سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#سەنئەت
سەنئەت
ئەلانۇر
53 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكى


 ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺗﻪۋەررۈك ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪۇر. ﺑﯘددا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى - ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ، ﻗﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺶ - ﺑﯧﺰەﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻤﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ دۇﻧﻴﺎدا ﺋﻪڭ ﺑﯘرۇن ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دەرﻳﺎ - ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﻛﯜﻧﺪە ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن. دەرﻳﺎ - ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮى ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻛﯜﺳﻪن ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻗﯩﺶ - ﻳﺎز ﺳﯘ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞ - ﻣﯘزﺋﺎرت دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن. ﻗﯘﻣﺘﯘرا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﺋﯚﮔﻪن دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎغ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻐﺎ، ﻣﺎزارﺑﺎغ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻛﯘﭼﺎر دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻘﺎﻏﺎ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻛﯘﭼﺎر ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ۋە ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗلارﻏﺎ ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎن. دﯦﻤﻪك، ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ، ﺑﯧﺰەش، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردە ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘددا ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘد ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯘددا ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺧﯩﻠﯟەت ﺟﺎﻳلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺳﯘدﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ روﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﺋ ﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘرۇﻧلا ﻳﻪر ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜش ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻛﯜﺳﻪن ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﯩلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯘﻳﻐﯘر راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺗﻮﻏﺮاق ﺌﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺗﻮﻗﺴﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮاﻗﺌﯧﻘﯩﻦ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ، ﭘﯩﭽﺎن ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﯘق ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺗﯘﻳﯘق ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ، ﺋﺎﺗﯘش ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﺌﺎﺗﯘش ﻳﯧﺰا ﭼﺎﻗﻤﺎق دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن «ﺋﯜچ ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﯜك ﺋﯚﯕﻜﯜر»ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار. ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﺘﻪﻳﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە: «ﮔﯘﻣﺎت - ﻗﺎراﻗﺎش دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﺎﻣﻰ. ﮔﯘﻣﺎت ﺋﯩﺒﺎدەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﯘ دەرﻳﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﻏﺪا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺳﺎﻗلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ» دەپ ﻳﺎزﯨﺪۇ.ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺧﯩﻠﯟەت، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳلاردﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﻗﺎﭘﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﺴﻪك ۋە ﺗﻮﭘﺎ - ﺗﺎﺷلاردﯨﻦ ﻗﻮﭘﯘرۇپ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺰەﻛﻠﯩﻚ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش. ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮى، ﻛﯧﺴﻪك، ﻛﺎﮬﯩﺶ، ﺗﺎش، ﻳﺎﻏﺎچ، ﺧﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﯘددا ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ؛ ﮔﻪج، ﻣﯩﺲ، ﺋﺎﻟﺘﯘن، ﻳﯩﻠﯩﻢ، ﺳﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ زﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪش ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرﭼﯩﻠﯩﺮى، ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺋﯧﮭﺮاﻣﻠﯩﺮى، ﺑﯘددا ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮى ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﭘﯩلار ۋە ﺗﻪﻛﭽﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﻣﻪرﮬﯘم ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ: « ﮬﺎزﯨﺮ ﻛﯘﭼﺎر، ﺑﺎي ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە، ﺗﯘرﭘﺎن، ﭘﯩﭽﺎن ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﻪر (ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر) ﺋﻪﻳﻨﻰ زاﻣﺎﻧﺪا ﺗﺎغ - ﺳﯘﻟﯘق، ﺧﯩﻠﯟەت ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺑﯘددا ﺋﯩﺒﺎدەﺗﮕﺎﮬﻠﯩﺮى ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘددا ﻣﯘﻧﺎرﻟﯩﺮى، ﻧﻪزەرﮔﺎھ ﺗﯘرﻟﯩﺮى، ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرﻟﯩﺮى، ﺑﺎغ - ﺋﺎراﻣﮕﺎھ، ﻳﻮل - ﻛﯚۋرۈﻛﻠﯩﺮى، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯘلارﺳﯩﺰ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ (ﻣﯩﯖﺌﯚي) ﻟﻪردە ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠلاپ ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﻧﻮﻗﯘل ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ (ﻣﯩﯖﺌﯚي)ﻟﻪر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪر، ۋادەﻛﻠﯩﻚ دەﮬﻠﯩﺰ - ﻛﺎرﯨﺪورلار، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰە ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪا ﮔﻪپ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى». ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرى ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺘﭽﻪ sarira دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎنﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا راﮬﯩﺐ، ﺑﯩﻜﯩﺴﯘ ﺑﯩﻜﯩﺸﯘلارﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. رﯨﯟاﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﻛﻴﺎﻣﯘﻧﻰ ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪۈرۈﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﻪرۋاﻳﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ دۆﻟﻪت ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻰ ﺗﻪۋەررۈك ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎدەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯘددﯨﺴﺘلارﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﺪۈرۈﻟﯜپ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎر «ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرى» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﻧﺎرلار ﻛﺎﮬﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻏﺎﭼلاردﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن.ﺋﯧﮭﺮاﻣلار - ﺑﯘددا ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮى ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ ۋە ﺑﯘددا دﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ۋەز - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺒﺎدەت ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﯘﺟﺮا ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪت ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى- راﮬﯩﺒلارﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎق ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى، ﺋﯧﺘﻜﺎﭘﺨﺎﻧﯩلار، ﺑﯩﻜﯩﺸﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلاردﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯧﻤﯩﺮﻟﻪردە ﺗﺎم ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﺋﯘرۇن - ﺗﯚﺷﻪك ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ، ﺋﯧﺘﯩﻜﺎپ ﺋﻮرﻧﻰ، ﻳﺎن ﺋﻮﭼﺎق ۋە ﻗﺎزﻧﺎﻗلار ﺋﻮﻳﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎن. ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯘرۇﻟﻤﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى «ﭼﺎﻳﺘﺎ» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﮬﯘﺟﺮﯨلار ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﯘﺟﺮﯨلاردا ﺗﯜۋرۈك (ﻗﺎزﻏﺎﻧﺪا ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯜۋرۈك) ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﯜۋرۈﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﯟاﻧلار ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺒﺎدەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى «ۋﯨﺨﺎرا» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﯘﺟﺮﯨلار ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺗﯜۋرۈك ﻳﻮق، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺳﻮزۇﻧﭽﺎق، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﭼﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دەرﺳﺨﺎﻧﺎ، ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ۋە راﮬﯩﺐ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮى ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺳﻮزۇﻧﭽﺎق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺗﯚت ﺑﯘرﺟﻪك ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻣﯩلاق ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﭘﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻗﯧﺰﯨﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎددﯨﻲ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ روﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪم ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻳﺎز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜردە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم.ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻧﻪﻗﯩﺶ، ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ۋە زﯨﻨﻨﻪت ﻧﯘﺳﺨﯩلار ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﮬﯘﺟﺮا ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻧﯘرﻏﯘن ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ، ﻗﺎرا ﺳﯘۋاق ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻣﺎن، ﺗﻮزﻏﺎق، ﻳﯘڭ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﺎﻧﺎپ ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن لاي ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘۋاق ﺑﻪرﮔﻪن؛ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺧﯘم ﺷﺎﻛﯩﻠﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻳﺎق ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻪردازﻟﯩﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻪج ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﻤﺎ، ﻗﺎﭘﺎرﺗﻤﺎ ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن؛ ﻳﺎﻏﺎچ دﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ رەﯕﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪا ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺗﺎم ﺳﯩﺰﻣﺎ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪردە ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﺎق، ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻛﯚك، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﺑﯧﻐﯩﺮەڭ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ رەﯕﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻘﯩﺪا ﺋﯚي - ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﺗﺎر ﺗﻪﻛﭽﻪ ۋە ﻣﻪرەﭘﻠﻪر؛ ﻣﺎزار - ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪردە ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻧﯘﺳﺨﯩلار؛ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ - ﻣﻪدرﯨﺴﻠﻪردە ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ، ﺑﯘرﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر؛ ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘدۇل ﻣﻮرﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺎﻗلار ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻞ - ﻧﯘﺳﺨﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚي ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯚز ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن.ﻣﯩﯖﺌﯚي ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﺶ - ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ۋە زﯨﻨﻨﻪت ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘددﯨﺰم رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﯩﯔ «ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻰ»ﻧﻰ ۋە ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﯩﯔ «ﻗﻪﺑﯩﮭﻠﯩﻜﻰ»ﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﻪ، ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ۋە ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ زور ﻳﺎردﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻣﯩﯖﺌﯚي ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى، ﻧﻪﻗﯩﺶ - ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ۋە ﻛﯚرﻛﻪم ﺋﻪۋرﯨﺸﯩﻢ ﻧﯘﺳﺨﯩلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﮔﯜل ﻧﯘﺳﺨﯩلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪﯨﻘﯩﻨﻰ «ﮔﯜزەل» دەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ؛ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ؛ ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩلاردﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘرۇﻧلا ﺑﯘددا دﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘددا ﺳﺎﯕﺮاﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘددا ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪا ﺑﯧﺰەﺷﻜﯩلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﺎﯕﺮام ۋە ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪر ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰ، ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ، ﮬﺎۋا ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ، ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ، ﮔﯚﻣﯜرۈﻟﯜپ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرۇش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ۋە ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺑﺎش ﻗﺎﺗﯘرۇپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇﻟﯘش ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن. ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻏﺎﻳﻪت زور ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﺶ، ﻗﯧﺰﯨﺶ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯘددﯨﺰﻣﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﺋﯩﻤﺎرەت ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﺳﺎ، ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎدەم ﻛﯜﭼﻰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻛﯜچ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﻪش ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺗﻪس. