سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#مۇنازىرە
مۇنازىرە
ئەلانۇر
38 كۈن بۇرۇن
ئەڭ خەتەرلىك خىتاي بېيجىڭدىكى خىتاي ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ ئىچىدىكى خىتايدۇر

 بۇ تەتقىقات تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى، رەقەملىك بىخەتەرلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى نىشان قىلغان، غەيرىي ئەنئەنىۋى كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ (يەنى، جىمجىت ئىشغالىيەتنىڭ) پۈتۈن بىر رېنتگېن نۇسخىسىنى سۇنۇپ بېرىدۇ. 

خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچ ۋە «ئۆتكۈر كۈچ» ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ نازۇك قىل تومۇرلىرىغا قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ كەڭ دائىرىلىك ئانالىز، مەۋجۇت خەتەرنىڭ كۆلىمىنى ئىستراتېگىيەلىك بىر چوڭقۇرلۇق بىلەن ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

 مانا بۇ تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ جىمجىت ئىشغالىيىتىنىڭ تولۇق خەرىتىسى؛ تۈركىيەدىكى «ئەڭ خەتەرلىك خىتاي»نىڭ تولۇق تىزىملىكى:

 1 - كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىستېمال: ئاشخانىمىزدىن دورىخانىمىزغىچە سىڭىپ كىرگەن بېقىندىلىق ئاشخانىدىكى خىتاي: بۇ پەقەت سىرتتىن كىرگەن سامساقلا ئەمەس؛ بەلكى يېمەكلىك سانائىتىنىڭ ئۇل تېشى بولغان خىتاي تۇزى (MSG) كونسېرۋا ماددىلىرى ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق داستىخانلىرىمىزنىڭ كونترول قىلىنىشىدۇر. يەرلىك ئۇرۇقلارنىڭ ۋە تەبىئىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورنىنى خىتاي مەنبەلىك سانائەت خىمىيىۋى ماددىلىرىنىڭ ئىگىلىشى، خەلق ساغلاملىقىنى ئۇزۇن مەزگىللىك خەۋپكە ئىتتەرمەكتە. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى (Food Security) ۋەيران قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ جىسمانىي قارشىلىق كۈچىنىڭ سىرتتىن كونترول قىلىنىشىغا يول ئاچماقتا. دورىخانىدىكى خىتاي: دورا سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاكتىپ ماددىلارنىڭ (API) %80 تىن كۆپرەكىنىڭ خىتايغا باغلىق بولۇپ قېلىشىدۇر. ئەڭ ئاددىي ئانتىبىيوتىكتىن تارتىپ ئەڭ ھالقىلىق راك دورىلىرىغىچە بولغان خام ئەشيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ قولىدا بولۇشى، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىرەر كرىزىس ياكى سىياسىي جىددىيچىلىك پەيتىدە تۈركىيەنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈرىلىشى ۋە بىر «ساغلاملىق بىلەن تەھدىت سېلىش قورالى» غا ئايلاندۇرۇلۇش خەۋپى مەۋجۇت. سودا-سېتىقتىكى خىتاي: Temu، Alibaba ۋە Shein قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «مىكرو-ئىمپورت» ساراڭلىقىدۇر. بۇ سۇپىلار يەرلىك كىچىك سودا سانائەتچىلىرىمىزنى ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى كارخانىلىرىمىزنى ۋەيران قىلىپ، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىزنى بۇزۇپلا قالماي، يەنە باجسىز ۋە نازارەتسىز مال ئېقىمى ئارقىلىق غايەت زور مىقداردا مالىيە قىزىل رەقىمىنى كۆپەيتمەكتە. بۇ تۈرك پارچە بازار ساھەسىنىڭ سۈكۈت ئىچىدە يوقىتىلىشىدۇر. پوچتىدىكى خىتاي: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تور سودا سۇپىسى Trendyol نىڭ كونتروللۇقىنىڭ Alibaba گۇرۇھىغا ئۆتۈپ كېتىشىدۇر. بۇ ئەھۋال مىليونلىغان تۈرك پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى، ئادرېسلىرى، ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرلىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە بارلىق ئىستېمال ئادەتلىرىگە ئائىت مەلۇماتلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات قانۇنلىرىغا بويسۇنىدىغان شىركەتلەر تەرىپىدىن غايەت زور بىر چوڭ سانلىق مەلۇمات (big data) ئامبىرىدا توپلىنىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا. مودىدىكى خىتاي: ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا زامانىۋى قۇللۇق شەرتلىرى ئاستىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىشىدىن كەلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى»نىڭ توقۇمىچىلىق ساھەمىزگە سىڭىپ كىرىشىدۇر. دۇنيا «قانلىق پاختا» دەپ ئاتىغان بۇ خام ئەشيا، ھەم ئەخلاقىي چىرىشنى ئىپادىلەيدۇ، ھەم تۈرك توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئېكسپورت سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئويۇنچۇقتىكى خىتاي: بالىلىرىمىزنىڭ ھۇجرىلىرىغا كىرگەن ئەرزان باھالىق، سۈپەتسىز، ئۆلچەمسىز ۋە راك پەيدا قىلغۇچى سۇلياۋ ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇنچۇقلاردۇر. بۇ مەھسۇلاتلار يەرلىك ئويۇنچۇق سانائىتىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت بولماقتا. ئۆي جاھازلىرىدىكى خىتاي: ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان رەخت، مېخانىزم، كۆپۈك ۋە قوشۇمچە زاپچاسلاردىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدۇر. دۇنيا ئۆي جاھازلىرى سودا مەركىزى بولۇش نىشانى بولغان تۈركىيەنىڭ، ئەڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش زاپچاسلىرىدا خىتايغا باغلىنىپ قېلىشى، ساھەنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى بېيجىڭغا ئىككى قوللاپ سۇنۇپ بېرىش ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىنى «قۇراشتۇرغۇچى» سالاھىيىتىگە چۈشۈرۈپ قويۇش دېگەنلىكتۇر. ئۆيىمىزدىكى خىتاي: روبوت سۈپۈرگە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق لامپۇچكىلار ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق (IoT) ئۈسكۈنىلىرىدۇر. بۇ ئۈسكۈنىلەر پەقەت تازىلىق ۋە قۇلايلىقلا ياراتمايدۇ؛ بەلكى ئۆزىدىكى كامېرا، مىكروفون ۋە لازېرلىق سېنزورلار ئارقىلىق ئۆيلىرىمىزنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ، ئاۋازلىرىمىزنى توپلايدۇ ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى بۇلۇت (Cloud) مۇلازىمەت مەركەزلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە بېيجىڭغا يوللاپ، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى بىر ئىستىخبارات قورالىغا ئايلاندۇرىدۇ. 2 - تېخنىكا، نازارەت ۋە رەقەملىك ئىشغالىيەت، تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكنىڭ ئېكسپورتى تېلېفوندىكى خىتاي: Huawei، Xiaomi، Oppo ۋە Vivo قاتارلىق ماركىلارنىڭ بازاردا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشىدۇر. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قاتتىق دېتال سەۋىيەسىدە (chipset) ۋە يۇمشاق دېتال يادروسىدا (Kernel) «ئارقا ئىشىك (backdoors) نى ئوچۇق قويۇش ئېھتىماللىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ، ئەسكەرلەرنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىشىغا، تىڭشىلىشىغا ۋە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتە. يانچۇقىمىزدىكى خىتاي: TikTok ۋە CapCut قاتارلىق ئەپ تۈرلىرىدۇر. ياشلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان بۇ سۇپىلار پەقەت ئۇچۇر توپلاپلا قالماي، خىتاي دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى بويىچە دۆلەت تەلەپ قىلغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى بېيجىڭغا يوللاش مەجبۇرىيىتى بولغان بىر «رەقەملىك جاسۇسلۇق ئېكوسىستېمىسى» سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. ئالگورىزىمدىكى خىتاي: خىتاي ئۆز دۆلىتىدىكى نۇسخىسىدا (Douyin) ياشلارغا ئىلىم-پەن، ماتېماتىكا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى سىڭدۈرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللانسا، تۈركىيەدىكى TikTok ئالگورىزىمى بىلەن ياشلارنى ئەخلاقىي چىرىشكە، ئىددىيەۋىي بۇزۇلۇشقا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئېقىملارغا ۋە مىللىي قىممەت قاراشلاردىن يىراقلىشىشقا سۆرىمەكتە. بۇ بىر ئەۋلادنى زېھنىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىشقا قارىتىلغان «رەقەملىك ئەپيۇن» ئۇرىشىدۇر. ئىنتېرنېتتىكى خىتاي: 5G ئۇل ئەسلىھەلىرى، بازا ئىستانسىلىرى ۋە مودېملاردا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇق تىكلەش ئۇرۇنىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئۇچۇر ئېقىمى ئۆتىدىغان ئاساسلىق غول لىنىيەنىڭ خىتاي ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تورلىنىشى، كرىزىس پەيتلىرىدە ئىنتېرنېتنىڭ كونۇپكىسىنى ياكى مەخپىيەتلىك ئاچقۇچىنى يات بىر كۈچنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقتۇر. كامېرادىكى خىتاي: Hikvision ۋە Dahua غا ئوخشاش دۇنياۋى نازارەت شىركەتلىرىنىڭ شەھەرلىرىمىزگە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىمىزغا سىڭىپ كىرىشىدۇر. چىراي تونۇش، نومۇر تاختىسىنى ئوقۇش ۋە ھەرىكەت ئانالىز سىستېمىلىرى بىلەن تۈرك پۇقرالىرىنىڭ ھەر بىر قەدىمى خىتاي سۈنئىي ئىدراكلىرى تەرىپىدىن ئانالىز قىلىنماقتا ۋە غايەت زور بىر بىئومېتىرىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلماقتا. مەۋھۇم دۇنيادىكى خىتاي: Tencent ۋە PUBG غا ئوخشاش ئويۇن سۇپىلىرىدۇر. ياشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى ۋە پۇلىنى شۈمۈرىدىغان بۇ قۇرۇلمىلار، ئويۇن ئىچىدىكى پاراڭلار، رەقەملىك ئالاقە تورى ۋە يوشۇرۇن ئالگورىزىملار ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەت كودلىرىمىزنى ئۆزگەرتمەكتە ۋە سىياسىي كونترول قىلىش كۈچىنى قولغا چۈشۈرمەكتە. كرىپتودىكى خىتاي: كان ئېچىش قاتتىق دېتاللىرى (ASIC) ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان كونتروللاردۇر. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، تەقىپ قىلغىلى بولمايدىغان «سوغۇق ھەميان» تورى ۋە قانۇنسىز كرىپتو پۇل يۆتكەش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيە ئۈستىدىن غايەت زور كۆلەمدە قارا پۇل يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. بۇ يول ئارقىلىق تۈركىيەدىكى قانۇنسىز ئۇۋىلىرى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئىز قوغلىغىلى بولمايدىغان، نازارەت قىلىنمايدىغان بىر مالىيە ھەرىكەت فوندى شەكىللەندۈرمەكتە. باتارېيەدىكى خىتاي: ئېلېكترونلۇق ماشىنا (EV) ئىنقىلابىدا لىتىي باتارېيە ۋە نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ مونوپول قىلىنىشىدۇر. مىللىي تۈرىمىز بولغان Togg نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى Farasis مىسالىدىكىدەك، ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ كەلگۈسى بولغان باتارېيە تېخنىكىسىدا خىتايغا ئىستراتېگىيەلىك بېقىندى بولۇش، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدىكى خىتاي: سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى ۋە ئالەم تەتقىقاتى نىقابى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇچۇر ھەمبەھىرلىنىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە، ئىستىخبارات ۋە كۆزىتىش ئۇچۇرلىرىنىڭ «ھەمكارلىق» نامى ئاستىدا بېيجىڭنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يوچۇق ئېچىشىدۇر. خىتاينىڭ «Beidou» يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق GPS كە پەرقلەندۈرۈش ياراتقاندا، تۈرك ھاۋا بوشلۇقى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدە مۇتلەق نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، كۆكتىكى زېمىن پۈتۈنلىكىمىزگە سېلىنغان بىر كىشەنگە ئايلىنىدۇ. كۋانتۇم ۋە ئىستىخباراتتىكى خىتاي: خىتاينىڭ كۋانتۇم كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە «كۋانتۇم ئاچقۇچ تەقسىماتى» تېخنىكىسىدىكى زور ئىلگىرلىشى، تۈركىيەنىڭ بارلىق رەقەملىك مەخپىيەتلىك سىستېمىلىرىنى (دۆلەت سىرلىرى، دىپلوماتىك خەت-ئالاقىلەر، بانكا ئۇچۇرلىرى) شىفرىلىرىنى كەلگۈسىدە «ئاسانلا چېقىپ تالىغىلى بولىدىغان» ھالەتكە كەلتۈرمەكتە. بېيجىڭ بۈگۈن قولغا چۈشۈرگەن مەخپىي ئۇچۇرلارنى كەلگۈسىدە كۋانتۇم كومپيۇتېرلىرى ئارقىلىق يېشىش