سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#ئەدەبىيات
25 Jan 18:38
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
يەنە شۇ تەرجىمە ھەققىدە 

تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىرىنچى خىل تەرجىمىدە «تەرەققىيات» سۆزى «تولدۇرغۇچى» بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇچقاندەك» كېتىۋاتقان «تەرەققىيات»نى «ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە گەپ «ئىقتىساد»نىڭ «ئۇچقاندەك» كېتىۋاتقان ياكى كەتمەيۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئەمەس، «ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. دېمەك، تولدۇرغۇچى «تەرەققىيات» سۆزى ئەمەس، ئەكسىچە، «ئىقتىساد» سۆزىدۇر. ... دېگەن جۈملىنى «مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش لازىم» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنى «مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش لازىم» دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا بولىدۇ. «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى «زامانىۋىلاشتۇرۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. ھازىرقى تەرجىمىلىرىمىزدە گىرامماتىكا قائىدىسىگە سىغمايدىغان، مەنتىقىي ئۇقۇمنى مۇجمەللەشتۈرىدىغان، تىل ئادىتىنى زورمۇ ـ زور بۇزىدىغان ئاشۇنداق ھادىسىلەر خېلى كۆپ. ئەمەلىيەتتە سۇنىڭ كۆپۈكىنى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇچى سۇ دەپ مەتبۇئات ئېتىزىمىزنى كۆپۈك بىلەن تولدۇرۇپ قويۇۋاتىمىز. ... تەرجىمىدە ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش كېرەك: بىر تەرەپتىن چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلىي ئەسەرنىڭ تۇرقى ـ سىياقىنى ساقلاش كېرەك، لېكىن بۇنداق ساقلاش كۆپ ھاللاردا چۈشىنىشلىك قىلىش بىلەن زىت بولۇپ قالىدۇ؛ يات كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ... ئۇنى يات كۆرۈنمەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن، لېكىن بۇرنىنى يونۇپ پاناق قىلىپ قويماسلىق، كۆزلىرىنى ئويۇپ كور قىلىپ قويماسلىق كېرەك. ھازىر بەزى تەرجىمانلىرىمىز ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گىرامماتىكىلىق پەرقلەرگە، تىل ئادىتىدىكى پەرقلەرگە ئېتىبار قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا، جانلىق تىلدا ئۆزى بىۋاسىتە سۆزلىسە، «خاتىرجەم بولدۇم»، «خۇشال بولدۇم»، «بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ـ تەتقىق قىلدۇق» ۋاھاكازا دەيدۇ ـ يۇ، لېكىن دەل شۇ سۆزلەرنى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىش توغرا كەلسە، «خاتىرجەملىك ھېس قىلدىم»، «خۇشاللىق ھېس قىلدىم»، بېشىم ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدىم»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈش ـ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردۇق» ۋاھاكازا دەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «... سۆزگە چىقتى» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ «... سۆز سېتىۋالغىلى چىقتى»، «... سۆزنىڭ ئۈستىگە چىقتى» دېگەن مەنىدىكى سۆز ئەمەس. «دوپپىسىغا جىگدە ساپتۇ» دېگەن گەپ ھەرگىزمۇ جىگدىنى قاچىلايدىغان نەرسە تاپالماي، «دوپپىسىغا قاچىلاپتۇ» دېگەن گەپ ئەمەس. ... ئەگەر تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللارنىڭ تىل ئادىتىدىن چەتلەپ، كونكرېت سۆز ـ ئىبارىلەرنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئالاقىسىدىن قەتئىينەزەر، بىر سۆزگە بىر سۆزنى يەككە ـ يىگانە ھالدا توغرىلاش يولىنى تۇتىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا تەرجىمىنىڭ توغرا بولماسلىقى تۇرغان گەپ. (توختى باقىنىڭ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر» ناملىق كىتابىدىن بىرئاز ئۆزگەرتىپ ئېلىندى) تەرجىمە ھەققىدە
25 Jan 18:35
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
تەرجىمە ھەققىدە