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘددا ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻏﺎﻳﻪت زور دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن، دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻤﯩﺰ.  ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار:  ﻗﯘرﺑﺎن ۋەﻟﻰ: « ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚي رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1985 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى، 120 - ، 121 - ﺑﻪﺗﻠﻪر.  ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺋﯩﻤﯩﻦ: «ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرت ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1988 - ﻳﯩﻞ 8 - ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 188 - ﺑﻪت.  ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎن ﻣﻪﺧﺴﯘت، ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﻪﺧﺴﯘت: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2000 - ﻳﯩﻞ 12 - ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 173 - ، 176 - ، 177 - ﺑﻪﺗﻠﻪر.  ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﺳﺎﻳﺮاﻣﻰ:«ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 1995 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ، 4 - ﺑﻪت.  «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلى بەت: [1]
سەنئەت
ئەلانۇر
75 كۈن بۇرۇن
 ئۇيغۇر ئۆيلىرى 

 تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز 
 (غەزەل) 


 قەھرىمان ئەجدادىمىزدىن يادىكار ئۇيغۇر ئۆيى، ئەنئەنە، ئۆزلۈك، ئۇدۇمدىن تىلتۇمار ئۇيغۇر ئۆيى. ئۇپۇقى دەرۋازىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز، ئاي، قۇياش، تال باراڭ، بوستان، چىمەنزار - لالىزار ئۇيغۇر ئۆيى. كەشپىيات ئەيلەپ مېمار چارچاپ، تۇرۇم، زەگۈندىنى... تاپتى يەر تەۋرەشكە مەزمۇت ئىقتىدار ئۇيغۇر ئۆيى. لاك، سۇۋاق، ئويما، قاپارتما گەردىشى ئالتۇن ھىسار، سوقما، چىتلاق ۋە كېسەكتە نەۋباھار ئۇيغۇر ئۆيى. گەج بىلەن قاتقاندا خىش - كاھىش، بىنا مەرمەر رەۋىش، نەگە كۆز سالساڭ نەقىش، پاك - بىغۇبار ئۇيغۇر ئۆيى. تاملىرى سەنئەتكە ئۆرنەك، تورۇسى ئاندىن كۆرەك، گۈل ۋاسا، تۈۋرۈك، بالادا زۇلپىقار ئۇيغۇر ئۆيى. تاش، سېغىز، شاخ - شۇمبا، يۇلغۇن، چىغ، سامان ئىمكانىدۇر، شۇنچە ئاددىي مۈلكى، ئەمما ئەتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى. ھويلا، ئايۋان، كەڭ پېشايۋان چىللىشار مەشرەپ، مۇقام، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمدا غەمگۇزار ئۇيغۇر ئۆيى. تۆرىدە دۇتار، راۋاب، تەمبۈر، سۇناي، داپ... كۈيگە يار، تەكچىدە توپلام - دىۋانلار مىرغىزار ئۇيغۇر ئۆيى. خانە مېھماندا يېكەنداز، زىلچا، رەت - رەت ئۇز جاھاز، چوڭ - كىچىككە ئىمتىياز، بات، ئىختىيار ئۇيغۇر ئۆيى. قىز - ئاياللار كەشتىسى چەندان تۈرى، ۋەسلى جاھان، ياسىداق، سىپتا بېزەلگەن شاتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى. تىككۈچى، موزدۇز، تۆمۈرچى، سىرچى، خارەت... ھەممە تەل، قول ھۈنەرۋەن بەيگىسىدە ئۇستىكار ئۇيغۇر ئۆيى. ئايمىقى تۈركۈم ئېرۇر، مەھەللىسى كۆجۈم ئېرۇر، بەھرىدە ئەمگەك - چېلىشنىڭ بەختىيار ئۇيغۇر ئۆيى. كۆلىدە زەمزەم سۈزۈك، باغدا ئانار، شاپتۇل، ئۆرۈك... مېۋىلەر شېرىن، چۈرۈك... دان، پاختىزار ئۇيغۇر ئۆيى. قوشنىلار ھەم ئۆزئارا ئۆملۈك، ئىمانغا مەھلىيا، ئەڭ چىرايلىقـــتىن چىرايلىق گۈلئۇزار ئۇيغۇر ئۆيى. توخۇ، ئۆردەك، ئىت، مۆشۈك، مال... ياڭرىتار سىمفونىيە، ئىلكىدە يايرايدۇ بارچە جانىۋار ئۇيغۇر ئۆيى. چۆچىكى بوۋاي - موماينىڭ ئارمىنى جەننەتسىمان، ئەھلى باتۇر خىسلىتىگە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئۆيى. مەكتىپى ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت، ئۆرپ - ئادىتىم، ئادىمىيلىكتە ئاۋامغا ئېتىبار ئــۇيغۇر ئۆيى. ئىزگۈ ئىشلار ئۇۋىسىدۇر قۇت، ھاياتقا باشپاناھ، بايلىقى ئىنسانىيەتكە تۆھپىكار ئۇيغۇر ئۆيى. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقىدۇر پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى»، ھەم ئەزىز مېھمان ئۈچۈن شاد دىل_خۇمار ئۇيغۇر ئۆيى. سەن ئۆمۈرلۈك قىممىتىم، قۇدرەت قۇچۇشتا ھۆرمىتىم، ئالدى پارلاق مىللىتىمگە ئىزباسار ئۇيغۇر ئۆيى. ئۆي مېنىڭ جان لەزىزىم، ئۇشبۇ ۋەتەندە يىلتىزىم، تىنچ - ئامانلىق، قۇت، راھەتكە ئىنـتىزار ئۇيغۇر ئۆيى
سەنئەت
ئەلانۇر
75 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر دېھقانلىرى 

تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز 


دېـھـقان بـار ھـەمـمە مىللـەتـتە، لـېكىـن ئوخـشاشـمىـغاي ئۇيغۇر، يـاشايسەن ساددا خىلـۋەتـتە، قۇرۇپ مـەشرەپ، چېلىپ تـەمبۇر... قـېـرىپ كـەتسـەڭـمـۇ ئـادەتـتە ئـارامـنى تـەرك ئېـتىـپ مـەغـرۇر، پـۈتـەر نـەپسـىـڭمـۇ ئەلـۋەتـتە قىلىپ يـۇرتـنى پـۇزۇر، مـەمـۇر... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. غـۇرۇرۇم، ئىـپـتىخـارىمـسەن، تـېـنىڭ سـاغـلام، ئـامـان بولـسۇن! قـۇۋانـچىـم، غـەمـگـۇزارىمـسەن، يولـۇڭ داغـدام، راۋان بولـسۇن! داۋامـەت ئىنـتىزارىمـسەن، كۈنـۈڭ بەخت - قـۇت تامـان بولسۇن! جېـنىـم ھـەم ئىقـتىدارىمسەن، تـۇتـاش يـىـلـتـىـز پايـان بولـسۇن! ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنـسان، ئوقـۇيمەن سۆيگـۈدىن داستان، كەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان...!

