنە بىر مۇستەقىل سۆز ۋە بىر ياكى ئىككى – ئۇچ ياسىغۇچى قوشۇمچە ئارقىلىق ياسالغان بولسىمۇ، تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە بوغۇملىرى قىسقىرىپ قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر: ئور + مە + چۇك = ئۆمۈچۈك بىلە – + گۈ = بىلەي يىغا + لا = يىغلا – (يىغلىماق) قۇرۇ – + غ + سا + ق = قورساق تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن تاۋۇشلىرى ئۆزگەرگەن ياكى قىسقارغان ۋە ئۇزاق زامان شۇنداق قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر: تاۋىشغان = توشقان تاقاغۇ = توخۇ يوغۇرقان = يوتقان قائىدىگە خىلاپ بولسىمۇ، ئەنئەنە بويىچە قوشۇلۇۋاتقان بەزى قوشۇمچىلار، بەزى ئومۇمىي بولمىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر: كەل + تۇر = كەلتۈر – ئول + تۇر = ئولتۇر (بۇلارغا قائىدە بويىچە “- دۇر” قوشۇمچىسى قوشۇلۇشى لازىم ئىدى) چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ، ئەسلىدىن پەرقلىنىپ كەتكەنلىرى: چەيدو (خەنزۇچىدا چەيداۋ) كالاش (رۇسچىدا گالوش) لازا (خەنزۇچىدا لازى) پەتنۇس (رۇسچىدا پوندنوس) مىجەز (فارسچىدا مىزاج) ھويلا (فارسچىدا ھاۋلى) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىملاسى تارىخىي پرىنسىپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان مۇنداق سۆزلەرنىڭ سانى خېلى بار. شۇڭا، تىلىمىزدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ تۇرغۇن ھالەتتىكى ئىملاسى مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بىلەن تارىخىي پرىنسىپنى ئاساس قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. 3) فونېتىكىلىق پرىنسىپ بۇ پرىنسىپ تىلنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى يىلتىز ياكى ئۆزەكلەرنىڭ يەككە تەلەپپۇز ھالىتىدە ياكى ئۇلارنىڭ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە كىرگەندە كۆرۈلىدىغان، شۇنىڭدەك سۆزلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەش پرىنسىپىدۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىدا بۇ پرىنسىپ كۆپىنچە پېئىللارغا ياردەمچى پېئىللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان بىر قىسىم ئانالىتىك شەكىللەرنىڭ سىنتېتىك شەكىللەرگە ئايلىنىشى ياكى يۈزلىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان بىر قىسىم بىرىككەن سۆزلەردە، قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان بىر قىسىم ياسالما سۆزلەردە سۆزنىڭ ئوچۇق بوغۇمىدا ئۇرغۇسىنى يوقاتقان “ئا، ئە” تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلدى. سۆزنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە فونېتىكىلىق پرىنسىپ مۇتلەقلەشتۈرۈلمىدى. سۆز تۈرلىگۈچى ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بولغان تاۋۇشلارنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىش قانۇنىغا ئاساسەن چەكلىك فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە مۇقىملاشتۇرۇلدى. 4) ئايرىش (پەرقلەندۈرۈش) پرىنسىپى بۇ پرىنسىپ كۆپىنچە بىر يىلتىز ياكى ئۆزەكتە مەلۇم فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئۇ سۆزنى ئىككىگە ئايرىش ۋە يېزىقتا ئىككى خىل قوللىنىشقا قارىتىلغان. مۇنداق ئىككىگە ئايرىش بەزەن سېمانتىكىلىق مەنىنىڭ تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن تىلنىڭ ئوز تەرەققىياتىدا يۈز بەرسە، بەزەن جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ۋە كېيىنچە ھەر ئىككىسىنىڭ يېزىقتا ئوخشاش ئىپادە قىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان سۆزلەرنىڭ سانى كوپ ئەمەس، ئەمما مۇنداق قىلىش ئۇيغۇر تىلى سۆز بايلىقىنىڭ ئېشىشىغا مەلۇم ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان سۆزلەر ئەسلى ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىدىمۇ، سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر (مەسىلەن، ئەرەب – پارس تىلى سۆزلىرى، رۇس تىلى ئارقىلىق كىرگەن سۆزلەر) دىمۇ ئوخشاش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ئوخشاش بىر مەنىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇش شارائىتى ئوخشاش بولغان ئورۇنلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: تارتۇق (سوۋغا) تا (ر) تۇق (يارا ئىزى) تىنچىق (دىمىق) تۇنجۇق- (ھاۋا يېتىشمەسلىك) ئاغدۇر – (تەتۈر ئۆرۈمەك) ئاختۇر – (ئىزدىمەك) ئاچىق (ئېچىلغانلىق) ئاچچىق (سۈپەت) قېتىق (ئىسىم) قاتتىق (سۈپەت) ئۇلۇغ (ئالىي مەرتىۋىلىك) ئۇلۇق (چوڭ) تاۋۇش (ئاۋاز) تىۋىش (بىلىنەت – بىلىنمەس ئاۋاز) قورۇ (ھويلا) غورۇ ئۇتتۇرا ئۇدۇل دالا تالا (ئوينىڭ سىرتى) خەلق ھەق (باشقىلار، كىشىلەر) دوكتور (ئۇنۋان) دوختۇر (كېسەل داۋالىغۇچى) مېھنەت (ئەمگەك، جاپا) مەينەت (پاسكىنا) ۋاقىت ۋاھ (ۋاھ قالماق) ئېتىبار (ئېتىبار بەرمەك) ئەتىۋار (سۈپەت) قارار قەرەل ئۇستاز ئۇستا ئۇلاغ (ئات – ئۇلاغ) ئۇلاق ئىششىق ئۇششۇق (مۇتىھەم) ئوچۇق ئېچىق (ئېتىزنىڭ ئېچىقى) يويۇق (ئاتنىڭ يويۇقى) يېپىق (سۈپەت) ئىزدە – (ئىزىنى ئىزدىمەك) ئىزدە – ، ئىستە – باشقۇر – (باشقۇرۇش) باشقارما كېسەك كېسىك (سۈپەت) كېزەك (نۆۋەت) كېزىك (كېسەل) توغرىلىق (ئىسىم) توغرۇلۇق (تىركەلمە) دۆلەت (مەملىكەت) دەۋلەت (بايلىق) زېھىن (پاراسەت) زەن (زەن سالماق) تەيىن (تەيىنلىمەك) تايىن (تايىنى يوق) شان (شان – شەرەپ) شەن (شەنىگە …) شەرم (شەرم-ھايا) شەم (بىشەم) ئەدەبىي تەلەپپۇز ھەققىدىكى پرىنسىپلار مەلۇمكى، ئىملا قائىدىلىرى بىر يېزىق ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە، تەلەپپۇز قائىدىلىرى بىر ئەدەبىي تىلنىڭ جانلىق تىل (ئېغىزچە) شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. مەلۇم بىر ئەدەبىي تىل ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالاقە شارائىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن، ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن قېلىپلاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئورتاق بىر مىللىي تىلنى مۇنداق ئىككى جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنىلا تەكىتلەپ، ئىككىنچى بىر تەرىپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭىيىشىغا ۋە بارغانسېرى جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، نەتىجىدە، ئوقۇش – ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىش ئىشلىرىغا، ئومۇمەن ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەدەبىي جانلىق تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي يېزىق تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش پەقەت بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ سانىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تۈزۈش ھەققىدىكى پرىنسىپلارنى تۆۋەندىكىچە بېكىتىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمىز. ئومۇمىي جەھەتتىن ئەدەبىي تەلەپپۇزدا يېزىق ئەدەبىي تىل نورمىلىرىنى ئۆلچەم قىلىش يەنى يېزىق ئەدەبىي تىل بىلەن بىردەك بولۇشنى تەكىتلەش. ئايرىم ئەھۋاللاردا يېزىق ئەدەبىي تىلنى قوغلاشماسلىق. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىي جانلىق تىلمۇ ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يەنى كونكرېت ئالاقە شارائىتىدا يېزىقتا مەلۇم بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان ياكى بەلگىلەنسىمۇ تەلەپپۇزدىكى راۋانلىق ۋە ئاسانلىقنى قوغلىشىش زۆرۈرىيىتىدىن يېزىقتىكىدىن ئۆزگىچە تەلەپپۇز قىلىش لازىم بولغان فونېتىكىلىق ھادىسىلەر بولىدۇ. بۇلار ھەققىدىكى قائىدىلەرنى بېكىتىشتە ئەلۋەتتە يېزىق ئەدەبىي تىل بىلەن بىر خىلدا بولۇشنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ، مۇنداق قىلىش جانلىق ئەدەبىي تىلنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېزىق شەكلى ۋە تەلەپپۇزىغا ئائىت قائىدىلەر بېكىتىلگەندە، يەنىلا شۇ بىر دەۋرلىك نىسپىي مۇقىملىق كۆزدە تۇتۇلدى. بۇ ھەقتىكى قائىدىلەرنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىگە بېقىندۇرۇپ قويۇلمىدى، يەنى ھەرقايسى دىئالېكتلاردا ئوخشاشلا نۇتۇق ئېقىمىدا فونېمىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تەبىئىي فونېتىكىلىق ھادىسىلەردە يېزىق تىل ئۆلچىمى ئاساس قىلىنمىدى. مەسىلەن، نۇتۇقتا بوغۇم ئاخىرىدىكى پارتلىغۇچى ياكى پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارنىڭ سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئايلىنىپ كەتىشى، پەس سوزۇق تاۋۇشلاردىن كېيىن بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ‹ر، ل› تاۋۇشلىرىنىڭ تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قېلىشى قاتارلىقلار. دىئالېكتلار ئارا پەرقلىق بولغان، لېكىن يېزىق تىل ئۆلچىمىدە تەلەپپۇز قىلىش نۇتۇقنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان فونېتىكىلىق ھادىسىلەردە يېزىق تىل ئۆلچىمى ئاساس قىلىندى. مەسىلەن، “ق، ك، پ” تاۋۇشلىرىنىڭ ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارلىقىدىكى ئاجىزلاشماسلىقى قاتارلىقلار. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» دىن ئېلىندى.
مائارىپ
ئەلانۇر
19 كۈن بۇرۇن
 ​رەقەملىك مائارىپ دەۋرىدىكى ئارقا سەپ

