ئاللاھ ساڭا تاپشۇردۇم
تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
_ئىلاۋە: مەزكۇر شېئىر مەرىپەت ژورنىلىنىڭ 2016-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قېلىنغان.
شۈكۈر ساڭا ئى ئاللاھ، خاتىرجەم ۋە ساق تۇردۇم،
سارغايتمىدىڭ چىراينى، رەڭگى رويۇم ئاق تۇردۇم،
ھازىرغىچە سەن بەرگەن نېمەتلەرنى ياقتۇردۇم،
شۇنداقتىمۇ غېمىم كۆپ داۋاسىنى ئاقتۇردۇم،
ئىشەنچ بىلەن ھەممىنى ئاللاھ ساڭا تاپشۇردۇم.
تىلىكىم شۇ بۇ دۇنيا ئەڭ چوڭ غېمىم بولمىسا،
ئۇششاق چۈششەك ئىش ئۈچۈن كۆڭلۈم دەردكە تولمىسا،
مۈشكۈلاتتا ۋۇجۇدۇم «ئاللاھ» دەپلا توۋلىسا،
ئالدانمىسام شاش تۇرۇپ نەپسىم مېنى گوللىسا،

بۇپ قالمىسا مۇسىبەت ئىمانىمدا، دىنىمدا،
يوقالمىسا مۇھەببەت ساڭا ھەرگىز دىلىمدا،
مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمىسام: سەن ھەرزامان يېنىمدا،
شەيتان ماڭا دۈشمەندۇر ئاقار تومۇر قېنىمدا،

توغرا يولدا مېڭىشقا نېسىپ قىلساڭ ھەردائىم،
رازىلىقىڭ ۋە جەننەت بولسا مېنىڭ تامايىم،
قىلساڭ مېنى ئەخلاقلىق، تىلى گۈزەل، مۇلايىم،
يىراق تۇرسا گۇناھتىن ھەربىر تىرىك ئەزايىم،

ئىلىم ھېكمەت يولىنى قىلىپ بەرسەڭ ئاسانلىق،
جىمى يامان يوللارغا باشلايدىكەن نادانلىق،
جاھىل كىشى ھايۋانكەن ئىككى پۇتلۇق، زۇۋانلىق،
ئىتائەتچان قۇل بولسام ئىلىملىك ۋە ئىمانلىق،

جاپا تارتتى مەن ئۈچۈن ئاتا-ئانام يەتكۈچە،
غېمى مەندە ھازىرمۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە،
نېمە بولسام مەيلى دەر بالام جاپا چەككۈچە،
قىلسام دەيمەن خىزمىتىن، پۇرسەت قولدىن كەتكۈچە،

كەڭرى ئىدى بۇ جاھان كەتتى ھازىر تارلىشىپ،
ئاران تۇرار ھالالغا ھارام نەرسە ئارىلىشىپ ،
ھارام بىلەن روھ چىرەر، كېتەر دىللار قارلىشىپ،
ئەقىل-نەپسىمنىڭ ئورنى كەتمىسىكەن ئالمىشىپ،
ئىشەنچ قىلىپ ھەممىنى ئاللاھ ساڭا تاپشۇردۇم.
«ھەر قېيىننىڭ كەينىدە بىر ئاسانلىق بار» دېدىڭ،
«بولساڭ تەقۋا، چىداملىق، نۇسرەت ساڭا يار» دېدىڭ،
«ئۈمىدسىزدۇر كاپىرلار، شۇڭا يولى تار »دېدىڭ
«ھېچكىم ئەزىز قىلالماس مەن قىلغاننى خار» دېدىڭ،

مېھىر بېرىپ بىزلەرگە، تىلەكلەرگە يەتكۈزسەڭ،
بىخۇدلۇق ۋە كىبىرنى بىزدىن نېرى كەتكۈزسەڭ،
بېشىمىزنى بىر ئۆمۈر بىر ساڭىلا ئەگكۈزسەڭ،
لەززىتىنى جەننەتنىڭ تىللىرىمغا تەگكۈزسەڭ،