ۋاپــادار پــەرى - دىـلـدارىـڭ تــەۋەررۈك ئــاشـىـيان ســەھــرا، ئـۆمـۈرلـۈك ئەزگـۈ ئـەپـكـارىڭ ئېـتىز - قـىـر ئىـشقىـدا شـەيـدا، سـەھـەر - ئـاخـشامـدا دىشـۋارىڭ ئـەزەلـدىن توخـتىماس دەريا، ئېـچىلـغاي رەڭـگى - رۇخـسارىڭ، سائـادەت ئـەيلىـسەڭ بـەرپـا؛ ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. باھار، ياز، كۈزدە چىڭ ئىشلەپ: ئالارمىز مول ھوسۇل، دەيسەن، قـىـشى دۇلـدۇل كەبى كىشـنەپ: بىـنا، دامبىغا ئـۇل... دەيسەن، ھـاشاردا قـۇم - تـوپا چىشلەپ: قازاي ئـۆستەڭ ئۇدۇل، دەيسەن... سېـنىڭـچە بارمىدۇر ئـەشـرەپ دېسەم، بۇ سۆز نوقـۇل، دەيسەن... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. قـاقـاس چـۆلـدىن ئېچـىـپ مـەرئا، كـۆكەرتتىڭ كـەڭ تەبىـئەتنى، سـەراپ تـەكـلـىـماكـان يـەكـتا بـۈگـۈن كـۆردى كـارامـەتـنى...! راھـەتـلـەر ئـۆزگىـگـە ئـەسـلا... چېكەرسەن كۆپ مـۇشەققـەتـنى، ئـۆزۈڭ قـالـدىڭ يـېـرىم - يـارتـا، بـېـرىپ ئـەلـگـە ھـالاۋەتـنى؛ ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. ھېـرىش - چـارچاشـنى يـۈز - يـۈزدە بىلەلـمەسلىك لـوگىكاڭدۇر، قـاراڭـغـۇ يـامـرىـسا كـۆزدە، قـۇرۇش سـۆھـبەت لـىـرىكاڭـدۇر، ياتـارسـەن ئايـدالا - تـۈزدە، ئـوچـۇق ئـاسـمان يـېـپىـنچـاڭدۇر، تـېـپـىـلـغاي ھـەممـىـسى ئـۆزدە، ئـانـا تـۇپـراق سېلىنـچاڭدۇر... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. تـۆكـۈشـنى يـەرگـە دۇر - مېھـنەت ھـۇزۇر بىلـدىڭ كامالىڭدىن، چىـقاردىڭ ئـاش - ئـوزۇق نېـمەت كۈچۈڭ، ئاددىي قورالىڭـدىن، بـېـغـىـشلاپ بـارچـىـغا دۆلـەت، خـۇشاللاندىڭ ئـامـالـىـڭـدىن؛ تـەپـەكـكۇر جـەۋھىـرىڭ ھېكـمەت، ئالاي تـەلىم ماقـالىڭـدىن... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. دېھـقان دەيمەنكى − دان دەيمـەن، زىرائـەتـتىن زېـمىـن ئويـغاق، دېھـقان دەيمەنكى − نان دەيمـەن، نېـنىمـغا بارچە ئەل مۇشـتاق، دېھـقان دەيمەنكى − جان دەيمەن، سېنىڭسىز يوق ھايات قايناق، دېھـقان دەيمەنكى − كان دەيمەن، لەزىز تۇرمۇش، دىيار قۇۋناق؛ ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. پـايـانـسـىـز پـاخـتـىـزارىڭـدىن بـەدەنـلـەرگـە كـىـيـىم كـەلـدى، كـۆلـەمـلىك ئـۈجـمـىـزارىـڭـدىن يىـپەك، دورا، گـىـرىم كـەلـدى؛ بېـغىڭ، تـەك، مىرغىـزارىڭـدىن مـېـۋە، ئوتياش ئـەزىـم كـەلـدى، شـۇ ئـورمـان - ئـارچـىـزارىـڭـدىن بىـنالارغـا ئـىـرىـم كـەلـدى... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. كەرەملىك چارۋا، ھويلاڭدىن تۇخۇم، گۆش، سۈت، قېتىق... دەركار، ھـۈنەرۋەن ئۇسـتا جـوراڭـدىن غـىجىم، كـەشـتە، نـەقىش بىـسيار، ئېـرەمـلىـك سىـپـتا زىلـچاڭـدىن يـەنـە نـامـىـم ھـامـان داڭـدار، مەدەن، قاشـتېـشى سـوۋغـاڭـدىن ئـايـان دىدار، كىـشى بىـدار... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. ئـۇلـۇغـۋار سەنـدىكى ئىـسـتەك، پـىـرى سـەن ئـەنـئەنـە، ئـەردەم، سېخىي - مەردلىكـكە سەن ئـۆرنەك، بېشى خىسلەت، تىرىك ھاتەم، جىـمىي جانـغا سېغىن ئـەمـچەك، تـامـام بـولـماس دېـڭىز ئـەزەم، ئـەجىـر - تـۆھـپىدە سەن يۈكـسەك، قولـۇڭدا چـۆرگىلەر ئـالەم...! ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. سـۆيـۈمـلۈكـتىن سـۆيـۈمـلۈكـسەن، تېـپىلـمايدۇ ساڭا تـەڭـداش، كـۆيـۈمـلۈكـتىن كـۆيـۈمـلۈكـسەن، دىيانـەتـكە مـۇدام سىرداش، تـۈزۈملۈكـتىن تـۈزۈملۈكـسەن يېـڭىلـمەس جـەڭـچىگە ئوخـشاش، ئـۈنـۈملۈكـتىن ئـۈنۈملۈكـسەن، ئىـزىڭـدا گـۈل، دىلىڭ ئوتـقاش؛ ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. دېـھـقان بـار ھـەمـمە مىللـەتـتە، لـېكىـن ئوخـشاشـمىـغاي ئۇيغۇر، يـاشايسەن ساددا خىلـۋەتـتە، قۇرۇپ مـەشرەپ، چېلىپ تـەمبۇر... قـېـرىپ كـەتسـەڭـمـۇ ئـادەتـتە ئـارامـنى تـەرك ئېـتىـپ مـەغـرۇر، پـۈتـەر نـەپسـىـڭمـۇ ئەلـۋەتـتە قىلىپ يـۇرتـنى پـۇزۇر، مـەمـۇر... ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان، ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. غـۇرۇرۇم، ئىـپـتىخـارىمـسەن، تـېـنىڭ سـاغـلام، ئـامـان بولـسۇن! قـۇۋانـچىـم، غـەمـگـۇزارىمـسەن، يولـۇڭ داغـدام، راۋان بولـسۇن! داۋامـەت ئىنـتىزارىمـسەن، كۈنـۈڭ بەخت - قـۇت تامـان بولسۇن! جېـنىـم ھـەم ئىقـتىدارىمسەن، تـۇتـاش يـىـلـتـىـز پايـان بولـسۇن! ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنـسان، ئوقـۇيمەن سۆيگـۈدىن داستان، كەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان...! 