  ئەلا نۇر 
 

تور دەرسى ۋە تاپشۇرۇقلاردا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ رولى ​


 تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مائارىپ ئەنئەنىۋى دەرسخانىلاردىن ھالقىپ، تور دۇنياسىغا يۆتكەلدى. بۇ جەريان ئوقۇغۇچىلارغا چەكسىز بىلىم مەنبەسى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىكىدىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن زور سىناقلارنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ بالاغەت دەۋرىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تور دەرسىدە زېھنىنى يىغىشى ۋە تور تاپشۇرۇقلىرىنى سۈپەتلىك تاماملىشىدا، ئائىلە باشلىقىنىڭ رولى «نازارەتچى» لىكتىن ھالقىپ، «ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى» لىككە كۆتۈرۈلۈشى لازىم. ​

1. ئۆگىنىش ئاتموسفېراسى ۋە فىزىكىلىق مۇھىت يارىتىش ​تور دەرسىنىڭ ئۈنۈمى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى «دەرسخانىدا» ھېس قىلىشىغا باغلىق. ئائىلە باشلىقىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى مۇۋاپىق ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاشتۇر: ​مەخسۇس رايون: ئوقۇغۇچىنىڭ ياتاقتا ياكى ئائىلە ئەزالىرى كۆپ جەم بولىدىغان شاۋقۇنلۇق جايدا ئەمەس، بەلكى جىمجىت، يورۇق ۋە تەرتىپلىك بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ​تېخنىكىلىق كاپالەت: تور سۈرئىتى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرس جەريانىدا كاشىلا قىلماسلىقىنى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىنىڭ تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن دەرسكە بولغان قىزىقىشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 ​2. ۋاقىت باشقۇرۇش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ​توردا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلار ئوقۇغۇچىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تەلەپ قىلىدۇ. ئائىلە باشلىقى بۇ جەرياندا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ: ​پىلان تۈزۈشكە ياردەم بېرىش: تاپشۇرۇقلارنىڭ تۈرى ۋە تاپشۇرۇش ۋاقتىغا قاراپ، كۈنلۈك ۋە ھەپتىلىك پىلان جەدۋىلى تۈزۈپ بېرىش. ​«ئېكران ۋاقتى» نى تەڭشەش: تور دەرسىدىن كېيىن يەنە تور تاپشۇرۇقى ئىشلەش كۆز ۋە مېڭىنى چارچىتىدۇ. ئائىلە باشلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇۋاپىق ئارام ئېلىشىنى، جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نازارەت قىلىشى زۆرۈر.

 ​3. پىسخىكىلىق ھەمدەملىك ۋە «ھەمراھ بولۇش» سەنئىتى ​بالاغەت دەۋرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئائىلە باشلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە «ساقچى» لىق قىلىشى قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، نازارەت قىلىش ئۇسۇلى سەمىمىي بولۇشى كېرەك: ​ئىشەنچ تۇرغۇزۇش: «مەن سېنىڭ توردا نېمە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن» دەپ گۇمانلىنىش ئەمەس، بەلكى «مەن سېنىڭ تور دۇنياسىدىكى نۇرغۇن جەلپ قىلىش كۈچلىرىنى تاقابىل تۇرۇپ ئوقۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىڭغا ئىشىنىمەن» دەپ ئىلھام بېرىش. ​قىيىنچىلىقنى تەڭ يېڭىش: ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولسا، بىرلىكتە مەنبە ئىزدەش ياكى ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت بېرىش ئائىلە باشلىقىنىڭ «دوستلۇق، تەقدىرداشلىق، سەپداشلىق» لىق رولىنى ئىپادىلەيدۇ. ​4. مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ​تور مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا « پەردە» بولىدۇ. ئائىلە باشلىقى بۇ پەردىنى يوقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ: ​ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش: بالىنىڭ تور دەرسىدىكى پوزىتسىيەسى، تاپشۇرۇقنى قىينىلىپ ئىشلەۋاتقانلىقى ياكى تورنىڭ دەرسكە تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئوقۇتقۇچىغا ئىنكاس قىلىپ تۇرۇش. ​نەتىجىگە ئەمەس، جەريانغا باھا بېرىش: تاپشۇرۇقنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ بەكرەك، بالىنىڭ توردىن بىلىم ئىزدەش جەريانىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنى ۋە تىرىشچانلىقىنى قەدىرلەش كېرەك. ​

خۇلاسە:
 ئوقۇغۇچىنىڭ تور دەرسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىلغارلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئارقا سەپتىكى ئائىلە باشلىقىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىدىدۇر. ئائىلە باشلىقى بالاغەت دەۋرىدىكى بالىسىنىڭ تور دۇنياسىدا يولىدىن ئادىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر نۇرلۇق چىراغ ۋە ئىشەنچلىك تايانچ بولۇشى شەرت. 
مائارىپ
ئەلانۇر
19 كۈن بۇرۇن
ئۆيدىكى بۇرۇقتۇرمىلىق  ۋە كوچىدىكى زوراۋانلىق


