سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#تارىخ
تارىخ
ئەلانۇر
29 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇرلاردا نان مەدەنىيىتى



نان بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋىرىدە ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان. نان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا<<ئەتمەك>> دەپ دىيىلگەن(تۈركىي تىللار دىۋانى. 1-توم 138-بەت). قۇمۇلدىكى قارا دۆۋە قەبىرىستانلىقدىن ئارخىئولوگىيەلىك قىدىرىش جەريانىدا بىر دانە تېرىق قاتلىمىسى بايقالغان. شۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان باشقا ئەۋرىشكىلەرنى كاربون 14 ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى 3000يىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. يەنە تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدىن 1969-يىل ئارخىئولوگىيەلىك قېزىشتا 1400يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان شەكلى ۋە گۈل نۇسخىلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلىۋاتقان نانغا ئوخشايدىغان بىر دانە نان تېپىلغان . يەنە جۇۋاۋا، چۆچۈرە، ھەرخىل پېچىنە-پىرەنىكلەر ۋە بۇغداي كېپىكى ۋە سامىنى چىققان. بۇنىڭدىن باشقا قارا شەھەردىكى تاڭ سۇلالسى دەۋرىدىكى قەدىمقى شەھەر <<تاڭ ۋاڭ شەھىرى>>دىنمۇ بۇغداي ۋە ناھايىتى يۇمشاق تارتىلغان بۇغداي ئۇنى تېپىلغان. نەق ئارخىئولوگىيەلىك ۋە يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئېلىمىزدەئۇنلۇق يىمەكلىكلەر، بولۇپمۇ نان، قاتلىما ، توقاچ شىنجاڭدا كەشىپ بولغان.[1] خەن سۇلالسى دەۋىرىدە ئۇنلۇق يىمەكلىكلەر نان (قاتلىما)دىيىلگەن.ليۇشى يازغان<<سۆزلەر ئىزاھى>> دا ناننى<<غۇر (خۇر)نېنى >>(胡饼) دىگەن . بۇخىل يىمەكلىك ئوتتۇرىسى نېپىز ، گىرۋەكلىك بولۇپ، يۈزىگە كۈنجۈت سۈركەيدۇ، دەپ خاتىرلەنگەن. ئۇنى پىشۇرۇشتا يەنە كۈنجۈت يېغى ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ غەربى شىمالىدا تارقالغان بولغاچقا <<غۇز نېنى>> دىيىلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. بەن گۇنىڭ << خەننامە. شۇەندى تەزكىرىسى >> دىن بىلىنىشىچە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 74-يىلى تەخىتكە چىققان پادىشاھ شۈەندى تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ، خەلق ئارىسىدىن سەرسان بولۇپ يۈرگەن چېغىدا ھەركۈنى دىگۈدەك بازاردىن نان سېتىۋىلىپ يەيدىكەن. بۇنىڭدىن ، ناننىڭ غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرگەنلىكى ئېنىق. فەن يى يازغان <<كىيىنكى خەننامە>>دە : <<لىڭدى پادىشاھ غۇز قاتلىمىسىنى ياخشى كۆرەتتى، ئاستانىدىكى ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى غۇز قاتلىمىسى يەتتى >> دىيىلگەن. نان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەندە يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن ئەدىب ۋە ئالىملار ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تاڭ سۇلالسى دەۋرىگە كەلگەندە ، يۇقىرى قاتلامدىن خەلق ئىچىگە تارقىلىپ ، بارا-بارا ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىككە ئايلانغان. شۇنداقلا ناننى كىشىلەر بازاردىن سېتىۋالالايدىغان بولغان. مەسىلەن سىماگۇاڭ يازغان<<ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر>> ناملىق كىتابنىڭ 218-جىلدىدا خاتىرلىنىشىچە ،ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن تاڭ شۈەنزۈڭ چاڭئەندىن قېچىپ چىقىپ،شىيەنياڭغا بارغاندا ياڭ گوجۇڭ بازاردىن نان سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ بەرگەن. بۇ مەلۇمات ئەينى زاماندا ناننى تەييارلاپ بازاردا سېتىشنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شىمالى سۇڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە ، ناننىڭ ئومۇمىيلىشىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. بۇ ھەقتە جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مىڭ يۈەنلاۋنىڭ<<شەرقى ئاستانىدە ساقلانغان خاتىرىلەر>> دىگەن كىتابىدا ، شىمالى سۇڭ سۇلالسىنىڭ مەركىزى كەيفىڭنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى تەسۋىرلىگەندە ، كەيفىك شەھىرىدىكى يىمەكلىكلەر دۇكىنىدا <<خۇ نېنى>> ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ بارلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. تارىخچى چىن سىخى نان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.<<مىسىر ۋە غەربى ئاسىيادىكىلەرنىڭ تۈگمەننى كەشىپ قىلىپ، قاتلىما ياساش ھۈنىرى بىزدىن ئىلگىرى بولغان. غەربى يۇرتتىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ تۈگمەن ئۇنىدا توقاچ ئېتىشنى ھۈنىرىنى ئىگەللىگەن،كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ يىمەكلىك ئۇسۇلىنى بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرگەن.>> ئۇيغۇرلار تارىختا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئارقىسىدا ناننىڭ سۈپىتىنى ۋە شەكلىنى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلىغان. بۇ خىل ئەھۋالنى بىز ناننىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدىن بىلىۋالالايمىز. بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر نانلىرى پىياز نان، گىردە نان، توقاچ نان، سەپەر نان، كۈنجۈتلۇق نان، شېكەر نان، گۆشنان، كاكچا نان، بىجاق نان، شىرمان نان، ھەمەك نان، پېتىرنان،، ياغ نان، دامان نان، چىگىردەك نان، كۆمەچ، قىيمىلىق قاتلىما نان، جەۋەندە نان، جىرىس نان، زاغرا نان قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ نانلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەسىلەن، مەھمۇد كاشىغەرى << دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>> ناملىق ئەسىرىدە <<توقاچ>> ھەققىدە توختىلىپ، بۇ توق ئادەم دىگەن ئىبارىدىكى <<توق>> دىگەن سۆزدىن ياسالغان. چۈنكى توقاچ ئادەم تويدۇرىدۇ>>[2]( 1-توم464بەت) دەپ چۈشەندۇرگەن بولسا ،<<قاتلىما >> توغرىلىق توختىلىپ، ئۇنىڭ <<قاتقۇرغان>> دىگەن نامىنىڭ بارلىقى، بۇ <<ياغ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلدىغان بىر خىل نان >> ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ.[3] بۇلاردىن باشقا<<چۆرەك>>( 1-توم، 504-بەت)كىمۇ <<توقاچ>> دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. << كۆۋشەك>> (1-توم، 628-بەت) نى بولدۇرۇلغان نان دېسە، <<چوقمىن>>(1-توم، 578-بەت) دىگەن سۆزنى ھور ناننىڭ بىر خىلى دەپ ئىزاھلىغان. <<كۆمەچ>>(1-توم،567-بەت) سۆزىنى كۈلگە كۆمۇپ پىشۇرىدىغان نان، سىنچۇ (1-توم. 544-بەت) گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بولىدىغان نان ، ق <<پوسكەچ>> (1-توم، 564-بەت) ۋە يۇغا (3-توم، 34-بەت) سۆزلىرىگە قاتلىما، ياغدا پىشۇرۇلىدىغان نېپىز نان دەپ ئىزاھ بەرگەن.
تارىخ
قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن
33 كۈن بۇرۇن
خوتەن
نەۋبەتى
 (زاكىرجان ئابدۇلمەجىد تەييارلىغان)
 باغقا ئوخشۇتۇپ خىيال ئەت خوتەننى. 
كۆزۈڭگە تۇتىيا، خال ئەت خوتەننى. 
پەرىلەر سۆيسە ئەجەپ شىرىندۇر، 
ھۆرلەر لېۋىگە بال ئەت خوتەننى.
 چىھرىگە قوياش، كۆزلەرگە يۇلتۇز،
 يادەك قاشىگە ھىلال ئەت خوتەننى.
 چىقسا سەلكىنى، كېلۇر خۇش ھىدى،
 لەيلى بويىغا دال ئەت خوتەننى. 
قاندۇر بىھاجەت لالە يۈزىگە،
 قىزىللىق تەپكەن ئال ئەت خوتەننى
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر 23 Apr 18:23
شىئېرنى ئورنىغا كەلتۈرۈپ قويسىڭىز تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. 
تارىخ
ئەلانۇر
89 كۈن بۇرۇن
 ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

