سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#مائارىپ
28 Jan 23:31
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
مائارىپ
مائارىپ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
 مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

 «ئوقۇتقۇچى — ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» دېگەن گەپ بار. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇقۇملارنى ئۆگىتىدىغان كىشى بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كىشىدۇر. ئۇ گويا بىر باغۋەنگە ئوخشاش يۇمران كۆچەتنى ئاۋايلاپ سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدىغان، «ھارام شاخ»لىرىنى پۇتاپ، ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولىدىغان كىشىدۇر. 

 مائارىپ تەربىيەسى كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى ياكى كۆپىنچە ھاللاردا تولۇق ئىزاھلانماي كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، مائارىپ تەربىيەسى، جۈملىدىن مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىتىلگەن نەرسىلەرنى بىلىشى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ پۈتتۈرۈشى، دىپلوم ئېلىپ ئىش تېپىشى ئۈچۈنلا مۇھىم ۋاسىتە ۋە ئۆتكەل سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى. ئەكسىچە، ئىنسانىيلىق، دىن-ئەخلاق، ئىنسانلارنى ۋە تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى-ياماننى ئايرىش، ھەق-ئادالەت تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئارقا پىلاندا قالدى، ھەتتا پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ قالدى.

 ھازىرقى دۇنيادا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىقلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر دۇنيادىكى تەخمىنەن 8 مىليارد ئىنساننىڭ تەڭدىن تولىسى يۇقىرىدا دېيىلگەن مەنىۋىيات ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان، ھەقىقىي ئىنسانلىق فىترىتى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقىدەك زۇلۇم، ئۇرۇش ۋە تەڭسىزلىكلەر بولمىغان ياكى تېخىمۇ ئاز بولغان بولاتتى؛ دۇنيا تېخىمۇ ئادىل، تىنچ ۋە گۈزەل بىر جايغا ئايلانغان بولاتتى. شۇنداقلا، دۆلەت بېشىغا ۋە دۆلەت ئاپاراتلىرىغا پاسىق، قانخور، زالىم كىشىلەر كېلەلمىگەن بولاتتى. زالىملارنىڭ قول-پۇتى بولىدىغان روھسىز، ئەقىلسىز، ئەخلاقسىز، روبوتتىن پەرقسىز ئەسكەر، ساقچى ۋە پايلاقچىلار بولمىغان بولاتتى. 

 بۇنداق بولۇشىدا ئەلۋەتتە ياخشى ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ ۋە كۈچسىز بولۇشى سەۋەبىدىن، «يولۋاس يوق تاغقا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ» دېگەندەك، بوش قالغان مەيداننى ئاق-قارا، ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى يوقاتقان ياكى ئەزەلدىن بۇ تۇيغۇلار بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى پەقەتلا «نان تېپىپ يېيىش»، «سىڭگەن ناننى يېيىش»نى مەركەز قىلىپ قالسا؛ كۈچلىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەتلا پەننىي دەرسلەر، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەردىلا دەپ قارالسا؛ ئىنسان مەنىۋىياتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىسە؛ ئىنساننىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ھالدا شەخسىي نام-ئاتاق، پۇل-مال، ھوقۇق-مەنسەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىنى ساتىدىغان پىروفېسسور، ئۆز مىللىتىگە قارىتىپ ئوق ئاتىدىغان ساقچى ۋە ئەسكەر، شەخسىي خىرىس ياكى ھەۋەسلەردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئىنسانلارغا زىيان سالىدىغان باشلىق، دۇنياغا بالايىئاپەت بولىدىغان پرېزىدېنت چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىنسانلارغا زىيىنىدىن باشقا نېمە پايدىسى بار؟