ئەلا نۇر 

 بالىلار پىسخىكىسىدىكى «يوشۇرۇن سىگنال»
ھېچ ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ: نېمە ئۈچۈن ئۆيىدە ئاجايىپ ئەدەپلىك، يۇۋاش كۆرۈنگەن بىر بالا مەكتەپتە قەبىھ بىر «مۇستەبىت»كە ئايلىنىپ، تەڭتۇشلىرىنى بوزەك قىلىدۇ؟ ياكى سىزنىڭ ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئازابلىق سۆزلىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىشى، ئىستېمال قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇشى — ئەسلىدە سىز ئۇنى دۇنياغا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۆي ئىچىدە قامىۋالغان «پىسخىكىلىق قالقان»نىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنىچۇ؟ پىسخىكا ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بالىلار دۇچ كېلىدىغان سۈيئىستىمال قىلىنىش،  بوزەك قىلىنىش ياكى باشقىلارنى خارلاش ھادىسىلىرى تۇيۇقسىز يۈز بەرمەيدۇ. بۇ، بالىنىڭ ئائىلە مۇھىتىدا «ئېتىراپ قىلىنىش، بىخەتەرلىك ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى»غا بولغان ئېھتىياجىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قاندۇرۇلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 

 1. تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى يىلتىزى:   مەكتەپ ھويلىسىدىكى توقۇنۇشلار پەقەت بىر كېچىكىپ كۆرۈلگەن ئاقىۋەت، خالاس. ئەسلى مەسىلە ئۆيدىكى مېھمانخانىدا باشلىنىدۇ: -
 «زوراۋانلىق»نىڭ يارىتىلىشى: ئەگەر بالا ئۆيىدە قىلغان ئىشىغا، سىزغان رەسىمىگە ياكى ياردەم ئىستەكلىرىگە نىسبەتەن «قەدىرلىنىش»كە ئېرىشەلمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ «قۇدرەتلىك»لىك ئېھتىياجىنى سىرتتىكى ئاجىزلارنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. زوراۋانلىق — كۈچ ئەمەس، بەلكى ئىچكى نۇقساننى ، بوشلۇقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان « ياردەم چۇقانى»دۇر. - 

«قۇربانلىق»نىڭ يارىتىلىشى: بىز ئائىلىدە بالىنى مۇتلەق بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇنى سىرتتىكى زىيانكەشلىكلەر ئالدىدا قورچاققا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. ئۆز ئاتا-ئانىسىغا «ياق» دېيىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بالا، ئۆزىنى دەي - دەيگە سالىدىغان، مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ قويىدىغان باشقىلارنىڭ قولچوماقچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆي ئىچىدە سۇندۇرۇپ قويۇپ، سىرتتىكى جەڭدە يېڭىلىپ قالغانلىقىغا ھەيران قالىمىز.

 2. كۆرۈنمەيدىغان زىيان ۋە «داۋالاش كېچىكتۈرۈلگەن ئاغرىق»:
  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ روھىي دۇنياسىغا يېتىدىغان زىياننى پەقەت جىسمانىي زەخمە (ئۇرۇش، تەن جازاسى) بىلەنلا ئۆلچەيدۇ. بىراق، ئەڭ ئېغىر جاراھەت «روھقا سېلىنغان تامغا»دۇر: - 
پىسخىكىلىق كەمسىتىش: سىنىپ ياكى دوستلار ئارىسىدىن چەتكە قېقىلىش، سۆزىگە سەل قارىلىش بالىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك پىسخىكىلىق يارا قالدۇرىدۇ. - يوشۇرۇن سىگناللار: بالا سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ سۈكۈت ئۇنتۇپ كېتىش ئەمەس، بەلكى «داۋالاش كېچىكتۈرۈلگەن ئاغرىق»تۇر. بۇ ئاغرىق كېيىنچە ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق ياكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان غەزەپ، زوراۋانلىق ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. 

 3.  بالىلاردا مۇستەھكەم «پىسخىكىلىق قالقان» بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك: -

 سۆزلەش قورقۇنچىسىنى يوقىتىش (ھەمكارلىق):
 ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت «باھالىغۇچى» ئەمەس، بەلكى «ھەمكارلاشقۇچى» خاراكتېرلىك بولۇشى كېرەك. بالا ئۆزىنىڭ كىچىك بىر بىئاراملىقىنىمۇ سىزگە ئېيتىشتىن قورقمىسۇن. تىڭشىلىدىغىنىنى، چۈشىنىشكە ئېرىشىدىغىنىنى بىلسۇن. سىزگە نىسبەتەن كۆڭلى توق بولسۇن. كۈندىلىك سۆھبەتتە «بۈگۈن سېنى نېمە بىئارام قىلدى؟» دەپ سوراش بالىدا  ئىشەنچ  يارىتىدۇ. - 

«ياق» دېيىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈش (چېگرا):
 رەت قىلىش ئەدەپسىزلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قوغداش ۋە شەخسىي چېگرالىرىنى بىلىشتۇر. بالىغا زۇلۇم ۋە بېسىم ئالدىدا قانداق رەت قىلىش، قانداق چېكىنىش ۋە كىمدىن ياردەم سوراشنى ئەمەلىي مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. -

 سۈكۈتتىكى سىگناللارنى ئوقۇش (سەزگۈرلۈك):
 بالىنىڭ مىجەزىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر — مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ياكى تۇغقانلار ئارىسىدا بولسۇن — ئۇنىڭ بىزگە بېرىۋاتقان «ياردەم  سىگنالى»دۇر. بۇ سىگناللارغا تېز ۋە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇش، بالىنىڭ پۈتۈن ھايات مۇساپىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

 ئەۋلاد تەربىيەسى — بالىنى دۇنيادىكى بارلىق خەتەرلەردىن قوغداش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنى ھەر قانداق خەتەرگە قارشى تۇرالايدىغان «پىسخىكىسى ساغلام شەخس» قىلىپ يېتىشتۈرۈشتۇر. تەربىيە بىر مىزان بولۇپ، سىز ئۇنى يا مۇھەببەت ۋە ئادالەت بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرىسىز، ياكى ئۇنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇپ بەدەل تۆلىشىگە قاراپ تۇرىسىز. ئۆيىڭىز بالىڭىز ئەركىن ھالدا «مەن ئۆزۈمنى ياخشى ھېس قىلمايۋاتىمەن» دەپ ئېيتالايدىغان، تۈگۈنلىرى يېشىلىدىغان ئەڭ ئارام بەخش  پاناھگاھ بولسۇن. 
مائارىپ
ئەلانۇر
19 كۈن بۇرۇن
 قۇشنى سۇ ئۈزۈشكە، بېلىقنى ئۇچۇشقا زورلىماڭ
  
ئەلانۇر

 بالىدىكى تۇغما قابىلىيەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تېپىش كېرەك.  دۇنيادا «ئەقىلسىز» بالا بولمايدۇ، بەلكى تېخى ئۆزىنىڭ تالانتى بايقالمىغان ياكى خاتا قېلىپقا سېلىنغان بالىلار بولىدۇ. كۆپىنچە چاغلاردا بىز قېلىپلاشتۇرۇلغان مائارىپ تۈزۈمىنىڭ تار دائىرىسىگە قاپلىنىپ قېلىپ، بالىلارنىڭ قىممىتىنى پەقەت ماتېماتىكا ياكى تىل نەتىجىسى بىلەنلا ئۆلچەيمىز. ھالباكى، ھەقىقەت بىز ئويلىغاندىن پەرقلىقتۇر.

 1. كۆپ خىللاشقان ئەقىل-پاراسەت نەزەرىيەسى: 

 ئىنساننىڭ ئەقلى بىر ئۆلچەم بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىر بالا مۇتەپەككۇر بولسا، يەنە بىرى تەنتەربىيەچى، يەنە بىرى رەسسام ياكى ناتىقتۇر. - 
ئىجتىمائىي ئەقىل: بەزى بالىلار ماتېماتىكا فورمۇلىلىرىنى تېز يادلىيالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلاردا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان، باشقىلار بىلەن تېز چىقىشىپ كېتەلەيدىغان ئاجايىپ بىر سېھىر بار. -
 بوشلۇق ۋە تەسەۋۋۇر ئەقلى: يەنە بەزىلەر شەكىل، رەڭ ۋە ئۆلچەملەر ئارقىلىق دۇنيانى تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە بىر بىناكار ياكى سەنئەتكار بولۇش يوشۇرۇن كۈچى باردۇر. -
 تىل ئەقلى: سۆز بىلەن سېھىرگەرلىك قىلىدىغان، مەنبەلىك دەلىللەر بىلەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان قابىلىيەت ئۆزى بىر چوڭ بايلىقتۇر.