  بۇ ماتېرىيال قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1989- يىلى نەشىر قىلغان، ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى "تارىختىن قىسقىچە بايانلار" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنىيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ. جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ جۇشقۇن مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (روزەك باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان كوللىكتىپ  پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئويۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرىسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. «ساما» دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. زىمىنغا گۈس- گۈس دەسسەپ تىترىتىپ ، غەيۇرلۇقنى ، يىگىتلىكنى، بىرلىك- ئىناقلىقىنى ، ئۇيۇمچانلىق- ماسلىشىشىچانلىقنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ. بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.

 ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان.

 ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 

مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان. XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلاد 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. 

ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان. XIX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن رېمونت قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرىپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان ھاممام، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەرۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.

 ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار بۇزۇلغان ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان. 

 ھىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، كۆچەتلەر تولۇقلاپ تىكىلگەن، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە « مەدرىس- مەسچىت ھەيئىتى » قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان. ھىجىرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.

 ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى. 

 ھېيتگاھ جامەسى ۋەتىنىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ھۈنەر- سەنئەت ماكانى بولۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق ،ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر. 

 ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە : دەرۋازا، ھويلا، مەسچىت، مەدرىس، ھۇجرىلاردىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەھەرگە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بۇلۇپ، مەزىن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراب شەكىللىك ئىشىكى بار. گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17.5 مېتىر كېلىدۇ.بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ.دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بۇلۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارە كىرىمى جامە جىراجەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى- شەھەرنىڭ ئەڭ قويۇق ئېلىم- سېتىم، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر.  بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئورۇن- ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا (ھويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3- 4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5-10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە 40-50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ھويلىسى بىلەن كايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر، كايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان. مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پىشايۋان)، كايىۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېسابلىغاندا 2660 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ئايۋان تۇرۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز- رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن مەشھۇردۇر.