سەنئەت
ئەلانۇر
78 كۈن بۇرۇن
 ئۇيغۇر كىيىملىرى

 (مۇخەممەس)

 تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز

 ئەي جاھان ئەھلى، تۈزەي مۇشائىرە سۆھبەتسىمان، باغىقىم بولسۇن بۇ نەزمەم ھەممىگە خىزمەتسىمان، خاس كىيىملەرنى كىيىپ ھەم ياسىنىپ خىسلەتسىمان، سەھنىسى شەۋكەتتە ئەيلەپ چوڭ كۆرەك ھەيۋەتسىمان، ھەق، پەخىرلەنمەك ماڭا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتسىمان. دەرھەقىقەتكى، ھامان ئىنساندا ئوخشاشلىق تولا، ئەمما، ھەر مىللەت بېغىدا ئۆزگىچە گۈلزار جۇلا، مىلىتىم كىيگەندە ئايەملىك كىيىم توزدەك گويا، چاقنىتار تەندىن قۇياش ئەركەكلىرى ئويناپ ساما، پەرى-پەيكەرگە زېمىن بەرمەي ئېسىل سۆلەتسىمان. باش كىيىمدىن باشلىساق گەپ، نۇسخىسى بار نەچچە يۈز، خوپ ياراشقاي كىيسە تاللاپ ياز، نورۇز، قىش، ياكى كۈز، دوپپا، ياغلىق ھەم شىلەپە ئەۋجىگە يەتمەيدۇ سۆز، تۈرى كۆپ تەلپەك، تۇماققا مىڭ بېقىپ تويمايدۇ كۆز، باشقا قونغان بەخت قۇشىدەك، بەلكى تاج-دۆلەتسىمان. تېرە، يۇڭ، پاختا، يىپەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، نە بۇيۇمكى، ئوت يۈرەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، يىپ ئەمەس، رىشتە-تىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، گۈل چېكىپ تالماس بىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، ئۈستىۋاشقا چىقسا چاقنار ئەڭ گۈزەل سەنئەتسىمان. تاش كىيىم ھەم ئىچ كىيىم تۈر-پاسۇنى چەندان يەنە، ئىش، مۇراسىملاردا ھەرخىل ياسىنار جانان يەنە، ئۆيدە باشقا، سىرتتا باشقا كىينەر ھەرجان يەنە، ئۆزگىچە ئارتىس ۋە ئاشپەز، ساتىراش، دېھقان... يەنە، قوزغىتار قەلبىڭدە دەريا، ئۆركىشى ھۆرمەتسىمان. كىيىمى بوۋاي-موماينىڭ خوپ سىپايە يارىشار، خويمۇ ماس كەلگەن كىيىمگە ھەممە زوقتا قارىشار، قىز-جۇۋانلار ئۇز ياسانماق كويىدا چاچ تارىشار، ئايلىنىپ بىر پارچە ئوتقا، بارچە ئەر ئىز مارىشار، قان تومۇر، ياق گەۋدىلەردە ھېسسىيات شەربەتسىمان. ئەر-ئايال كىيملىرىدە رەڭ، شەكىللەر باشقىچە، پەرقى روشەن يەتتە ياشتىن بەستى يەتمىش ياشقىچە، ياشقا باغلىق چاچ-ساقال، ھەتتا بۇرۇتتىن قاشقىچە، جابدۇقى قىز ئاياللارنىڭ ئۆزگە زەر، قاشتاشقىچە، ياش يىگىتلەر يانغا ئاسقان تىغ-پىچاق زىننەتسىمان. ئاق كىيىم − ساپلىق، خەيرلىك قۇتقا تەڭداش ئەسلىدىن، قاپقارا − قايغۇ ئەلەملىك، مۇسىبەتلىك پەسىلىدىن، قىپقىزىل رەڭ بەرق ئۇرار شوخلۇق، خۇشاللىق ۋەسلىدىن، كۆك غەيۇرلۇقتىن، سېرىق مىسكىن، پەرىشان بەستىدىن ... رەڭ بىلەن قانداش ھايات، كىيىم-كېچەك ھېكمەتسىمان. سەل قارالماس تېخىمۇ ئاياغ كىيىمگە ھەر پەسىل، تۇرسا پۇت ئىسسىق، قۇرۇق، ئەلۋەتتە ساقلىققا كېپىل، كۆن، خۇرۇم، شاۋرۇن ... بىلەن موزدۇز ئاجايىپ دوست ئىجىل، مەسە-كەش، سەندەل، ئۆتۈك، بۆكۈش، بەتىنكە ... زەپ ئېسىل، قىز-ئايال سۈلكەتسىمان، ئەرلەر يۈرەر قۇدرەتسىمان. پوتا باغلاپ روھلىنىپ پالۋانچە قامەت ئەيلىدۇق، ئەلمىساقتىن بەلنى چىڭ تۇتماقنى ئادەت ئەيلىدۇق، ئادىتى ئىللىق تۇرۇشتىن بەلكى ئامەت ئەيلىدۇق، ساقلىنىپ قورساق سېلىشتىن، شۇنچە راھەت ئەيلىدۇق، تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ھەممىدىن قىممەتسىمان. ئەنئەنەمدىن سۆزلىسەم، تىل بۇلبۇلۇم خەندان بولۇر، ھەم غورۇرلانسام، بېشىمغا كىيگىنىم ئاسمان بولۇر، رەڭمۇرەڭ كىيىم-كېچەكتىن كاتتا بىر داستان بولۇر، مەنىلەر يىلتىز سۈرۈك، تەكلىماكان ئورمان بولۇر، ئۆزلۈكۈم تارىخ بېتىدە نۇرلىنار شۆھرەتسىمان. 