 2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىدىكى ئۈلگىلەر 

 سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇئەللىم ئىدى. ئۇ زات ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى بىر قېلىپقا سېلىشقا ئۇرۇنمىغان، بەلكى ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتىنى قەدىرلىگەن. - خالىد ئىبنى ۋەلىدنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىكى ھەربىي تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دەپ ئاتىغان. - ھەسسان ئىبنى سابىتنىڭ تىلىدىكى پاساھەتنى كۆرۈپ، ئۇنى شېئىرىيەت مەيدانىغا ئات سالدۇرغان. - زەيد ئىبنى سابىتتىكى زېھىن ۋە تىل ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى بايقاپ، ئۇنى تەرجىمانلىق ۋە ۋەھىي پۈتۈكچىلىكىگە تەيىنلىگەن. بۇ «ھەر بىر ئۆسۈملۈكنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تۇپراققا تىكىش ۋە  سۇغىرىش» ئۇسۇلى ئىدى. 

 3. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسىيە:

  بالا بىر ئاپتوموبىل ئەمەس، سىز ئۇنى خالىغانچە رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىدىغان؛ بالا بىر ئۇرۇق، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئۇنىڭ نېمە ئۇرۇقى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئۈنۈپ چىقىشىغا مۇھىت يارىتىپ بېرىشتۇر. - ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىڭ: بالىڭىزنىڭ كۆزى نېمە ئىش قىلغاندا چاقنايدۇ؟ نېمىنى قىلغاندا چارچىغىنىنى سەزمەيدۇ؟ ئەنە شۇ نۇقتا ئۇنىڭ تالانت بۇلىقىدۇر. - ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ بېرىڭ: «سەن بەك ئەقىللىق» دېيىشتىن كۆرە، «سېنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلۇڭ بەك ئۆزگىچە ئىكەن» دەپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك تەرىپىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىڭ. - تەسەۋۋۇر دائىرىسىنى كېڭەيتىڭ: ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا خىل مۇۋەپپەقىيەت يولىنى كۆرسەتمەڭ. دۇنيانىڭ كەڭلىكىنى، ھەر بىر ساھەدە چولپان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. 

 خۇلاسە:

 تەربىيە — بالىڭىزنى باشقىغا ئوخشىتىشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تېخى ئېچىلمىغان يوشۇرۇن دۇنياسىنى ئېكسپېدىتسىيىچى قىلىش، بايقاشتۇر.  بەلكىم سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بىر تالانت ئىگىسى باردۇر، ئۇ پەقەت سىزنىڭ قولىڭىزدىكى « ئاچقۇچ» قا مۇھتاج. ئۇنىڭغا شۇنداق پۇرسەت  بېرىڭكى، ئۇ ئۆزى تېگىشلىك بولغان ئورۇندا نۇر چاچسۇن. 
مائارىپ
ئەلانۇر
53 كۈن بۇرۇن
 ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ئەﺳﻪﺭ 




