بۇ خىل مۇقىملاشتۇرۇش رولى تاغلارنىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. «نەبە» سۈرىسىنىڭ 7-ئايىتىدىكى «(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟» دېگەن ئىلاھىي سوئال، زامانىۋى پەننىڭ تاغلارغا بولغان تەسۋىرى بىلەن تولۇق ماسلىشىدۇ. «قوزۇق» سۆزى بىر نەرسىنىڭ پەقەت يۈزىدىلا ئەمەس، بەلكى يەرنىڭ ئاستىغا چوڭقۇر پاتقان قىسمىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۇتقۇچىلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. زامانىۋى گېئوفىزىكا تەتقىقاتلىرىمۇ تاغلارنىڭ خۇددى بىر مۇز تاغقا ئوخشايدىغانلىقىنى، يەنى بىز كۆرىدىغان قىسمىدىن بىر قانچە ھەسسە چوڭقۇر يىلتىزىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.
«تاغ يىلتىزى» (Mountain Roots) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرۇلما «ئىزۇستازىيە» (Isostasy) قانۇنىيىتى بويىچە يەر پوستىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە زىچ بولغان مانتىي قەۋىتىگە باغلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر تاغلارنىڭ بۇ چوڭقۇر يىلتىزلىرى ۋە زور ماسسىسى بولمىغان بولسا، يەر پوستىنى تەشكىل قىلغۇچى لىتوسفېرا تەخسىلىرى توختىماي تەۋرىنىپ، يەر يۈزىنى ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن خەتەرلىك بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولاتتى. تاغلار خۇددى بىر چوڭ كېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان ئېغىرلىق گەۋدىسىگە ئوخشاش، زېمىننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدىكى «بەرپا قىلىش»، «يارىتىش» ۋە «قوزۇق قىلىش» بايانلىرى بۈگۈنكى گېئوفىزىكا تەتقىقاتلىرى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە بىرلىككە كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىزگە تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ بىر نۇقتىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، ئالەمدىكى ھەر بىر زەررىچىنىڭ مەلۇم بىر قانۇنىيەت ۋە بۈيۈك بىر مەقسەت بىلەن يارىتىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ. تاغلارغا قارىغاندا، بىز پەقەت تاش ۋە تۇپراقتىن تەركىب تاپقان گەۋدىنىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ تۇرغان ئۇلۇغ بىر قۇرۇلۇشنى كۆرىمىز.
خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار تۈز مىجەزمۇ ؟
ئىلھام
ئۆز ئىسىمنى ئۆچۈرۈپ، ۋەتەن -مىللىتىنى تارىخقا يېزىش:
نەپسى بەندىچىلىكتىن نامسىز قەھرىمانلىقنىڭ يۈكسەك پەللىسىگىچە
ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي
ھازىرقى زاماننىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالت يۇلت چاقناشلىرى ئاستىدا، ئىنسانىيەت مەلۇم بىر نۇقتىدا توختاپ، ئۆزىدىن مۇنۇ ئەڭ ھاياتىي سوئالنى سوراشنى تاشلىدى: «مەن ھەقىقەتەن شۇنچە مۇھىممۇ؟» بۇ سوئال ئادەتتىكى بىر پەلسەپەۋى قىزىقىش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ كىملىك ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ بوسۇغىسىدۇر. بولۇپمۇ بىز... يۇرت-ماكانسىز قالغان، مۇقەددەس ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغان، ئەزىزلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىپلاس ئاياقلىرى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ھەممە نەرسىسى قولىدىن تارتىۋېلىنغان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، بۇ سوئالنى ئاللىقاچان ئۇنۇتقىنىمىزدىنمۇ چوڭ تىرادېگيە بولمىسا كېرەك. ئەي ئەزىز قېرىندىشىم! قېنى سەمىمىي بىر جاۋاب بېرىڭ، سىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان «مەن» دېمەي، «مەنسىپىم» دېمەي، «ئىلمىي ئۇنۋانىم» ياكى «ئابرۇيۇم» دېمەي، پەقەت «ۋەتەن ۋە ئاللاھ» دەپلا پاك بىر جۈملە قۇرۇپ باقتىڭىز؟ ئارىدىن زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندۇ؟ بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىرتتىكى مەنزىرىسىگە ۋە تەشكىلاتلىرىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىتاي زۇلۇمىنىڭ قىزىل ئوتلىرىدەك كۆيدۈرگۈچى، ھېچ بولمىغاندا شۇ قىيىن-قىستاقلاردەك خەتەرلىك بىر ئىچكى كېسەللىكنىڭ پۇرىقىنى ئالىمىز. ئۇ بولسىمۇ: «ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە قىممەتلىك چاغلاش ساراڭلىقى» دۇر. بۇ قەلبنى چىرىتىدىغان، كىشىنى ھالاكەتكە سۆرەيدىغان «ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش» (ئۇجۇب) كېسىلىدۇر. ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىنى مەركەزدە دەپ بىلىدۇ. ھەممە ئادەم ھەقلىق، ھەممە ئادەم ئۆزىنى تېپىلغۇسىز بىر رەھبەر، تەڭداشسىز بىر ئىستراتېگىيەچى، دانا بىر سىياسەتچى دەپ خىيال قىلىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال سورىغاندەك بىر سوراپ باقايلى: «ئەگەر ھەممەيلەن قوماندان بولۇۋالسا، جەڭ مەيدانىدا قان كېچىپ شەھىد بولىدىغان، ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدىغان 'نەپەر' (ئاددىي ئەسكەر) كىم بولماقچى؟» ئەگەر ھەممەيلەن بىنانىڭ چوققىسىدىكى زىننەتلىك گۈمبەز بولۇشنى خالىسا، شۇ گۈمبەزنى ئاسماندا تۇتۇپ تۇرىدىغان، تۇپراق ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقتا مىڭلىغان توننا يۈكنى يېگانە زىممىسىگە ئالغان «ئۇل تاش» كىم بولىدۇ؟ ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى پەقەت سەھنىلەردىكى جاراڭلىق نۇتۇقلار ياكى پارقىراق يىغىن زاللىرىدىكى دىپلوماتىك سۆز ئويۇنلىرى ۋە ياكى مەنسەپدارلار بقلەن چۈشكەن رەسىملەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كىملىكىنى تارىخقا، جېنىنى ۋەتەنگە تاپشۇرۇپ، ئۆزىنى مىللىتى ئۈچۈن «يوق» قىلغان نامسىز قەھرىمانلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدە تۆككەن ئىسسىق قانلىرى بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ. دېمىسمۇ، مۇستەقىللىق بىر بۈيۈك بىنا بولسا، ئۇنىڭ ئۇل تېشى دەل كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، ئالقىش كۈتمەيدىغان، قەبرىسىگە ئىسمىمۇ يېزىلمىغان سىرلىق پىداكارلاردۇر. ئەگەر بىزنىڭ دەۋايىمىز بۈگۈنمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن توختاپ قالماي داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، «مەن» دەپ توۋلىغانلارنىڭ شاۋقۇنىدىن ئەمەس، بەلكى «ۋەتەن ياشىسۇن، مەن ئۆلسەممۇ مەيلى! ئەمەل مەنسەپ، نام ئاتاققا ئەمەس، ۋەتەندىكى بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىغا بىر تامچە سۇ بولالىساملا شۇ ماڭا يېتەرلىك شەرەپ» دېيەلەيدىغان يوشۇرۇن شېھىدلارنىڭ سۈكۈتىدىن ۋە مەقبۇل غايبانە دۇئارلىدىن بولماقتا. چۈنكى نامسىز قەھرىمانى بولمىغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى، تومۇرىدا قېنى بولمىغان ئىنساننىڭ ھاياتلىق تاماسىغا ئوخشاش بىر خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ھازىرقى تەشكىلاتچىلىقىمىز بىر «خىزمەت رىقابىتى» بولۇشتىن چىقىپ، نەپسلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا، گويا «ئۆزىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش» سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئىمام غەززالى مەنمەنلىكنى «ھەقىقەتنى رەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرۈش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. بۈگۈن بىز تەنقىدنى ئۆزىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم، ھۆرمەتسىزلىك، ھەتتا «دۈشمەنلىك» دەپ قارايدىغان پاتولوگىيەلىك بىر روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈۋالدۇق. ئىنسانلىرىمىز ئەمدى ئۆز قىممىتىنى، قىلغان ئەمگىكى بىلەن ئىسپاتلاشنى خالىمايدۇ؛ بەلكى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىر بۇيرۇق سۈپىتىدە جاكارلايدۇ ۋە شۇنى مەجبۇر تاڭىدۇ. بىر يارىغا مەلھەم بولغانلىقى ياكى بىر ئېسىل پىكىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت «مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى» ۋە شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا باشقىلاردىن ئالقىش كۈتىدىغان غەلىتە بىر توپقا ئايلانماقتىمىز... ئەمدى توختاپ بىرئويلىنىپ باقساق! سېنى شۇ ئورۇندۇقتىن چۈشۈرۈۋەتسە، قولۇڭدىكى ئۇنۋاننى ئېلىۋەتسە، ئارقاڭدا «ھەقىقىي دەۋا ئادىمى» دېگەن سۈپەتتىن بىرەر زەررە ئەسەر قالامدۇ؟ ياكى سېنىڭ پۈتۈن ھەيۋىتىڭ پەقەت شۇ ئامانەت ئورۇندۇقتىنلا ئىبارەتمۇ؟ ھەزرىتى ئەلى (ر.ز) نېمە دېگەن جاراڭلىق ئېيتقان-ھە: «شەخسىيىتىنى مەنسىپى بىلەن قازانغانلار، مەنسىپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېچلىققا مەھكۇمدۇر» دەۋا ئادەملىكىمىز «مەن شۇنداق»، «مېنى شۇنداق قوبۇل قىلىسەن» دېگەندەك مەسئۇلىيەتسىزلەرچە نەپسىي بىشەمىلىكنىڭ زىننەتلەنگەن زىندانلىرىغا بەند بولۇپ قالماقتا. ھېچكىم ئۆزگىرىشنى، ئىزچىل ئۆەۈنىشنى ۋە سۈزۈلۈشنى خالىمايدۇ؛ ھەممەيلەن چۈشىنىلىشنى، ھەممەيلەن ئالقىشلىنىشنى، ھەممەيلەن «ئەڭ توغرا» دەپ بىلىنىشنى خالايدۇ. ئۆزىنى ئىلاھتەك ھېس قىلىپ، كىچىك بالىدەك قېيىدايدىغان، مەنمەنلىكى يوغانغانسېرى ۋىجدانى تارىيىدىغان بىر ئەۋلاد... ئۆزۈڭنى قانچە چوڭايتقانسىرى، دەۋايىڭنى شۇنچە كىچىكلىتىۋاتقانلىقىڭنى، مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ پەريادىنى ئۆزۈڭنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىڭ بىلەن بوغۇۋاتقانلىقىڭنى قاچانمۇ توغرا ھېس قىلاسەن؟ بۇ ساراڭلىقنىڭ ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ سىستېمىلىق شەكلى، جەمئىيەتنىڭ «مېڭىسى ۋە يولباشچىسى» بولۇشى كېرەكلىك ئاكادېمىك ساھەيىمىزدە، يەنى «ئوقۇمۇشلۇقلار» قاتلىمىمىزدا ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. خەلق «ئالىم»، «ئۇستاز»، «پىروفېسسور» دەپ ھۆرمەت قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئۆزلىرىنىڭ كاتتىلىق مۇنارلىرىدىن چۈشۈپ، ئاددىي خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىشنى، شۇ جاپاكەش خەلق بىلەن مۇڭدىشىشنى ئۆزىگە نۇمۇس، بىر «تۆۋەنلەش» دەپ بىلمەكتە. كىبرى دىپلومىسىدىن چوڭ بولغان بۇ زاتلارنىڭ تىلىدا ھەمىشە ئوخشاش بىر زەھەرلىك باھانە: «مەن شۇنچە كاتتا ئاكادېمىك تۇرسام، بېرىپ ئۇ نادانلار، ئۇ جاھىللار قۇرغان تەشكىلاتلاردا كىرەمدىم؟ ئۇ سەۋىيىسىز كىشىلەر بىلەن بىر رامكىدا كۆرۈنۈپ، ئابرۇيۇمنى تۆكەمدىم؟» ئەي دىپلوملۇق بۇرادەر، توختا ۋە ئۆزۈڭدىن بىر سوراپ باق! سەن نادان دەپ مەنسىتمىگەن، سالام بېرىشنى خالىمىغان ئەشۇ ئاددىي ئادەملەر بارغۇ؛ بەلكىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ بىر تامچە سەمىمىي يېشى سېنىڭ تامغا ئېسىپ قويغان ئۇ چىرايلىق دىپلوملىرىڭدىن مىڭلىغان ھەسسە ئېغىر كەلسىچۇ؟ مەلىك بىننەبى ئېيتقاندەك: «ئەگەر بىر ئىلىم، ئىگىسىنى ئۆز جەمئىيىتىدىن ياتلاشتۇرسا، ئۇ ئىلىم ئەمەس، بەلكى بىر قۇل قىلىش قورالىدۇر» داۋاملىق «بۇ مېنىڭ كەسپىي ئوبرازىمغا داغ چۈشۈرىدۇ، ئىناۋىتىمگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ قورقۇپ ياشايدىغان «سەرخىل» تەبىقىمىز، تەشكىلاتلاردىن قېچىپلا قالماي، جان تىكىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى مەنسىتمەي، ھەتتا باشقىلارغا يامان كۆرسىتىپ، مىللەتنىڭ روھىي كۈچىنى ۋەيران قىلماقتا. بىر ياشنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «بارغىن، تەشكىلاتقا قوشۇلۇپ، ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە، قۇرۇلمىسىنىڭ سىستېمىلىشىشغا بىر كىشىلىك ھەسسەڭنى قوشۈپ، مىللىتىڭگە خىزمەت قىلغىن» دېيىشنىڭ ئورنىغا، «ئۇلاردىن تۇر، ئۇلارغا ئارىلىشىپ كەسپىي كەلگۈسىڭنى خاراب قىلما» دەپ دۈشمەننىڭ تۈگمىنىگە ئاشكارا سۇ توشىماقتا. ئەي ئۇنۋانلىق ئاكادېمىك بۇرادەر! سېنىڭ شۇنچە ئاسراۋاتقان «كەسپىڭ»، قەشقەردىكى زىنداندا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىڭنىڭ تارتىپ چىقىرىلىۋاتقان تىرنىقىدىن، ياكى نومۇسى ئۈچۈن ئۆلۈمگە باش قويغان بىر ھەمشىرىمىزنىڭ تارتقان «ئاھ» لىرىىدىن قىممەتلىكمۇ؟ ئۇنتۇما، بىلىم مەسئۇلىيەتتۇر، ئۇ بىر ئىمتىياز ئەمەس. ئەگەر بىلىم سېنى خەلقىڭدىن ئايرىپ، كىبىرىڭنى سەمىرىتىۋاتقان بولسا، ئۇ بىلىم سېنىڭ بوينۇڭدىكى جەھەننەم زەنجىرىدۇر. مىللەت قان يىغلاۋاتقاندا «مېنىڭ ئىناۋىتىم نېمە بولار؟» دەيدىغانلار، تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلۈشكە مەھكۇمدۇر. بۇ كىبىر قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا چىقىش يولى بار. ئۇ بولسىمۇ زامانىۋى دۇنيا ئۇنتۇپ قالغان، نەپىسلەرگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان پاك دەرۋازا: «ئىخلاس» تۇر. يەنى قىلىۋاتقان ئىشىنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلاردىن ھېچقانداق مىننەتدارلىق ياكى ئالقىش كۈتمەستىن قىلىش خاراكتېرىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۈگۈن تېخىمۇ كۆپ مىكروفونغا، تېخىمۇ چىرايلىق ئىشخانىلارغا، تېخىمۇ يارقىن ئۇنۋانلارغا ئەمەس؛ بەلكى «ئاللاھ بىلسە كۇپايە، بەندىلەر بىلمىسىمۇ مەيلى» دەيدىغان شۇ «كۆرۈنمەس قوشۇن» غا بەكرەك ئېھتىياجى بار. سەمىمىي بولايلى! مەقسىتىمىز ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىمۇ ياكى «ۋەتەننى قۇتقازغان قەھرىمان» سۈپىتىدە ھەيكىلىمىزنىڭ تىكلىنىشىمۇ؟ بۈگۈن تەشكىلاتلىرىمىزدا ئىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، زېھنىمىزنى «ئىش قىلىش» قا ئەمەس، «ئىشقا كىم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، كىمنىڭ نامى يېزىلىدۇ» دېگەن نام-شۆھرەت جېڭىگە سەرپ قىلغانلىقىمىزدا. ھەقىقەت شۇكى، مەقسەت قەلئەنىڭ پەتىھ قىلىنىشى بولىدىغان بولسا، بايراقنى قەلئەنىڭ چوققىسىغا كىمنىڭ تىكلىشىنىڭ، شۇ ئەسنادا كىمنىڭ ئىسمىنىڭ توۋلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. «ئاللاھ بىلسە يېتەر» دېيەلىگەن كىشى ئۆزىنى ئالدى بىلەن مەنىۋىي قۇللۇقنىڭ كىشەنلىرىدىن ئازاد قىلغان كىشىدۇر. ئەگەر مەنسەپ بېرىلمىسە قىيىداپ كەتسەڭ، سەن دەۋا ئۈچۈن ئەمەس، مەنسەپ ئۈچۈن مەۋجۇت دېگەنلىكتۇر. ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنمىسا، رەت-تەرتىپتە كەينىگە يېزىلىپ قالساڭ خىزمەتنى تاشلىساڭ، سەن مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، شۆھرەت ئۈچۈن يۈگۈرۈۋاتىسەن دېمەكتۇر. ھەقىقىي نىجاتلىق؛ سەھنە چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى شۇ چىراغلارنىڭ كەينىدىكى قۇيۇق قاراڭغۇلۇقتا، ھېچكىم كۆرمەيدىغان، ھېچكىم ئالقىشلىمايدىغان ئەمما ئاللاھلا ككرۈپ تۈرىدىغان يەردە تەر تۆكۈشتە ۋە جان بېرىشتە يوشۇرۇنغاندۇر. ئەمدى مەسىلىنىڭ ئەڭ ئاچچىق، كۆزلەردىن قانلىق ياشلارنى تۆكۈدىغان يادروسىغا كېلەيلى: دۇنيادىكى بارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە، ئەڭ مۇقەددەس جايىدا بىر ئۆچمەس مەشئەل يېنىپ تۇرىدۇ. ئۇ مەشئەلنىڭ بېشىدا بىر خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: «نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى» ياكى «نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى» دۇر. ئۇنىڭدا ئىسىم يېزىلمىغان. ئۇ يەردە ياتقاننىڭ كىمنىڭ ئوغلى، قايسى مەنسەپلىك ئىكەنلىكىمۇ بىلىنمەيدۇ. ھەر بىر كۈچلۈك مىللەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئەشۇ نامسىز قەھرىمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا باغلايدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئۆز ئىسىملىرىنى تارىختىن ئۆچۈرۈپ، مىللىتىنىڭ نامىنى تارىخنىڭ قەلبىگە قېنى بىلەن يازغانلاردۇر. ئەمما ئاچچىق بىر ھەقىقەت باركى، بىز ئۇيغۇرلاردا «نامسىز قەھرىمان» بولۇش ئەخلاقى تېخى يېتىلمىدى. بىزدىكى ھەممە ئادەم «تونۇلغان» قەھرىمان، «داڭلىق» رەھبەر، «تاراتقۇلارنىڭ چوققىسىدىكى» قۇتقازغۇچى بولۇشنى خالايدۇ. قېنى ئېيتىپ بېقىڭ: ھەممە ئادەم بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن يالىتىلغان زىننەت بولۇشنى خالىسا، كىم تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ، ئەشۇ زىمىستان قاراڭغۇلۇقتا مىڭلىغان توننا ئېغىر يۈكنى سۈكۈت ئىچىدە كۆتۈرىدىغان «ئۇل تاش» بولۇشقا رازى؟ سىز رازىمۇ؟ ياكى «مېنى ئالقىشلىمىسا، ئىسمىم پارلىمىسا، مەن بۇ ئىشتا يوق» دەمسىز؟! ۋەھالەنكى، ئەگەر ئۇل تېشى «مەنمۇ كۆرۈنىمەن، مەنمۇ قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىمەن» دەپ تۇپراقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالسا، ئۇ بىنادىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، شۇ ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق دەۋايىمىزنىڭ ئۇل تاشلىرى توختىماي يەر يۈزىگە چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا يۈكسىلەلمەيۋاتىدۇ! سەمىمىي بولايلى، قەھرىمانلىق پەقەت بەدرىدە، ئۇھۇدتا ياكى كونا داستانلاردا قالدى دەپ ئويلامسىز؟ ياق! دەل مۇشۇ مىنۇتتا، زامانىۋى دۇنيانىڭ يالغان چاقناق سەھنىلىرىنىڭ ئارقىسىدا، نامسىز قەھرىمانى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار، بۇ بەدەلنى سۈكۈت ئىچىدە تۆلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەر ئايدا، مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىنى زىممىسىگە ئالغان ئونلىغان «نامسىز قەھرىمالار» يا بىر مەخپىي ھەرىكەتتە، يا دۈشمەننىڭ ئەڭ سىرلىق ئۆيلىرىدە، يا بىر جاسۇسلۇق تورىدا پاش بولۇپ قېلىپ، جىمجىت شەھىد قىلىنماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئايلارچە كۈن نۇرى كۆرمەيدىغان زىندانلاردا ئەڭ ئېغىر، ئەڭ رەزىل قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. تىرناقلىرى سۇغۇرۇلىدۇ، سۆڭەكلىرى چېقىلىدۇ، روھى ئېزىلىدۇ؛ ئەمما مىللىتىنىڭ بىرلا سىرىنى، دەۋاسىنىڭ بىرلا مەخپىيەتلىكىنى بەرمەسلىك ئۈچۈن تىلى كېسىلسىمۇ سۆزلىمەيدۇ. ئاخىرىدا مۇزدەك بىر زىنداننىڭ بۇلىڭىدا، بىر پارچە بېتوننىڭ ئۈستىدە جان بېرىدۇ. ئۇلار ھەققىدە نە بىر تېلېۋىزور خەۋەر تاپىدۇ، نە تور بەتلەر خەۋەر بېرىدۇ. دەپنە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، تابۇتلىرىغا بايراق يېپىلمايدۇ، يېرىم كېچىدە جىمجىت بىر دۆڭلۈكتە يەرلىككە قويۇلىدۇ. قەبرە تاشلىرىمۇ ئىسىمسىز قالدۇرىلىدۇ، ياكى پەقەت بىر نومۇرلا يېزىلىدۇ، ياكى تۈپتۈز بىر تۇپراق... ئەمدى سوراپ باقاي سىزدىن، سىز قەبرە تېشىڭىزغا ئىسمىڭىزنى يازدۇرمايدىغان دەرىجىدە سۆيۈپ باقتىڭىزمۇ ۋەتىنىڭىزنى؟ سىز بالىلىرىڭىزنىڭ سىزنى بىر قەھرىمان دەپ بىلىشىنى ئەمەس، بەلكى «دادام ئاددىي بىر كىشى ئىدى» دەپ چوڭ بولىدىغانلىقىغا پەرۋاسىز ئىش - ئىزلىرىڭىزنى ئائىلىڭىزدىنمۇ يوشۇرۇپ، شۇلاردەك ئۆلۈمگە قاراپ ماڭالامسىز؟ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى تارىخ كىتابلىرى يازمايدۇ، خەلقمۇ بىلمەيدۇ. ھەقىقەتنى پەقەت دۆلەتنىڭ مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان «سىرلىق ئۆيى» ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھلا بىلىدۇ. مىللەتلەر ئەنە شۇ ئىسىمسىزلارنىڭ مۈرىسىدە يۈكسىلىدۇ، دۆلەتلەر ئەنە شۇ نامسىزلارنىڭ قېنى بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. مانا بۇ «دۆلەت ئىرادىسى» ۋە «دەۋا ئەخلاقى» دۇر. دۆلەت بولۇش دېمەك؛ مىللەتنىڭ «بار» بولۇشى ئۈچۈن، شەخس سۈپىتىدە «يوق» بولۇشقا جۈرئەت قىلىش دېمەكتۇر. ئەلىيا ئىزەت بېگوۋىچ ئېيتقاندەك: «ئۇرۇش ئۆلگەندە ئەمەس، دۈشمەنگە ئوخشاپ قالغاندا مەغلۇپ بولىدۇ» بىز ئەگەر دۈشمىنىمىزگە ئوخشاش نەپسنىڭ ۋە ماددىيەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغانلارغا ئوخشىغان كۈنىمىز، خىتاينى يەڭسەكمۇ ئۆزىمىزگە يېڭىلگەن بولىمىز. ئەي ئۇنۋانى بىلەن كۆرەڭلىگەن پىروفېسسورۇم، ئەي ئۆزىنى دەۋانىڭ مەركىزى دەپ بىلگەن تەشكىلات رەئىسىم، ئەي ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئالقىش كۈتىدىغان پائالىيەتچى بۇرادىرىم... تاراتقۇلاردا كۆرۈنۈش، ھەر كۈنى بايانات بېرىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئالقىش» قوغلىشىش بىلەن دۆلەت قۇرۇلمايدۇ، ۋەتەن قۇتقازغىلى بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئازادلىقى؛ ئۆز ئىسمىدىن، شان-شۆھرىتىدىن ۋە نەپسىدىن ۋاز كېچىپ، مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىنى يۈكسەلدۈرىدىغان شۇ «نامسىز قەھرىمانلار» يېتىشىپ چىققان كۈنى باشلىنىدۇ. قىلغان چوڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى ككڭلى قانچە تارتىپ تۇرسىمۇ، دەۋانىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن سۈكۈت قىلالايدىغان، ھەققى يېيىلىپ كەتسىمۇ، تۆھمەتكە ئۇچرىسىمۇ «دەۋايىم زىيان كۆرمىسۇن» دەپ چىدىيالايدىغان، ۋە قەبرە تېشىغا «ئىسىم ئەمەس نۇمۇر» يېزىلىشىنى ۋەسىيەت قىلالايدىغان ئەۋلاد قەيەردە؟ ئۇنتۇماڭ: داڭلىقلارنىڭ چىقارغان شاۋقۇنى پەقەت ھاۋانى تەۋرىتىدۇ؛ ئەمما نامسىزلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى پىداكارلىقى دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىدۇ. ئەمدى قولۇڭىزنى ۋىجدانىڭىزغا قويۇپ، ئەينەكتىكى ئەكسىڭىزگە قاراپ ئۆزۈڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: سەن سەھنىدە ئالقىشلىنىدىغان بىر رولچى بولماقچىمۇ، ياكى تۇپراق ئاستىدا دۆلەتنى ۋە مىللەتنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئەشۇ كۆرۈنمەس، ئەمما ۋەزىپىسى ئېغىر، مۇبارەك ئۇل تاشمۇ؟ تارىخ سېنى «مەن» دېگەنلەرنىڭ خارلىقى بىلەن ئەسلىسۇنمۇ، ياكى «ۋەتەن» دەپ يوق بولغانلارنىڭ شەرىپى بىلەنمۇ؟ چۈنكى پەقەت ئۆز ئىسمىنى ئۆچۈرەلىگەنلەرلا، مىللىتىنىڭ نامىنى مەڭگۈلۈك تارىخقا يازالايدۇ.