بىزنىڭ ھازىرقى بەزى تەرجىمىلىرىمىزدە گەپتە سۆزلەر گىرامماتىكا جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە باغلىنىپ، ماسلىشىپ كەلسىمۇ، لېكىن جۈملىدىكى سۆزلەر مەنە جەھەتتىن، ئىستىلىستىكا جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە دېگەندەك ماسلاشمايدىغان جۈملىلەر ئۇچرىماي قالمايدۇ. مەسىلەن: «بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزدە ئىلگىرىلەش بار بولدى»، «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش»، «... زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»، «بۇنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە قارىتا چوڭ ياردىمى بار»، ۋاھاكازا. بەزىلەرنىڭ بۇنداق جۈملىلەرنى «تەرجىمانچە سۆز» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جانلىق تىلدا «بىز ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىدۇق»، «زامانىۋىلاشتۇرۇش» ياكى «زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش»، «...نى زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتىدۇ»، «بۇنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە چوڭ ياردىمى بار» دەيمىز. ھالبۇكى، يۇقىرىقىدەك ياسالما سۆزلەر، ياسالما جۈملىلەر ئەدەبىي تىلىمىزدىكى شەكلىياتچىلىقنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ... 1. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز جىددىيلەشمەي قالمايدۇ. 2. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز ئالدىراپ قالماي قالمايدۇ. 3. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز ئاسىقماي قالمايدۇ. بۇ ئۈچ خىل تەرجىمىدە «...» سۆزى ئۈچ خىل ئېلىنغان. بىز كۆپ ھاللاردا «جىددىي» دېگەن مەنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە يانداش كەلگەن سۆزلەر بىلەن ماسلاشقان ياكى ماسلاشمىغانلىقىغا ئېتىبار قىلماي قالىمىز، نەتىجىدە جۈملىدىكى سۆزلەر بىر ـ بىرىگە ماسلاشماي قالىدۇ. بىرىنچى مىسالنى ئالساق، ھەتتا «باشقا چاغلاردا ھەرىكەتتە سۇس ئىدى، بىرىنچى قېتىم سەھنىگە چىققانلىقتىن بىزئاز تېز، جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغان بولدى» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىشى ھەم مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا گەپ بىر ياش ئەرتىسنىڭ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققاندا «تەمتىرەپ»، «ھودۇقۇپ» ياكى «ئاسىقىپ» ۋە ياكى «قورۇنۇپ» قالغانلىقى ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. مانا شۇنداق مەنىنى ئېنىق، توغرا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، يانداش سۆزلەرگە ماسلىشىپ كېلىدىغان مۇناسىپ سۆزلەرنى تىل ئادىتىگە ۋە ئىپادىلەش بېرىش ئېھتىياجىغا قاراپ تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ... بۇ مىسالدا «...» سۆزى ئالدى ـ كەينىدىكى سۆزلەر مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاز»، «قىس»، «كەم» ياكى «باس ـ باس» مەنىسىنى ئاڭلىتىدۇ. ئەگەر بىز شۇنداق مۇناسىۋەتلەرگە قارىماي، «يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۆكتات تەمىناتى جىددىيلىشىپ كەتتى» دەپ تەرجىمە قىلساق، كۆكتاتنىڭ «ئاز»، «كەم»، «قىس» ياكى «باس ـ باس»لىقىنى ئۇقتۇرالامدۇق؟ ئېھتىمال بەزىلەر «ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ»، «شۇنداق چۈشەنچىنى بېرىدىغان بولۇپ قالدى» دەپ جاۋاب بېرەر. ئەمەلىيەتتە بۇنداق جاۋابلار بىر تەرەپتىن شۇ تەرجىماننىڭ سۆزدە گادايلىقىنى ئۇقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «تەرجىمان تىلى»غا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ تېخىمۇ مۇھىمى، تەرجىمىدە مەنىنى ئېنىق، توغرا ۋە سادىقلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش پىرىنسىپىغا سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋەزىيەت چوڭ ياخشى. ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى. ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، «چوڭ» سۆزى ھېچقاچان «ياخشى» سۆزىنىڭ سۈپىتى ياكى ئېنىقلىغۇچىسى بولالمايدۇ، جانلىق تىلدىمۇ شۇنداق. ... دېمەك، جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ بىر ـ بىرىگە ماسلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن تىل ئادىتىگە ئېتىبار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكىگە ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز. تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ، ھەممە تەرەپلەپ يۈرۈش قىلايلى ۋە چوڭقۇرلاپ كىرەيلى. «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى» دېگەن سۆزلەر بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ كەلگەن؛ بۇ سۆز «تەبىئەت دۇنياسى كەڭ ۋە چوڭقۇر» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىپ تۇرىدۇ. لېكىن، «يۈرۈش قىلىش» سۆزى بىلەن بىرلەشكەندە، ئەنە شۇنداق «كەڭ» ۋە «چوڭقۇر» تەرەپكە قاراپ «يۈرۈش قىلايلى» دېگەن مەنىگە تارتىپ كېتىدۇ. ... بۇ جۈملىنى «ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇددى بىر پارچە ئوتتەك يۈرىكىمدە ئېتىلدى» دەپ تەرجىمە قىلساق، يەنى «ئۇنىڭ سۆزلىرى ... يۈرىكىمدە ... ئوتتەك ... ئېتىلدى» دېسەك، ئېنىق بىر مەنىنى ئۇقتۇرالماسلىقىمىز تۇرغان گەپ. ئەسلىي تىلدا بولسا مەنە ناھايىتى ئېنىق: «ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمنى خۇددى بىر پارچە ئوتتەك ئېرىتىۋەتتى» ياكى «ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمگە خۇددى بىر پارچە ئوت بولۇپ تۇتاشتى». ئەلۋەتتە، بۇ جۈملىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك، راۋان ھەم چىرايلىق تەرجىمە شەكىللىرىنىمۇ تېپىش مۇمكىن. ئەگەر تەرجىمىدە شەكلىياتچىلىققا بېرىلىپ كېتىدىغان بولساق، ... ئوقۇغۇچىلارنى تېپىشماق تېپىش ئاۋارىگەرچىلىكىگە سېلىپ قويۇش سەۋەنلىكىدىن خالىي بولالماي قالىمىز.
25 Jan 14:52
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە

ئەلا نۇر 

ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشىنى بىلسە
 ئۇ ئاۋغۇستتىكى سېرىق پۇرچاقزارلىقتىكى نۇرانە ئاپتاپپەرەس
 ياكى قاپىقى سېلىنغان كۆممەقوناقلىقتىكى خۇشخۇي يۆگىمەچ .
 تۇرمۇش دېگەن
 نىمجان بوۋاينى ياشارتقان مىھىر 
 ئەرنىڭ ئىشەنچتىكى بىخارامان ئۇيقۇسى
 بىر بىمارنى يۆلەۋاتقان قولنىڭ ئىسسىق تەپتى
 قاتتىق ناننى كۈلۈپ يىگۈچىلەرنىڭ قانائىتى... 

 ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
 ئۆيىنى گۈل ئۆستۈرگەندەك تۇتاتتى .
 بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىدا نىمىلەر بارلىقىنى ھىس قىلاتتى . چىقىر تىكەنلىكتىكى گۈللەرنى كۆرەلەيتتى.
 سۆيۈشتىن سۆيۈلۈشنى ھىس قىلاتتى .
 تۇرمۇش دېگەن يۆگىمەچ گۈللەر چىڭ قۇچاقلاپ گۈللەپ كەتكەن قوڭغۇراقتىكەن .
 ئۇ قاپاقتىرەك ،كۈنگەيلىرى سېمىز ،تەسكەيلىرى شەلۋەرەپ كەتكەن . 

 ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە 
 ئۇ ماي ئاسمىنىدىكى ئوتتەك يىلىنجاۋاتقان نۇرانە قۇياش. 
 ياكى بەرگىلىرى قۇياش نۇرىنى ئىمىپ ئايدەك جىلمىيىۋاتقان ئاپتاپپەرەس . 

 ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
  ئائىلىسىنى پىچىنىدەك شەكىللەرگە كىرگۈزەلەيدۇ . 
 ئۇ نان ياكى تۇزدەك زۆرۈرىيەتكە ئايلىنالايدۇ .
 ئۇنىڭ تۈرۈلگەن بىلەكلىرى ،
ئۇنىڭ يۈزىدىكى گۈل- چىچەكلەر
 ئەڭ لەقۋا ئەرنىمۇ شەمشەردەك بىلىيەلەيدۇ .
25 Jan 14:35
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
سەھەرنى كۆر ماماتىمدىن 

ئەلا نۇر ئەتتار

 جەبر ئىسكەنجىدە بەختىم ،زىمىن تىترەيدۇ ئاھىمدىن ، ئاقار ئۆركەش ياساپ تارىم ،ئىلى قەترەئى ياشىمدىن. ئۈمىدلەر ئەزىيەت بارخانلىرىدا قالدى ئىزناسىز،
 زاۋال ئۈلپەت بولۇپ ئىچ دەپ ماڭا سۇنغاچقا قانىمدىن. بېشىمدا ئەگىسە كۈلپەت قۇشى ئارتۇقچە تاڭ قالما ، گۇناھىم دانلىتىپ قولدا ،سۇ بەرگەن ئاڭا ئاغزىمدىن. پەلەك ھەم دەرگۇمان يۇلتۇزلىرىم ئۆچكەچكە بىر - بىرلەپ.
 كۈتۈشلەر رەنجىدە قان دىل ، جۇدامەن بۇندا بارىمدىن. پۇتۇم يول دەستىدە ھالسىز ، سېلىنغاچ ئىشكىلى تەقدىر، ماڭارمەن شۇندىمۇ كۆزلەپ، سەھەرنى كۆر ماماتىمدىن.