 1 . ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻝ : ﻣﺎﺭﻛﺲ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 2 . ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ  3 . ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ : ﻧﻴﯘﺗﻮﻥ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 4 . ﻗﯘﺭئاﻥ كەرىم  5 . ﮔﺎﺩﯨﻨﺠﯘﺭ ﻧﻮﻣﻰ ( ﺗﯩﺮﻯ ﭘﯩﺘﺎﻛﺎ ) : ﺳﺎﻛﻴﺎﻣﯘﻧﻰ ( ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ) 6 . ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﺑﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : ﺟﯧﻔﻔﯧﺮﺳﻮﻥ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 7 . ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﺰﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯓ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 8 . ﻧﯩﺴﺒﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﺋﯧﻴﻨﯩﺸﺘﯧﻴﻦ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 9 . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧئوﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ : ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 10 . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﯞﻩ ئاﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ئاﺩﺍﻡ ﺳﯩﻤﯩﺖ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 11 . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﻢ : ﮔﯧﺘﻠﯩﺮ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 12 . ئۈﭺ ﻣﻪﺳﻠﯩﻚ : ﺳﯜﻥ ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 13 . ﻧﻮﭘﯘﺱ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﻣﺎﻟﺘﻮﺱ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 14 . ئاﺩﺩﯨﻲ ﺳﺎﯞﺍﺕ : ﭘﯩﺌﯧﻦ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 15 . ﭘﻼﻧﯧﺘﻼﺭ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ : ﻛﻮﭘﯧﺮﻧﯩﻚ ( ﭘﻮﻟﺸﺎ ) 16 . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ﻣﺎﻛﯧئاﯞﯨﻞ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 17 . ﺳﯜﻧﺰﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ : ﺳﯜﻥ ﺯﻯ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 18 . ﺩﻳﯘﺭﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ : ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺲ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 19 . ﮔﯧئوﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ : ﺋﯧﯟﻛﻠﯩﺪ ( ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ) 20 . ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ : ﺩﺍﺭﯞﯦﻦ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 21 . ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﯞﯦﻨﯩﺮ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 22 . ﻗﺎﻣﯘﺱ : ﺩﯦﺪﺭﻭ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 23 . ﺳﺎﻡ ﺗﺎﻏﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﭘﯩﺴﻰ : ﺳﯩﺘﻮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 24 . ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ : ﺧﺎﺭﯞﯦﻲ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 25 . ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ : ﺩﯦﻜﺎﺭﺕ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 26 . ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ئاﺋﯩﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ : ﺟﻮﻥ . ﻟﻮﻙ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 27 . ﭼﯜﺵ ﺗﻪﺑﯩﺮﻯ : ﻓﯩﺮﻭﺋﯩﺪ ( ئاﯞﺳﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ) 28 . ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ : ﺗﻪﻳﻠﯘﺭ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 29 . ﺩﯦﯖﯩﺰ ئاﺭﻣﯩﻴﻪ ئۇﺭﯗﺷﻰ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ﻣﺎﺧﺎﻥ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 30 . ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﻠﯘﻕ : ﺳﺎﺭﺗﯧﺮﻯ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 31 . ﺋﯩﺸﻘﺎ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ، ئۆﺳﯜﻡ ﯞﻩ ﭘﯘﻝ ئوﺑﻮﺭﻭﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﻛﯧﻴﻨﯩﺲ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 32 . ئۇﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ : ﻛﺎﺭ . ﯞﻭﻥ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 33 . ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ : ﻛﯘﯓ ﺯﻯ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 34 . ئۇﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ : ﮔﯩﺮﻭﺗﯩئوﺱ ( ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ) 35 . ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﻣﯧﻜﯩﻨﺖ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 36 . ﻟﻮﺋﯩﺲ XIV ﺩﻩﯞﺭﻯ : ﯞﻭﻟﺘﯧﺮ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 37 . ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺑﺎﺝ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ : ﺭﯨﻜﺎﺭﺩﻭ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 38 . ئوﺗﻮﭘﯩﻴﻪ : ﺗﻮﻣﺎﺱ . ﻣﻮﺭ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 39 . ﭘﺮﻭﺗﯩﺴﺘﺎﻧﺖ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﻡ ﺭﻭﻫﻰ : ﻣﺎﻛﺲ . ﯞﯦﺒﺮ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 40 . ﺋﯩﻼﻫ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ : ﺩﺍﻧﺘﯥ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 41 . ﮔﻮﻣﯧﺮ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ : ﮔﻮﻣﯧﺮ ( ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ) 42 . ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ : ﯞﯦﮕﯧﻨﯩﺮ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 43 . ئۆﺳﯜﺷﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯧﻜﻰ : ﻫﯩﺪﻭﺱ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 44 . ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ : ﺭﻭﺳﺴﻮ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 45 . ﻟﯧﯟﯨﺘﺎﻥ : ﺧﻮﺑﺒﯩﺲ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 46 . ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ : ﻧﯧﺘﺰﻯ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 47 . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ : ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻥ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 48 . ﻣﺎﻧﯘ ﺳﯩﻤﯩﺮﺩﻯ : ﻣﺎﻧﯘ ( ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ) 49 . ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺭﻭﻫﻰ : ﻣﯘﻧﺘﯧﺴﻜﻴﯘ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 50 . ﺳﺎﻛﯘﻧﺘﺎﻻ : ﻛﺎﻟﺪﺍﺳﺎ ( ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ) 51 . ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ : ئاﺭﯦﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ( ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ) 52 . ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﺳﯧﻠﺮﻭﺱ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 53 . ﻣﺎﺭﻛﺴﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ : ﻟﻮﺋﯩﺲ . ئاﺭﺩﻭﺱ ( ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ) 54 . ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ : ﺭﻭﺳﺴﯧﻞ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 55 . ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ : ﺷﻮﭘﯧﻨﺨﺎئۇﺋﯧﺮ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 56 . ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ : ﺳﺎﯞ ﺷﯚﭼﯩﻦ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 57 . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ : ﺗﺎﮔﻮﺭ ( ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ) 58 . ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ : ﺗﻮﻣﺎﺱ . ﻛﺎﻣﭙﺎﻧﯩﻼ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 59 . ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ : ﺧﻪﻟﻖ ( ﺳﻪئۇﺩﻯ ئەﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻥ ) 60 . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﻰ : ﮔﺎﻟﯧﻠﯩﻲ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 61 . ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ : ﭘﻠﯩﺨﺎﻧﻮﭖ ( ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ) 62 . ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ئاﯞﺍﺗﻠﯩﺸﯩﺶ : ﺋﯧﺮﺧﺎﺭﺩ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 63 . ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﻯ : ﺭﻭﺳﺘﻮ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 64 . ﺳﻪﯞﻩﺏ ، ﻣﻪﻧﺒﻪ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ﺑﺮﯗﻧﻮ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 65 . ﺧﻪﻟﻘئاﺭﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ : ئوﭘﭙﯩﻨﺨﯩﻢ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 66 . ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﻜﺎ : ﺧﻮﺷﻠﯧﻲ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 67 . ﺗﯧئوﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ : ئوﻛﯟﯦﻨﺎ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 68 . ئۈﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ : ﺗﻮﻓﻠﻰ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 69 . ﻣﺎﺭﻙ . ﭘﻮﻟﻮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ : ﻣﺎﺭﻙ . ﭘﻮﻟﻮ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 70 . ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﺴﻰ : ﺟﻴﺎ ﺳﯩﺴﻰ ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ) 71 . ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ : ﮔﯧﮕﯧﻞ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 72 . ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﺳﭙﯧﻨﺴﯩﺮ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 73 . ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻨﺎﻣﻪ : ئاﯞﮔﯘﺳﺖ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 74 . ﻣﯜﺟﻤﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻜﻜﯩﭽﻪ : ﭘﺮﯨﮕﻮﮔﯩﻦ ( ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ) 75 . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئوﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ : ﻓﯘﺯﻯ ﺷﯘﺟﻰ ( ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ) 76 . ﺩﯨئاﻟﯧﻜﺘﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻡ : ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ( ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ) 77 . ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ : ﻛﯘﺳﻨﯩﺲ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 78 . ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ : ﺗﻮﻣﺎﺱ . ﻛﺎﻟﻠﻮﺭ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 79 . ئاﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ئاﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﻧﻰ : ﻣﺎﻛﺲ . ﺷﻠﯧﺮ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 80 . ئۇﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ : ﻟﯧﻒ . ﺗﻮﻟﯩﺴﺘﻮﻱ ( ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ) 81 . ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ : ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 82 . ﮔﯩﻴﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ : ﮔﯩﻴﻮﺗﻰ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 83 . ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﻡ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﺰﻡ : ﺷﺎﻣﭙﯧﺘﯩﺮ ( ئاﯞﺳﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ) 84 . ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ : ﺑﯧﺮﻧﺎﻝ ( ئەﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ) 85 . ئاﺩﻩﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ﻛﺎﺳﺴﯧﺮﻯ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 86 . ئەﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﺵ : ﻓﯩﺮﻭﻡ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 87 . ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ : ﭼﯧﺮﻧﺸﯩﯟﯨﺴﻜﻰ ( ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ) 88 . ﺗﺎﺭﯨﺦ : ﻫﯩﺮﻭﺩﯨﺪ ( ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ) 89 . ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﯩﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ : ﻓﯩﻨﺒﯩﻠﻮﻥ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 90 . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺎئەﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ : ﺑﯧﻞ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 91 . ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ : ئەﭘﻼﺗﻮﻥ ( ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ) 92 . ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ : ﻛﺎﺭﻝ . ﻛﻮﺗﯧﺲ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 93 . ﮔﺎﻟﻠﯩﻴﻪ ئۇﺭﯗﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ : ﻛﺎﻳﺴﺎﺭ ( ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ) 94 . ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﯩئەﺕ : ﺩﯗﯞﯦﻲ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 95 . ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ : ئارۇس ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 96 . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ : ﻣﻮﺭﮔﯩﻦ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 97 . ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﭘﯩﻼﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ : ﻟﯧﯟﯨﺲ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ) 98 . ﺳﺎﭖ ئەﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ : ﻛﺎﻧﺖ ( ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ) 99 . ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ : ﭘﯩئاﮔﯩﺖ ( ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ ) 100 . ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ : ﺟﻮﻥ . ﻧﻪﺳﺒﯩﺖ ( ئاﻣﯧﺮﯨﻜﺎ
مائارىپ
ئەلانۇر
85 كۈن بۇرۇن
🔷تىل -ئەدەبىياتنىڭ رولى

ئەلانۇر 

 تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش بۈگۈنكىدەك پەن - مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئىنتايىن مۇھىم. تىل-ئەدەبىيات پەقەت بىر پەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پەنلەرنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
 تۆۋەندە تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا باغلىنىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقتىم. 

 ​تىل-ئەدەبىيات -- بارلىق پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى ۋە جەمئىيەتنىڭ روھى. ​ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. تىل پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش قورالىلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇرنىڭ شەكلى، ئەدەبىيات بولسا شۇ تەپەككۇرنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەخلاق بىلەن بېزەلگەن ئالىي كۆرۈنۈشىدۇر. ​

1. تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: ​

كىملىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى: بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا، شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، قىممەت قارىشى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈزۈلىدۇ. ئەدەبىيات بولسا شۇ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان ئەنگۈشتەر. ​

تەپەككۇر شەكىللەندۈرۈش: بىز تىل ئارقىلىق ئويلايمىز. سۆز بايلىقىمىز قانچە مول بولسا، تەپەككۇرىمىز شۇنچە ئىنچىكە، لوگىكىمىز شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ​

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ھېسداشلىق: ئەدەبىيات ئىنسانغا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاشنى، ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ھېسداشلىقنى، غۇرۇر، ۋىجدان، ھىممەتنى ئۆگىتىدۇ.

تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى: ئەدەبىيات ئوقۇش كىشىنىڭ ۋەقەلەرگە باھا بېرىش، تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ​

دۇنيا قاراش: ئەدەبىيات كىشىگە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرنى چۈشىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ.

ئېستېتىك زوق  ۋە روھىي ئوزۇق: ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ. ​ 



 ​2. تىل-ئەدەبىياتنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى ​

نۇرغۇن كىشىلەر تىل-ئەدەبىياتنى پەقەت «ئىجتىمائىي پەن» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تەبىئىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىل-ئەدەبىيات بارلىق پەنلەرنىڭ ئورتاق زىمىنىدۇر.