 شۇنىڭ ئۈچۈن، مائارىپ — بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مۇداپىئەسىدىن قالسا، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويدىغان، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان، ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگىنى بولۇشى لازىم. چۈنكى مائارىپ بىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىنسان تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئىنسانلار توپى بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېسىل ۋە كۈچلۈك ئىنسانلاردىن تەركىب تاپسا، دۆلەت ئاپاراتلىرى كۈچلۈك ۋە سۈپەتلىك بولىدۇ؛ دۆلەت پۇقرالارنى ھەقىقىي قانات ئاستىغا ئالالايدۇ، پۇقرالار ھوزۇر ۋە ئىشەنچ ھېس قىلىدۇ. ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ياخشىلىق، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە قائىدە-تۈزۈم خەلق ئارىسىدا ستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىدۇ. كىشىلەر يامانلىق قىلىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئەڭ ئاددىيسى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشنى (خۇددى بىر يېرى ئېچىلىپ قېلىشنى ئەيىب ھېس قىلىپ نومۇس قىلغاندەك) ئەيىب ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلاردا «ئەگىشىش پىسخولوگىيەسى» بار؛ ياخشىلىق ئومۇملاشسا كىشىلەر شۇنىڭغا، يامانلىق ئومۇملاشسا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يەنى بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى، مىنىستىرلىرى پاسىق، زالىم، قانخور، كىشىلىرى ئەخلاقسىز، شەخسىيەتچى، زوراۋان، قورقۇنچاق ياكى نادان بولسا، ئۇ دۆلەت تېز سۈرئەتتە چۆكۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

 ئەلۋەتتە دۇنيا يارالغاندىن بۇيان ھەق بىلەن ناھەق، ئىنسان بىلەن (جىن ۋە ئىنسان شەكلىگە كىرگەن) شەيتان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر كۈرەش، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بىر مۇۋازىنات بار. ياراتقۇچى دۇنيانى مۇشۇنداق ياراتقان بولسا كېرەك. لېكىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللىشىمىز ياخشىلىق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇشى لازىم. ياراتقۇچىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
25 Jan 18:10
ئەلانۇر
مائارىپ
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققىدە

 
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئەمەلىيەتتە قارشىلىشىش پىسخىكىسى نورمال روھى ھالەت بولسىمۇ، لېكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى دېگىنىمىز: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولۇش، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل پىسخىكىلىق ھالەتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. قارشىلىشىش پىسخىكىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا، مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىدىلىك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكى 《ئۆتكۈنچى مەزگىل 》 دە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چوڭلارنىڭ يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى《كىچىك بالا》 ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرۇشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىدىكى《خاسلىق》 نى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىشىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ-دە، تۈرلۈك ۋاستە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 《ئۆزى》 بىلەن سىرتقى مۇھىت ئۆزئارا باراۋەر بولالايدىغان ئورۇننى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ (قارشىلىشىش پىسخىكىسى) نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا بەكلا نورمالسىز بولىدۇ. ئۇ بىنورمال روھىي ھالەتتىن پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا بىنورمال روھىي ھالەتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ياشلىق مەزگىلى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. پىسخولوگىيەدە 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلنىۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلى، 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى شۇنداقلا قارشىلىشش ۋە سەزگۈرلۈك پىسخىكىسى روشەن ئىپادىلىنىدىغان مەزگىل دەپ قارايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ۋە جەمئيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىدا دائىم ئاتا-ئانا بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارشىلىشىش ھالىتى شەكىللىنىپ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىدىيەسى كۈچىيىدۇ شۇنداقلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، پىكىر قىلىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭى ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ ئۆزىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: 1. ئاتا-ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى 《كىچىك بالا 》 ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، مۇشۇ دەۋردىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. 2. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدىكى خاتالىق. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، بالىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماستىن، ئەكسىچە بالىلىرىغا تەن جازاسى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. 3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىغا نۇرغۇن قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلار ئائىلىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالماي، ئۇلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدە بولىدۇ. 4. ئوقۇتقۇچىلاردىكى نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار قارشىلىشىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە سەل قارايدۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. قارشىلىشىش پىسىخىكىسى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە گۇمانخور، جاھىل، باشقىلارغا ئارىلاشقۇسى كەلمەسلىكتەك ناچار خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: 1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتلىق جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىماستىن، ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بالىغا كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. 2. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، غورۇرىغا تەگمەسلىكى، ئادىل، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،ئۇلارغا تېخمۇ مېھىر- مۇھەببەت بېرىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. 3. بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۈچلۈك ئىپادىلەنگەندە، مەسىلەن: ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرگە نىسبەتەن ئاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ھەمدە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا يەنە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن. 4. ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئائىلە مۇكەممەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بالىلارنىڭ ئالدا جەڭگە-جىدەل قىلىشماي،ئەكسىچە بالىغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بېرىش، ئۆز كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، پىسخىك قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. 6 . بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياكى يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يات جىنىسلىق(قىز ياكى ئوغۇل)ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بالىنى قورقۇتۇش ياكى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى بالىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بالىغا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روھى ئۇزۇق بەرگىلى بولىدۇ.
25 Jan 13:56
ئەلانۇر
مائارىپ
مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ئوقۇتقۇچىلىق ناھايىتى مۇقەددەس بىر ۋەزىپە بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھېساپلىنىدۇ بىز ئوقۇتقۇچىلىق نىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرەلىسەكمۇ ، ئوقۇتقۇچىلىق قانداق شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ ؟دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىشتە قىينىلىپ قالىمىز ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاجىرەتتە پەرزەنتلىرىمىز مەكتەپ ياكى ئىجتىمائىي ھاياتتا بولسۇن ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مۇھىتتا ياشىماقتا .بۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئائىتلىقىنى ،ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىز ھېس قىلىشى ، يەرلىك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتكە قايىل بولۇپ كېتىشى ،ھەتتا ئاستا - ئاستا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىنلىگى كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەت. ئۇيغۇرلۇققا ئائىت نۇقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى يېڭەلىشىمىز مۇمكىن دەيمىز- يۇ، تەتبىقاتى ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلىدۇر. (بۇنىڭغا سەئۇدى ، ئەرەبىستان،پاكىستان ۋە تۈركىيە گە بۇرۇن كۆچمەن بولغان ئەجداتلىرىمىز نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مىسال (قىلالايمىز. ئوقۇتقۇچى يەنى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تارىخى دەۋىردە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە نېمە يۈكلىنىدۇ؟ پىداگوك يەنى يىتەكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلارغا سىڭدۈرۈشكە تېگىشلىك روھ ۋە مەنىلەرنى قايسى شەكىلدە سىڭدۈرەلەيمىز ؟! ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈگلۈك ئۇرۇق بار ، ئۇنىڭغا پەرۋىش يامغۇرى ياغسا كۆكلىشى مۇمكىن ، ئەمما قاقاسلىققا قانچە يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ كۆكلىمەيدۇ ،مائارىپ ئەنە شۇ يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئوقۇتقۇچى يامغۇرنى ئېرىقلارغا مۇۋاپىق بۆلۈپ، ئۇرۇقنىڭ يېنىغا سۇ باشلاپ كەلگۈچىلەر ھېساپلىنىدۇ.بالىلار بولسا ئۇرۇق سېلىنغان مۇنبەت تۇپراق ئوقۇتقۇچىلىق سەنئىتى ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە ئوخشايدۇ ، ئوقۇتقۇچى ئوخشىمىغان سۈپەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشلارنى تونۇپ ئايرىپ ،ھەر تاشنىڭ خاسلىقىغا ماس ھەيكەل ئويۇپ چىقالىشى مۇمكىن . ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار؟ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ، »ئوقۇتقۇچىلىق- بىر قەلبكە،بىر جانغا تەسىر كۆرسەتمەك« دېگەننى ئېسىدە تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يۇمران ، نازۇك روھلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ۋىجدانى يۈكىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ بالىلار نىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى ،خاسلىقى،ئىقتىدارى ۋە شارائىتىغا قارىتا تەربىيە مېتودى تەتبىقلايدۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكەئۇرۇنمايدۇ بېلىقنى ئۇچۇشقا ،قۇشنى ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ، ئۆگىنىشتىن زىرىكىشىگە سەۋەپ بولۇشتىن ساقلىنىدۇ دەرسنى قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەيدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ساغلام رىشتە ھاسىل قىلالايدۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىدۇ ،بالىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچىدىن مەسىلىلەرنى سورىيالايدۇ ، تېلىفون قىلالايدۇ ،ھەتتا شەخسىي مەسىلىلىرىنىمۇ مەسلىھەت ئالالايدۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىغا يېقىنلىشالايدۇ، تارتىنىپ ياكى قورقۇپ ياكى ياقتۇرماي يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ مەيلى دەرستە ياخشى ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى بولسۇن ،مەيلى ئىنتىزامسىز ،چاتاقچى ئوقۇغۇچى بولسۇن باراۋەر ،ئادىل ، ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدۇ خاتالىق سادىر قىلغاندا ياردەملىشەلەيدۇ ۋە ئوقۇغۇچىغا ئەمەس خاتالىقلار مەركەزلىشىدۇ ئۆزى يىتەرسىز بولغان تەرەپلىرىى بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلاردىن دۇرۇس پوزىتسىيەدە كەچۈرۈم سورىيالايدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەيدۇ ،مەسخىرە قىلمايدۇ،مۇناسىپ ئۇسلۇپتا خاتالىقىنى تونۇتىدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ،ئۆگىنىش ئۇسۇلى ،ئائىلە ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ .چۈنكى بالىلارنىڭ سىنىپتىكى كەيپىياتى، قىزغىنلىقى ۋە ئىش - ھەرىكىتىگە مەكتەپ سىرتىدىكى ئەھۋاللىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچمايدۇ. چۈنكى بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ ھەممىنى تولۇق بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندا ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ ، بەلكى تېخىمۇ تىرىشىشى مۇمكىن ئوقۇتۇشتىكى ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇبلىرىغا ، مىتودىغا ،كەسىپىي بىلىمگە داۋاملىق تۈزىتىش ۋە كۈچەيتىش ،تەرەققى قىلدۇرۇش كويىدا بولىدۇ . ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى سىنىپ پۈتۈنلۈكىنىڭ بىر پارچىسىدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ . سىنىپنى بىر ئائىلە قىلىپ تەشكىللەپ خوشاللىق ئىچىدە ھەمكارلىشىش ، ئاكتىپ ۋە توغرا رىقابەتلىشىش ھاۋاسى پەيدا قىلىدۇ ، تەۋەلىك تۇيغۇسى قوزغىلىپ گۇرۇپپا ھالىتىدە ۋەزىپە ئورۇنداش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ . سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ئۆزىنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ ،ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەكرەك ياش نوتىلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىگە يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ خاراكتىر ،ئىرادە ،دۇنيا قاراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ، ئۇلاردا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ساغلام كىشىلىك يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ ناچار ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار ؟ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز ،پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بولىدۇ .شەخسىي مەسىلىلىرى سەۋەپلىك سىنىپقا خاپىغان كىرىدۇ ۋە بالىلارغا پارتىلاپ سالىدۇ، قوپال تېگىپ سالىدۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلىرىغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدۇ ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ ،ئىزدىنىپ باقمايدۇ دەرسنى يۇقىرى كەيپىياتتا باشلاش ،سىنىپ ئىنتىزامى تەشكىللەش ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ، تاپشۇرۇقلارغا ئەستايىدىل ،ئىلھامبەخىش باھا يېزىش، دوسكىنى رەتلىك باشقۇرۇش ، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا دەرس سۆزلەش قاتارلىق ئۇششاق لېكىن مۇھىم ھالقىلاردا يىتەرسىز بولىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ ياكى سۇس ،بىپەرۋا قارايدۇ،قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدۇ بالىلارنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ                    
24 Jan 19:11
ئەلانۇر
مائارىپ

@ئەلانۇر:
...

 

24 Jan 19:10
ئەلانۇر
مائارىپ