 ۋادەرخ

 تۈنلەر داۋام تۇغۇلمىغاچ تاڭ قۇياشىمىز ، 
ئېتەك ياقا ، ئاياغ بولدى ئەزىز باشىمىز. 
 ھەق، ئادالەت نەدە ؟ ئالەم بولدى بىر قەپەس ، 
يوقتۇر ھەتتا دەرد تۆكەرگە دوست- قاياشىمىز. 
 دۇنيا ھارام ئەمەس بىزگە ، بىراق ئەجەبكى
 زەھەر ياكى تاش بولدى يېگەن ئاشىمىز ‌.
 غەملەر باشتا ، تولا ھەتتا ياشتىكى چاچتىن ،
 ئېلىپ قاچار ئەر يوق قۇلدۇر قەلەمقاشىمىز. 
 قۇرۇغان لەۋ كۆزياش بىلەن كەلدى نەملىنىپ، 
چىڭدۇر ۋادەرخ بۇ جانىمىز ، بۇ بەرداشىمىز.
25 Jan 14:32
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
كىتاپ ئوقۇغاندا تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاچ، ئەستايىدىل يوسۇندا چوڭقۇرلاپ ئوقۇساق ،يەنى ،ئاپتور نىمىشقا يازدى ،نىمىشقا بۇ ئۇسلۇبنى تاللىدى ،يەتمەكچى بولغان چوڭقۇرلۇققا يىتەلىدىمۇ ؟ بىلدۈرمەكچى بولغىنى زادى نېمە؟ قانداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ؟ ... دېگەندەك...
 . 1. بۇ كىتاب سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىز ۋە ئادەتلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ 
 2. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلامسىز؟
 3. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلمىغان نۇقتىلىرىڭىز بارمۇ؟ نېمىشقا؟ 
 4. قايسى جۈملە/ئابزاسلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويدىڭىز، ياكى خاتىرىڭىزگە كۆچۈرىۋالدىڭىز؟قايسى جۈملە ياكى ھال يۈرىكىڭىزنى تىترەتتى ياكى كىتاپنى قويۇپ ئويلاندىڭىز ؟ 
 5. كىتابنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قانداقراق تەسەۋۋۇر قىلغانتىڭىز؟ كىتاب سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك چىقتىمۇ؟
 6. ئەگەر ئاپتوردىن بىرەر سوئال سورىماقچى بولسىڭىز نېمە سوئال سورايتتىڭىز؟ 
 7. سىز ئوقۇغانلىرىڭىزنى باشقا بىرىگە سۆزلەپ تەسىر قىلارلىق سۆزلەپ بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېسىڭىزدە قالدۇرالىدىڭىزمۇ؟
8. سىزچە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزەلىدىمۇ؟
 9. بۇ كىتابتىكى مەركىزى ئىدىيە ياكى ئاپتور ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۈزمەكچى بولغان، تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ئۇچۇرياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت سىزچە نېمە؟. 
 10. بۇ كىتاپ ھەققىدە دوستىڭىزغا پەقەت بىر جۈملە دېمەكچى بولسىڭىز نىمە دېگەن بولاتتىڭىز ؟
25 Jan 14:32
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
كىتاپ ئوقۇغاندا تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاچ، ئەستايىدىل يوسۇندا چوڭقۇرلاپ ئوقۇساق ،يەنى ،ئاپتور نىمىشقا يازدى ،نىمىشقا بۇ ئۇسلۇبنى تاللىدى ،يەتمەكچى بولغان چوڭقۇرلۇققا يىتەلىدىمۇ ؟ بىلدۈرمەكچى بولغىنى زادى نېمە؟ قانداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ؟ ... دېگەندەك...
 . 1. بۇ كىتاب سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىز ۋە ئادەتلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ 
 2. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلامسىز؟
 3. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلمىغان نۇقتىلىرىڭىز بارمۇ؟ نېمىشقا؟ 
 4. قايسى جۈملە/ئابزاسلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويدىڭىز، ياكى خاتىرىڭىزگە كۆچۈرىۋالدىڭىز؟قايسى جۈملە ياكى ھال يۈرىكىڭىزنى تىترەتتى ياكى كىتاپنى قويۇپ ئويلاندىڭىز ؟ 
 5. كىتابنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قانداقراق تەسەۋۋۇر قىلغانتىڭىز؟ كىتاب سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك چىقتىمۇ؟
 6. ئەگەر ئاپتوردىن بىرەر سوئال سورىماقچى بولسىڭىز نېمە سوئال سورايتتىڭىز؟ 
 7. سىز ئوقۇغانلىرىڭىزنى باشقا بىرىگە سۆزلەپ تەسىر قىلارلىق سۆزلەپ بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېسىڭىزدە قالدۇرالىدىڭىزمۇ؟
8. سىزچە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزەلىدىمۇ؟
 9. بۇ كىتابتىكى مەركىزى ئىدىيە ياكى ئاپتور ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۈزمەكچى بولغان، تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ئۇچۇرياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت سىزچە نېمە؟. 
 10. بۇ كىتاپ ھەققىدە دوستىڭىزغا پەقەت بىر جۈملە دېمەكچى بولسىڭىز نىمە دېگەن بولاتتىڭىز ؟
25 Jan 14:09
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
لەۋلىرىڭنىڭ ئەمرىگە مۇنتەزىر جانىم مېنىڭ،
 قېنى ئۆلتۈر بىر بۇسەڭدە، مانا جانانىم مېنىڭ.