 تارىخ: تارىخ تىل ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر (مەسىلەن: «قۇتادغۇ بىلىك») مەلۇم دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەنزىرىسىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەدۇر. 

 ماتېماتىكا ۋە لوگىكا: ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىلنى توغرا چۈشىنىش، جۈملە قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. تىلدىكى گرامماتىكا بىلەن ماتېماتىكىدىكى لوگىكا بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن.
 جۇغراپىيە: يەر نامى، ئۇ يەردىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئاتىلىشى تىل ئارقىلىق مەنە قازىنىدۇ. ئەدەبىياتتىكى ئاجايىپ- غارايىپ ساياھەتنامىلەر جۇغراپىيەلىك بىلىملەرنىڭ جانلىق تەبىرىدۇر.

 تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل: بۈگۈنكى كۈندە «سۈنئىي ئەقىل»  تېخنىكىسى تىلشۇناسلىق بىلەن يۇمشاق دېتالنىڭ بىرىكىشىدۇر. تىلنى بىلمەي تۇرۇپ كومپيۇتېرغا بۇيرۇق بەرگىلى بولمايدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسى: پەرزەنت تەربىيەسى ​  ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات بىر قورالدۇر. ئەگەر بىر ئانا ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا پىششىق بولسا، ئۇ پەرزەنتىگە باشقا پەنلەرنى (تارىخ، جۇغراپىيە، ئەخلاق) چۈشەندۈرۈشتە قىينالمايدۇ. تىل يتەكچى ئورۇندا تۇرغاندا، بالا باشقا پەنلەردىكى مۇرەككەپ ئۇقۇملارنى ئاسان ھەزىم قىلالايدۇ. 
 
خۇلاسە

تىل-ئەدەبىيات — پەنلەرنىڭ ئانىسىدۇر. ئۇ بىزگە دۇنيانى قانداق كۆزىتىشنى، بىلىملەرنى، مەلۇماتلارنى قانداق باغلاشنى ۋە كىملىكىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ھەقىقىي تۈردە قانداق قوغداشنى ئۆگىتىدۇ. بىر جەمئىيەتتە تىل ۋە ئەدەبىيات كۈچلۈك بولسا، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئۇلىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. شۇڭا، بىز تىلنى ئۆگەنگەندە پەقەت سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كائىناتنى چۈشىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ مۇھىم بىر ۋاسىتىنى ئۈگەنگەن بولىمىز ....   
مائارىپ
ئەلانۇر
86 كۈن بۇرۇن
 ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى 



 ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد



 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئاتاسى، ئاناسى، ئاچاسى، داپى، ئەمگەكى، گەپى دەپ يېزىلماي، ئاتىسى، ئانىسى، ئاچىسى، دېپى، ئەمگىكى، گېپى دەپ يېزىلىۋەردى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا فونىتېكىلىق قائىدە، يەنى ئېغىزدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىسا شۇنداق يېزىش قائىدىسى قوللىنىلغانىدى. ۋاھالەنكى، مەۋجۇت، كىتاپ، ئەدەپ، نەشىر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەر مورفولوگىيلىك قائىدىنى ئاساس قىلىمىز دېگەن گەپ بىلەن مەۋجۇد، كىتاب، ئەدەب، نەشر دەپ يېزىلدى. قائىدىلەر بىرلىككە كەلمىدى ياكى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى. ئەمدى قارىسام، يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئەدەب، نەشر دېگەن سۆز فونىتېكىلىق قائىدە بويىچە ئەدەپ، نەشىر دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، ئەمما قالغان بەزى سۆزلەر شۇ پېتى قاپتۇ، نېمدېگەن قالايمىقانچىلىق بۇ! ھېچقانداق مىللەتتە 30 يىلدا ئۈچ قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىش يوق. ئەمەلىيەتتە، كۆڭۈل قويساق ئىملالىق خەت يېزىش تەس ئىشمۇ ئەمەس، ئىملا لۇغىتىنىڭ بېشىدىكى 50 بەتكە يېقىن قائىدىلەرنى بىر قۇر ئوقۇۋەتسەك، بىر نەچچە قېتىم مەشق قىلساقلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، يىللاپ-يىللاپ خەنزۇچە، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەن زېھنىمىزنىڭ بىر پۇچۇقىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلساق، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز. يىغىنچاقلىساق بىر نەچچە چوڭ قائىدە بار: 1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى…دە، دېمەك، يە يېمەك… 2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە، قەھۋەسى، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى… دېگەندەك. قىسقا سوزۇق ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن، بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن، بالا (بالا-قازا) بالاسى…دېگەندەك. 3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى). يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد، ئىقتىسادىي، خىيال، خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، … دېگەندەك. سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى… 4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛ ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛ كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم… (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق…دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ). 5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن، بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياكى بۇلمىقى ئەمەس)، بولىدىغان، بولىدىغانلىقى، بولىدىغانلىقىنى، بولمايۋاتقانلىقىنى… قىل، قىلىدۇ، قىلماق، قىلمىقى (قىلمىغى ئەمەس)، قىلىدىغان، قىلىدىغانلىقى، قىلىدىغانلىقىنى، قىلمايۋاتقانلىقىنى… تەگ، تەگدى، تەگمە، تەگكەن (تەككەن ئەمەس)، ئەگ، ئەگدى، ئەگمە، ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس)… 6) ھەرىكەتناملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، بولۇش، بولۇشۇم، بولۇشۇڭ، بولۇشى(بولىشىم، بولىشىڭ، بولىشى ئەمەس)، كۆرۈش، كۆرۈشۈم، كۆرۈشۈڭ، كۆرۈشى (كۆرىشىم، كۆرىشىڭ، كۆرىشى ئەمەس). 7) يە بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر تۈرلەنگەندە ى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ياپونىيە، ياپونىيەگە (ياپونىيىگە ئەمەس)، نەزەرىيە، نەزەرىيەسى (نەزەرىيىسى ئەمەس)، پارتىيە، پارتىيەسى (پارتىيىسى ئەمەس)، ئارمىيە، ئارمىيەسى (ئارمىيىسى ئەمەس)، رازىيە، رازىيەگە، رازىيەدىن، سانىيە، سانىيەگە، سانىيەدىن… 8) سۆز بىرىكمىلىرىنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ئانالتىك(بۆلۈنمە ھالەتتە) ياكى سىنتېتىك (قوشۇلما ھالەتتە) ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئانالتىك سۆز بىرىكمىلىرى ئايرىپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن، باش پىياز(باشپىياز ئەمەس)، باش قۇر (باشقۇر ئەمەس)؛ ھېچ كىشى (ھېچكىشى ئەمەس)، خۇش پۇراق (خۇشپۇراق ئەمەس)… سىنتېتىك سۆز بىرىكمىلىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن: باشباشتاق (باش باشتاق ئەمەس)، ھېچكىم (ھېچ كىم ئەمەس)، ھېچبىر، ھېچقاچان، ھېچقايسى، ھېچقەيەر، ھېچقىسى(يوق)، سەكسەنپۇت، ئاشقازان… بىزدە ساۋاتسىزلىق ئېغىر بولغاچقا ئىملا ساۋاتسىزلىقىنى توغرا چۈشىنىپ كېتىۋەردۇق، مانا مەن دېگەن زىيالىيلارمۇ ئىملادا چانىدۇ، بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق. قۇرۇلما جەھەتتە يېپىشقاق، ئەۋرىشىم، مەنە جەھەتتىن لوگىكىلىقى كۈچلۈك، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشكە باي، سۆز بايلىقى ھېچقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغان بۇ مۇبارەك تىلىمىز مۇشۇ ئىملا مەسىلىسگە كەلگەندە تېخىچە يارىدار، خاراپ، بىچارە ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ تىلنى قەدىرلەش، ھەقدادىغا يەتكۈزۈش قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، بۇ تىلنىڭ ھەقىقىي ساھىبىغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك، يازمىلىرىمىزدىن تىلىمىزغا، ئىملايىمىزغا قەترە-قەترە مۇھەببەت تېمىشى كېرەك.

