ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلار!
سەرخىللار ژۇرنىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەلەردىن ماقالىلەر كېلىشكە باشلىدى. ژۇرنىلىمىز — مەزمۇن ۋە ژانىرى چەكلەنمىگەن، ھەم ئاممىباب، ھەم ئاكادېمىك ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەرگە ئوچۇق ئالىي بىر سۇپىدۇر. ئۆسمۈرلەر، ياشلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنىلىمىز، جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى يېڭى ۋە سۈپەتلىك ئىجادىيەتلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
بىزنىڭ ئىلمىي ئۆلچىمىمىز:
ژۇرنىلىمىزغا كەلگەن بارلىق ئەسەرلەر «قوش كىشىلىك يوشۇرۇن باھالاش» (double-blind peer review) سىستېمىسى ئارقىلىق، ئاز دېگەندە ئىككى مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. تەھرىر بۆلۈمىمىزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ماقالىلەر ئاۋۋال ئېلېكترونلۇق سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىنىدۇ، بەلگىلىك سانغا يەتكەندە بولسا، تۈپلىنىپ باسما شەكلىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
نېمىشقا بىز بىلەن بىرگە بولۇشىڭىزغا چاقىرىق قىلىمىز؟
دىئاسپورادا ئىلمىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقىنى بېيىتىش — ھەر بىرىمىزنىڭ مىللىي بۇرچىدۇر. بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش ئۈچۈن:
ئاپتور سۈپىتىدە: ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى ۋە سۈپەتلىك ئەسەرلىرىنى بىزگە يوللاڭ؛
باھالىغۇچى سۈپىتىدە: ئۆز ساھىڭىزدىكى ماقالىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىلىم-تەجرىبىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ.
بۇ قۇتلۇق خىزمەتنى بىرقانچە كىشىنىڭ يالغۇز ئۆتەپ چىقىشى مۈشكۈل، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە ئاجراتقان ئازراق ۋاقتى ۋە كۆڭلى بىلەن بۇ ئىش ئىنتايىن ئاسان ۋە نەتىجىلىك ئىشقا ئايلىنىدۇ. تىلىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى، زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بىزگە قوشۇلۇڭ!
تۆۋەنچىلىك بىلەن، ژۇرنىلىمىزغا تىزىملىتىپ، بۇ ئىلمىي سەپەرنىڭ بىر قىسمى بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن ژۇرنال سەھىپىمىزنى زىيارەت قىلىڭ ۋە تىزىملىتىڭ!
https://serhillar.com/journal/register.php
ھۆرمەت بىلەن،
سەرخىللارژۇرنىلى تەھرىراتى
ھەقىقەتەن بىز ھەر بىر ئىشنىڭ ھېكمىتىگە ئىشىنىپ، ياراتقۇچىغا ئۆزىمىزنى «تەسلىم» قىلىشىمىز لازىم ئىكەن. نۇرغۇن ئىشلار راتسيونال، فورمىلاغا ۋە قائىدىگە چۈشىدىغاندەك، چوقۇم سەۋەپ-نەتىجە بويىچە بولىدىغاندەك ئويلىۋالساق خاتالاشقان بولىدىكەنمىز.