 لال بولۇر شۇئان دىلىم، بىلمەم نىچۈن كۆرسەم سېنى، كۆرمىسەم قالماس قارارىم، تىنماس ئەفغانىم مېنىڭ.

 خەستە كۆڭلۈم كۆپ زاماندۇر ئارزۇ - پىراقىڭدىن خاراب،
 بولمىدىم بىر لەھزە راھەت، كەچتى دەۋرانىم مېنىڭ.

 مۇپتىلا مەن بىر ئۈمىدسىز، قارا دەردنىڭ زەھرىگە، 
 شۇل سەۋەپتىن كۈنسايىن پۈتتى دەرمانىم مېنىڭ. 

 يوق تەسەللىگە تەھاممۇل، بەرمىگىن زەخمەت ماڭا، ئەتمىگىن ئۈستلەپ سىتەم ، ئازمۇ ھىجرانىم مېنىڭ.

 ئوق ئاتارسەن ھەر بېقىشتا، قەست قىلارسەن جانىمە، يار مىسالى ئولكى مەلھەم، ئاقمىسۇن قانىم مېنىڭ.

 نۇرئەلانۇر ھەر نە ئەتسەڭ قايىل ئىرۇر، مۇشتاق ئىرۇر، دىلنۇرۇمسەن، دىلئارامىم، ھەمدە دىل زارىم مېنىڭ.  
25 Jan 14:05
ئەلانۇر
ئەدەبىيات
​خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدىن ماڭا بىلىنگىنىنى ئۈچ كەلىمىگە يىغىنچاقلىسام؛ ئازاب، ئەسلىمە ۋە نەپىسلىك ​1.ئاياللارچە نازۇك سېزىم ۋە روھىيەتنىڭ سۈزۈكلۈكتىن خىرىستاللىشىشى ​خالىدە ئىسرائىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبى ۋە پىسخىكىلىق تەسۋىر چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان سىما. ئۇنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدىكى ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىك — چوڭقۇر سېزىمچانلىق. ئۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەننى ۋەقەلەرگە جەلب قىلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىنسان روھىيىتىدىكى تىترەشلەرنى تەسۋېرلەش جەريانى دەپ قارايدىغان يازغۇچى . ​ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ «كەچمىش» رومانىدا، مەن يازغۇچىنىڭ تاشقى دۇنيادىن كۆرە، پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قانچىلىك مەپتۇنلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدا «ئاياللارچە تۇيغۇنلۇق » ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يازغۇچىنىڭ «ئاياللارچە تۇيغۇنلۇق»ى ئاجىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى ھېس- تۇيغۇمىزنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىشقا يېتىدىغان ئىنچىكە ئازابلارنى، سۆيگۈنىڭ نازۇك،نەپس تەرەپلىرىنى، ئائىلە ۋە جەمەتنىڭ يوشۇرۇن جاراھەتلىرىنى كۆرەلەيدىغان بىر خىل ئاجايىپ قۇدرەتتىن دىرەك بىرىدۇ  . ئۇنىڭ قەلىمى خۇددى بىر ئوپىراتسىيە دوختۇرىنىڭ تىغىدەك ھەم نازۇك، ئەمما ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىشتە ھەم شۇنچە قەتئىيدۇر.
 ​2.ئەسلىمە ۋە تارىخىي تراگېدىيەنىڭ روھىي يۈكى ​خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىنىڭ يەنە بىر قۇتۇبى — ئەسلىمە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆتمۈش بىر ئۆلۈك تارىخ ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن كۈچ سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەسلىمىگە ،تارىخقا يۈزلىنىش نوقۇل يېزىش، ئەسلەش ئېھتىياجىدىن ئەمەس، بەلكى روھىي بىر مەسئۇلىيەتتىن، تىراگىدىيەنىڭ روھىي يۈكىدىن تۇغۇلغان. ​ئۇنىڭ قۇرلىرىدا «يوقىتىلغان گۈزەللىككە قارىتا ھەسرەت» دائىم ھەمراھ . ئەسەرلىرىدە كونا مەھەللىلەرنى، ئۆزگىرىپ كەتكەن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە يىمىرىلىۋاتقان ئەخلاق مىزانلىرىنى تەسۋىرلىگەندە، مەندە بىر خىل «روھىي غۇربەتچىلىك» تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ تارىخنى تاشقى بوران-چاپقۇنلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى شۇ بورانلاردا يىقىلغان كىشىلەرنىڭ سۇنغان قەلبى،سۇنماس قەددى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىنى يىغلىتىدۇ، ئەمما بۇ ياش بىر خىل ئاچچىق ياش ئەمەس، بەلكى روھنى پاكلايدىغان سۈزۈك ياشتۇر.
​3. زىيالىي غورۇرى ۋە ئېستېتىك ئىسيان خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدا يەنە بىر مۇھىم تەرەپ —ھەقىقىي زىيالىيلىق سالاھىيىتى. مەنچە ئۇ بىر قەلەمكەش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يۈكىنى مۈرىسىگە ئالغان زىيالىي. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى باش پېرسوناژلار يازغۇچىنىڭ ئۆز روھىيىتىنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر. بۇ پېرسوناژلار ھەمىشە رېئاللىقتىكى قوپاللىققا، نادانلىققا ۋە مەنىۋى نامراتلىققا قارىتا ئېستېتىك بىر ئىسيان ئىچىدە تۇرىدۇ. ​ بۇ خىل ئىسيانكارلىق شوئارلاردا، مونولوگلاردا ئەمەس، بەلكى گۈزەللىككە بولغان جاھىللارچە سادىقلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، تەسۋىرنىڭ ئىنچىكە، ھەشەم- دەرەمدىن خالى، ئىخچام بولۇشىغا شۇنداقلا يېقىملىق، تېتىملىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ چېگراسىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. مېنىڭ ئىچ- ئىچىمدىن ھېس قىلىدىغىنىم يازغۇچىنىڭ پىسخىكىسىدا تەگسىز بىر يالغۇزلۇق، يۈرەكنى زىل- زىلىگە سېلىپ يىغلىتىۋېتىدىغان بىر گۈزەللىك بار. بۇ يالغۇزلۇق ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىشكە، تېخىمۇ سەمىمىي، تېخىمۇ ئىنچىكە يېزىشقا ئۈندەيدۇ. ​خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسى — ئازابنى، قوپاللىقنى، چىركىنلىكنى، دەردنى گۈزەللىككە ئايلاندۇرۇش پىسخىكىسى ئىكەنلىكىنى ھەر ئەسىرىدىن تېتىپ تۇرىمەن. يازغۇچى تارىخنىڭ ئاچچىق چارىسىزلىكىنى، سىياسىي قىزىل قىيامەتلەرنى (زىيالىيلارچە تەپەككۇرى ۋە قەلەم ئىستىداتى، مىللىتىگە بولغان ئانىلارچە ساپ سۆيگۈسى ئارقىلىق) گۈزەللىك، نەپىسلىك، نازۇكلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ، بىر پاك روھنىڭ دەۋر بىلەن بولغان ئېلىشىشىغا، سۆيگۈ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتتۇرىسىدىكى قىينىلىشلىرىغا شاھىت بولىمەن ۋە ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ، خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلۈكىدە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىمەن. بۇ گىگانت روھىيەت مۇتەخەسىسىنىڭ خەلقىنىڭ مول،مۇرەككەپ، پاكىز ئىچكى دۇنياسىنى ۋە كىپىنەك قانىتىدەك ھىلپىرلەپ تۇرىدىغان نازۇك روھىيەت تەسۋېرلىرىنى سىيا بىلەن ئەمەس يۈرەك قېنى بىلەن يازغىنىنى ھەر ئەسىرىدە جان- جېنىم بىلەن ھېس قىلىمەن .