 مەنبە: ئەرتۈرك بىلوگى 

مائارىپ
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
118 كۈن بۇرۇن
مائارىپ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
 مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

 «ئوقۇتقۇچى — ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» دېگەن گەپ بار. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇقۇملارنى ئۆگىتىدىغان كىشى بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كىشىدۇر. ئۇ گويا بىر باغۋەنگە ئوخشاش يۇمران كۆچەتنى ئاۋايلاپ سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدىغان، «ھارام شاخ»لىرىنى پۇتاپ، ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولىدىغان كىشىدۇر. 

 مائارىپ تەربىيەسى كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى ياكى كۆپىنچە ھاللاردا تولۇق ئىزاھلانماي كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، مائارىپ تەربىيەسى، جۈملىدىن مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىتىلگەن نەرسىلەرنى بىلىشى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ پۈتتۈرۈشى، دىپلوم ئېلىپ ئىش تېپىشى ئۈچۈنلا مۇھىم ۋاسىتە ۋە ئۆتكەل سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى. ئەكسىچە، ئىنسانىيلىق، دىن-ئەخلاق، ئىنسانلارنى ۋە تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى-ياماننى ئايرىش، ھەق-ئادالەت تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئارقا پىلاندا قالدى، ھەتتا پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ قالدى.

 ھازىرقى دۇنيادا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىقلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر دۇنيادىكى تەخمىنەن 8 مىليارد ئىنساننىڭ تەڭدىن تولىسى يۇقىرىدا دېيىلگەن مەنىۋىيات ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان، ھەقىقىي ئىنسانلىق فىترىتى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقىدەك زۇلۇم، ئۇرۇش ۋە تەڭسىزلىكلەر بولمىغان ياكى تېخىمۇ ئاز بولغان بولاتتى؛ دۇنيا تېخىمۇ ئادىل، تىنچ ۋە گۈزەل بىر جايغا ئايلانغان بولاتتى. شۇنداقلا، دۆلەت بېشىغا ۋە دۆلەت ئاپاراتلىرىغا پاسىق، قانخور، زالىم كىشىلەر كېلەلمىگەن بولاتتى. زالىملارنىڭ قول-پۇتى بولىدىغان روھسىز، ئەقىلسىز، ئەخلاقسىز، روبوتتىن پەرقسىز ئەسكەر، ساقچى ۋە پايلاقچىلار بولمىغان بولاتتى. 

 بۇنداق بولۇشىدا ئەلۋەتتە ياخشى ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ ۋە كۈچسىز بولۇشى سەۋەبىدىن، «يولۋاس يوق تاغقا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ» دېگەندەك، بوش قالغان مەيداننى ئاق-قارا، ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى يوقاتقان ياكى ئەزەلدىن بۇ تۇيغۇلار بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى پەقەتلا «نان تېپىپ يېيىش»، «سىڭگەن ناننى يېيىش»نى مەركەز قىلىپ قالسا؛ كۈچلىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەتلا پەننىي دەرسلەر، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەردىلا دەپ قارالسا؛ ئىنسان مەنىۋىياتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىسە؛ ئىنساننىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ھالدا شەخسىي نام-ئاتاق، پۇل-مال، ھوقۇق-مەنسەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىنى ساتىدىغان پىروفېسسور، ئۆز مىللىتىگە قارىتىپ ئوق ئاتىدىغان ساقچى ۋە ئەسكەر، شەخسىي خىرىس ياكى ھەۋەسلەردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئىنسانلارغا زىيان سالىدىغان باشلىق، دۇنياغا بالايىئاپەت بولىدىغان پرېزىدېنت چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىنسانلارغا زىيىنىدىن باشقا نېمە پايدىسى بار؟

 شۇنىڭ ئۈچۈن، مائارىپ — بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مۇداپىئەسىدىن قالسا، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويدىغان، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان، ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگىنى بولۇشى لازىم. چۈنكى مائارىپ بىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىنسان تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئىنسانلار توپى بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېسىل ۋە كۈچلۈك ئىنسانلاردىن تەركىب تاپسا، دۆلەت ئاپاراتلىرى كۈچلۈك ۋە سۈپەتلىك بولىدۇ؛ دۆلەت پۇقرالارنى ھەقىقىي قانات ئاستىغا ئالالايدۇ، پۇقرالار ھوزۇر ۋە ئىشەنچ ھېس قىلىدۇ. ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ياخشىلىق، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە قائىدە-تۈزۈم خەلق ئارىسىدا ستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىدۇ. كىشىلەر يامانلىق قىلىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئەڭ ئاددىيسى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشنى (خۇددى بىر يېرى ئېچىلىپ قېلىشنى ئەيىب ھېس قىلىپ نومۇس قىلغاندەك) ئەيىب ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلاردا «ئەگىشىش پىسخولوگىيەسى» بار؛ ياخشىلىق ئومۇملاشسا كىشىلەر شۇنىڭغا، يامانلىق ئومۇملاشسا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يەنى بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى، مىنىستىرلىرى پاسىق، زالىم، قانخور، كىشىلىرى ئەخلاقسىز، شەخسىيەتچى، زوراۋان، قورقۇنچاق ياكى نادان بولسا، ئۇ دۆلەت تېز سۈرئەتتە چۆكۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

 ئەلۋەتتە دۇنيا يارالغاندىن بۇيان ھەق بىلەن ناھەق، ئىنسان بىلەن (جىن ۋە ئىنسان شەكلىگە كىرگەن) شەيتان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر كۈرەش، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بىر مۇۋازىنات بار. ياراتقۇچى دۇنيانى مۇشۇنداق ياراتقان بولسا كېرەك. لېكىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللىشىمىز ياخشىلىق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇشى لازىم. ياراتقۇچىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
مائارىپ
ئەلانۇر
121 كۈن بۇرۇن
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققىدە

 
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئەمەلىيەتتە قارشىلىشىش پىسخىكىسى نورمال روھى ھالەت بولسىمۇ، لېكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى دېگىنىمىز: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولۇش، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل پىسخىكىلىق ھالەتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. قارشىلىشىش پىسخىكىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا، مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىدىلىك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكى 《ئۆتكۈنچى مەزگىل 》 دە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چوڭلارنىڭ يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى《كىچىك بالا》 ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرۇشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىدىكى《خاسلىق》 نى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىشىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ-دە، تۈرلۈك ۋاستە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 《ئۆزى》 بىلەن سىرتقى مۇھىت ئۆزئارا باراۋەر بولالايدىغان ئورۇننى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ (قارشىلىشىش پىسخىكىسى) نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا بەكلا نورمالسىز بولىدۇ. ئۇ بىنورمال روھىي ھالەتتىن پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا بىنورمال روھىي ھالەتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ياشلىق مەزگىلى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. پىسخولوگىيەدە 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلنىۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلى، 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى شۇنداقلا قارشىلىشش ۋە سەزگۈرلۈك پىسخىكىسى روشەن ئىپادىلىنىدىغان مەزگىل دەپ قارايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ۋە جەمئيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىدا دائىم ئاتا-ئانا بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارشىلىشىش ھالىتى شەكىللىنىپ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىدىيەسى كۈچىيىدۇ شۇنداقلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، پىكىر قىلىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭى ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ ئۆزىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: 1. ئاتا-ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى 《كىچىك بالا 》 ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، مۇشۇ دەۋردىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. 2. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدىكى خاتالىق. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، بالىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماستىن، ئەكسىچە بالىلىرىغا تەن جازاسى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. 3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىغا نۇرغۇن قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلار ئائىلىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالماي، ئۇلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدە بولىدۇ. 4. ئوقۇتقۇچىلاردىكى نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار قارشىلىشىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە سەل قارايدۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. قارشىلىشىش پىسىخىكىسى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە گۇمانخور، جاھىل، باشقىلارغا ئارىلاشقۇسى كەلمەسلىكتەك ناچار خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: 1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتلىق جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىماستىن، ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بالىغا كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. 2. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، غورۇرىغا تەگمەسلىكى، ئادىل، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،ئۇلارغا تېخمۇ مېھىر- مۇھەببەت بېرىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. 3. بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۈچلۈك ئىپادىلەنگەندە، مەسىلەن: ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرگە نىسبەتەن ئاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ھەمدە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا يەنە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن. 4. ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئائىلە مۇكەممەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بالىلارنىڭ ئالدا جەڭگە-جىدەل قىلىشماي،ئەكسىچە بالىغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بېرىش، ئۆز كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، پىسخىك قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. 6 . بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياكى يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يات جىنىسلىق(قىز ياكى ئوغۇل)ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بالىنى قورقۇتۇش ياكى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى بالىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بالىغا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روھى ئۇزۇق بەرگىلى بولىدۇ.
مائارىپ
ئەلانۇر
121 كۈن بۇرۇن
مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ئوقۇتقۇچىلىق ناھايىتى مۇقەددەس بىر ۋەزىپە بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھېساپلىنىدۇ بىز ئوقۇتقۇچىلىق نىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرەلىسەكمۇ ، ئوقۇتقۇچىلىق قانداق شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ ؟دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىشتە قىينىلىپ قالىمىز ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاجىرەتتە پەرزەنتلىرىمىز مەكتەپ ياكى ئىجتىمائىي ھاياتتا بولسۇن ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مۇھىتتا ياشىماقتا .بۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئائىتلىقىنى ،ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىز ھېس قىلىشى ، يەرلىك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتكە قايىل بولۇپ كېتىشى ،ھەتتا ئاستا - ئاستا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىنلىگى كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەت. ئۇيغۇرلۇققا ئائىت نۇقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى يېڭەلىشىمىز مۇمكىن دەيمىز- يۇ، تەتبىقاتى ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلىدۇر. (بۇنىڭغا سەئۇدى ، ئەرەبىستان،پاكىستان ۋە تۈركىيە گە بۇرۇن كۆچمەن بولغان ئەجداتلىرىمىز نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مىسال (قىلالايمىز. ئوقۇتقۇچى يەنى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تارىخى دەۋىردە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە نېمە يۈكلىنىدۇ؟ پىداگوك يەنى يىتەكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلارغا سىڭدۈرۈشكە تېگىشلىك روھ ۋە مەنىلەرنى قايسى شەكىلدە سىڭدۈرەلەيمىز ؟! ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈگلۈك ئۇرۇق بار ، ئۇنىڭغا پەرۋىش يامغۇرى ياغسا كۆكلىشى مۇمكىن ، ئەمما قاقاسلىققا قانچە يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ كۆكلىمەيدۇ ،مائارىپ ئەنە شۇ يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئوقۇتقۇچى يامغۇرنى ئېرىقلارغا مۇۋاپىق بۆلۈپ، ئۇرۇقنىڭ يېنىغا سۇ باشلاپ كەلگۈچىلەر ھېساپلىنىدۇ.بالىلار بولسا ئۇرۇق سېلىنغان مۇنبەت تۇپراق ئوقۇتقۇچىلىق سەنئىتى ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە ئوخشايدۇ ، ئوقۇتقۇچى ئوخشىمىغان سۈپەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشلارنى تونۇپ ئايرىپ ،ھەر تاشنىڭ خاسلىقىغا ماس ھەيكەل ئويۇپ چىقالىشى مۇمكىن . ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار؟ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ، »ئوقۇتقۇچىلىق- بىر قەلبكە،بىر جانغا تەسىر كۆرسەتمەك« دېگەننى ئېسىدە تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يۇمران ، نازۇك روھلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ۋىجدانى يۈكىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ بالىلار نىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى ،خاسلىقى،ئىقتىدارى ۋە شارائىتىغا قارىتا تەربىيە مېتودى تەتبىقلايدۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكەئۇرۇنمايدۇ بېلىقنى ئۇچۇشقا ،قۇشنى ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ، ئۆگىنىشتىن زىرىكىشىگە سەۋەپ بولۇشتىن ساقلىنىدۇ دەرسنى قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەيدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ساغلام رىشتە ھاسىل قىلالايدۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىدۇ ،بالىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچىدىن مەسىلىلەرنى سورىيالايدۇ ، تېلىفون قىلالايدۇ ،ھەتتا شەخسىي مەسىلىلىرىنىمۇ مەسلىھەت ئالالايدۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىغا يېقىنلىشالايدۇ، تارتىنىپ ياكى قورقۇپ ياكى ياقتۇرماي يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ مەيلى دەرستە ياخشى ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى بولسۇن ،مەيلى ئىنتىزامسىز ،چاتاقچى ئوقۇغۇچى بولسۇن باراۋەر ،ئادىل ، ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدۇ خاتالىق سادىر قىلغاندا ياردەملىشەلەيدۇ ۋە ئوقۇغۇچىغا ئەمەس خاتالىقلار مەركەزلىشىدۇ ئۆزى يىتەرسىز بولغان تەرەپلىرىى بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلاردىن دۇرۇس پوزىتسىيەدە كەچۈرۈم سورىيالايدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەيدۇ ،مەسخىرە قىلمايدۇ،مۇناسىپ ئۇسلۇپتا خاتالىقىنى تونۇتىدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ،ئۆگىنىش ئۇسۇلى ،ئائىلە ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ .چۈنكى بالىلارنىڭ سىنىپتىكى كەيپىياتى، قىزغىنلىقى ۋە ئىش - ھەرىكىتىگە مەكتەپ سىرتىدىكى ئەھۋاللىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچمايدۇ. چۈنكى بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ ھەممىنى تولۇق بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندا ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ ، بەلكى تېخىمۇ تىرىشىشى مۇمكىن ئوقۇتۇشتىكى ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇبلىرىغا ، مىتودىغا ،كەسىپىي بىلىمگە داۋاملىق تۈزىتىش ۋە كۈچەيتىش ،تەرەققى قىلدۇرۇش كويىدا بولىدۇ . ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى سىنىپ پۈتۈنلۈكىنىڭ بىر پارچىسىدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ . سىنىپنى بىر ئائىلە قىلىپ تەشكىللەپ خوشاللىق ئىچىدە ھەمكارلىشىش ، ئاكتىپ ۋە توغرا رىقابەتلىشىش ھاۋاسى پەيدا قىلىدۇ ، تەۋەلىك تۇيغۇسى قوزغىلىپ گۇرۇپپا ھالىتىدە ۋەزىپە ئورۇنداش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ . سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ئۆزىنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ ،ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەكرەك ياش نوتىلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىگە يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ خاراكتىر ،ئىرادە ،دۇنيا قاراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ، ئۇلاردا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ساغلام كىشىلىك يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ ناچار ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار ؟ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز ،پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بولىدۇ .شەخسىي مەسىلىلىرى سەۋەپلىك سىنىپقا خاپىغان كىرىدۇ ۋە بالىلارغا پارتىلاپ سالىدۇ، قوپال تېگىپ سالىدۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلىرىغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدۇ ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ ،ئىزدىنىپ باقمايدۇ دەرسنى يۇقىرى كەيپىياتتا باشلاش ،سىنىپ ئىنتىزامى تەشكىللەش ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ، تاپشۇرۇقلارغا ئەستايىدىل ،ئىلھامبەخىش باھا يېزىش، دوسكىنى رەتلىك باشقۇرۇش ، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا دەرس سۆزلەش قاتارلىق ئۇششاق لېكىن مۇھىم ھالقىلاردا يىتەرسىز بولىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ ياكى سۇس ،بىپەرۋا قارايدۇ،قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدۇ بالىلارنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