سەنئەت
ئەلانۇر
84 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر دوپپىسى 

تۇرغۇن يىلتىز


باش كىيىملەر شاھىدۇر جاھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى، 
ماس، ياراشقاي ھەر زامان-دەۋرانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. كىيسە نورۇز-نەۋباھار، ياز، كۈزدە قوش سۆلەت ئىرۇر، مەيلى پۇقرا، مەيلى شاھ-سۇلتانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. قول ھۈنەرۋەن سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، گۈلتاجى ئۇ، 
ھەم ۋەكىل مىللەت، غۇرۇر، ۋىجدانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. نۇسخىلاردا پارلىغاي چىن تارىخىي ئەۋرىشكىلەر،
 دەرس بېرەر سىردىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. بىر «چىمەن دوپپا» دېسە، تۈر- نۇسخىسى بار نەچچە ئون،
 باشلىغاي بوستانغا، گاھ پىنھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. 
 سىز «بادام دوپپا» كۆرۈپ: چاغلىق، بادامكەنغۇ دېمەڭ، دوست قۇياش، يۇلتۇز ۋە ئاي، چولپانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. 
 «مامپۇ»، «راۋاب» باغىدا بال ھەرىسى، قۇش، «كېپىنەك»، مۇڭ، مۇزىكا بۇلبۇلى خەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «پاختا»، «ئۈنچە»، «ئالماگۈل»، «ياپراق»، «ئۈزۈم» سەھراسى كەڭ، ئوخشىغاي خوپ مول ھوسۇل، خامانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «كالۋىتۇن»، «مەزەڭگە»، «ئىلمە»، «چاچما»، «زەر» دۇنيا بۆلەك، ئۇستىكارغا بەيگىدۇر جەۋلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «بەش تالا»، «چەكمەن»، «يۈرەك»، «شەيدائى» سىمۋول سۆيگۈگە، يول ئاچار ئالىي تىلەك-ئارمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ئايىمى ھېيىت، تويدا «ئەگىم قاش»، «گىلەم»، «كۆز» كۆرگى قىز، كاتتا سۆلەت ئەر-ئايال مېھمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ئالدىراپ كۈلمەڭ «شاپاق»، «بۆك»، «پوچى»، «كۈلگۈنچەك» دېسە، نۇر تۆكەر «گۈلخان» كەبى غىلمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «يا»، «قىلىچ»، «بايتامغا»، «يۇلتۇزتامغا» دەپ تۈرلەر تولا، خاس جىگەرلىك قىز، يېتۇك ئوغلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. دوپپا ئازمۇ «غۇلجا»، «تۇرپان»، بەلكى «تاشكەنت» نامىدىن، بىرىنىڭ يەتكەي خىلى چەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. شۇنچە كۆپ تۈر-نۇسخىلارنى ھېچ كىشى بولماس ساناپ، جان بېرەر مىزانغا، يەر-ئاسمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ياش-قېرى، ئۆسمۈر-بوۋاقنىڭ تاللىشى ئۆز ئالدىغا، بار مۇۋاپىق ھەركىشى - ئىنسانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. يىپ دېمەڭ ئاددىي، تومۇرلار ئىلكىدە ئۆزلۈك مۇدام، روزغار دەرمان، ئىشەنچ - ئىمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. بۇ ھۈنەرنىڭ پىرلىرىدۇر ئەسلىدە قەشقەر، خوتەن، باب ئېسىل سەنئەت دېگەن ئۈنۋانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ئەنئەنە يىلتىز گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك پاكلىق ئۈچۈن، كۈيلىسەم سىغماس تۈمەن داستانغا ئۇيغۇر دوپپىسى