ئۈچۈن ساقلىماقتا («بۈگۈن ساقلا، ئەتە يەش» ئىستراتېگىيەسى) 3 - ئىقتىساد، سانائەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكچىلىكلىكتە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك ئىمپورتتىكى خىتاي: خىتاي بۈگۈن تۈركىيەنى ئەڭ كۆپ سودا قىزىل رەقىمىگە مۇبتىلا قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېكىسپورتچىلىرىنى مەخسۇس قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق تەننەرخىدىنمۇ ئەرزان باھادا بازارنى قاپلاش (دەمپىڭ) ئارقىلىق بىزنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشمىزنى ۋەيران قىلماقتا. تۈرك سانائەتچىلىرى بۇ ناھەق رىقابەت ئالدىدا زاۋۇتلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي سىرتقا بېقىندى بىر «بازار دۆلەت»كە ئايلاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىنى ياراتماقتا. قاتناشتىكى خىتاي: Chery، BYD ۋە MG ... قاتارلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ مالىيە ياردىمى بىلەن تۈركىيە بازىرىنى تاجاۋۇزچىلارچە قاپلى[اپ كېتىشىدۇر. بۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر ماشىنا سېتىش ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى سانائىتىنى ۋەيران قىلىش، ئەشيا ئوبوروتى تورىنى كونترول قىلىش ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سوددىكى بىر گەۋدىلىشىشىنى بۇزۇپ تاشلاشقا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقتۇر. مالىيەدىكى خىتاي: «Swap» (پۇل ئالماشتۇرۇش) كېلىشىملىرى ۋە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلەردۇر. بېيجىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى پۇل ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، بەرگەن قەزرلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلدۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك خېرىدارلىقتا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن يول قويدۇرۇش ئۈچۈن بىر «مالىيە قورالى» سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە. كۆلەڭگە بانكىچىلىقى ۋە پۇل ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى خىتاي: رەسمىي بانكا نازارەتچىلىقىنىڭ سىرتىدا قالغان، خىتاي دۆلىتىگە قاراشلىق قورچاق فوندلار ۋە «كۆلەڭگە بانكىلار» ئارقىلىق تۈرك شىركەتلىرىگە سۇنۇلغان، سۈزۈك بولمىغان مەبلەغ مودېللىرىدۇر. بۇ سىستېما يەرلىك شىركەتلىرىمىزنى قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سۈكۈت ئىچىدە بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر «قەرز-پايچەك ئالماشتۇرۇش» تۇزىقىدۇر. بانكىدىكى خىتاي: ICBC Turkey ۋە Bank of China ئارقىلىق تۈرك مالىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ نازۇك قىل تومۇرلىرىغىچە سىڭىپ كىرىشتۇر. تۈرك شىركەتلىرىنىڭ قەرز يۈكى ۋە سودا سىرلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ھالقىلىق ساھەلەردىكى شىركەتلەرنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە مالىيە ئىستىخباراتى توپلىماقتا. پورتتىكى خىتتاي: ئىستانبۇل ئاۋچىلاردىكى كۇمپورتقا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك پورتلارنىڭ خىتاي دۆلەت شىركىتى COSCO تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشىدۇر. «دېڭىز يىپەك يولى» نىقابى ئاستىدا پورتلىرىمىز خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئەشيا ئوبوروتى ۋە ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەسى (مەرۋايىت تىزىمى ئىستراتېگىيەسى) نىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇلماقتا. كانچىلىقتىكى خىتاي: مەرمەر، بور، تورىيۇم ۋە نادىر ئېلېمېنت كانلىرىمىزنىڭ ئەرزان باھادا يېپىپ قويۇلۇشىدۇر. خام ئەشيانىڭ تۈركىيەدە پىششىقلاپ ئىشلەنمەستىن ۋە قوشۇمچە قىممەت يارىتىلماستىن بىۋاسىتە خىتايغا ئېقىشى، بىر مۇستەملىكىچى مەنتىقىسى بىلەن دۆلىتىمىز بايلىقلىرىنىڭ «خام ئەشيا ئامبىرى» غا ئايلاندۇرىلىشىدۇر. ئېنېرگىيەدىكى خىتاي: قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى خىتاي مونوپوللۇقى شۇنداقلا ئادانادىكى ھۇنۇتلۇ ئىسسىقلىق ئېلېكتر ئىستانسىسى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى 1.7 مىليارد دوللارلىق بۇ غايەت زور مەبلىغى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش نىقابى ئاستىدا، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى بېيجىڭنىڭ تېخنىكىلىق ۋە مالىيەۋى بوينتۇرۇقىغا مەھكۇم قىلماقتا. تۈركىيە ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنى ئىزدەۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ تېخنىكىنىڭ خام ئەشياسى، زاپچاسلىرى ۋە يۇمشاق دېتالىدا خىتايغا باغلنىپ قېلىشى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىمىزنى بىر تال يىپقا باغلاپ قويغانلىقتۇر. مانا بۇلار خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى «ئېنېرگىيە تېررورى» ۋە ئىقتىسادىي قورال ئارقىلىق سىياسىي تەسىر يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر. يەر-مۈلۈكتىكى خىتاي: قانال ئىستانبۇل يۆنىلىشى، ئىستراتېگىيەلىك يېزا ئىگىلىك يەرلىرى ۋە چېگرا رايونلاردىكى كەڭ زېمىنلارنىڭ ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئارقىلىق سېتىۋېلىنىشىدۇر. بۇ جىمجىت بىر «يەر-مۈلۈك ئىشغالىيىتى» بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا قارىتىلغان زور تەھدىتتۇر. پايچەك بازىرىدىكى خىتاي: بورسا ئىستانبۇل (Borsa İstanbul) دا پائالىيەت قىلىۋاتقان مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ۋە تېخنىكا گېەانىتلىرىنىڭ پايچەكلىرىنىڭ خىتاي فوندلىرى تەرىپىدىن جىمجىت توپلىنىشىدۇر. بۇ يول بىلەن ھالقىلىق شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىستراتېگىيەلىك قارارلارنى بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇرلاشتۇرۇش نىشان قىلىنماقتا. ھۆددىگەرلىك ساھەسىدىكى خىتاي: كۆۋرۈك، تېز پويىز، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە خىتاي دۆلەت بانكىلىرىنىڭ ئەرزان قەرزى بىلەن شەكىللەنگەن خىتاي ھۆددىگەرلىكىدۇر. بۇ ئەھۋال يەرلىك ئىنژېنېرلىق ئىقتىدارىمىزنى كۆمۈپ تاشلاپ، تۈركىيەنى نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدىغان قەرز بوينتۇرۇقى ئاستىغا تىقىپ قويۇش خەۋپىگە ئىگە. ئىسرائىلىيە ھەمكارلىقىدىكى خىتاي: خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھايفا پورتىغا ئوخشاش تۈرلەردە يەر ئېلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سەزگۈر ھەربىي ۋە تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى رايون جۇغراپىيەسىدە تۈركىيەگە قارشى بىر بېسىم كوزىرى سۈپىتىدە قوللىنىشىدۇر. بۇ قاراڭغۇ تېخنىكا يۆتكەش ۋە ئىستىخبارات ھەمبەھىرلىنىشى، رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى تۈركىيەنىڭ زىيان يەتكۈزىدىغان شەكىلدە بۇزماقتا. 4 - بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق، چېگرا ھالقىغان بېسىم جاسۇسلۇق ساھەسىدىكى خىتاي: خۇددى ياۋروپادا ئاشكارىلانغانغا ئوخشاش تۈركىيە چېگرالىرى ئىچىدە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان شەكىلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان قانۇنسىز خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ممەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر. خىتاي ئۆز ئۆكتىچىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۆزىتىش، تەھدىت سېلىش، سوراق قىلىش ۋە ئوغرىلاپ كېتىش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان بۇ غەيرىي رەسمىي قۇرۇلمىلار، تۈركىيەنىڭ بىر «قانۇن دۆلىتى» بولۇش سالاھىيىتىگە قىلىنغان بىۋاسىتە ھۇجۇمدۇر. مۇداپىئە ساھەسىدىكى خىتاي: تۈرك مۇداپىئە سانائىتىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوراللار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى قاتارلىق دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خىتاينىڭ يېقىندىن كۈزىتىش شارائىتى يارىتىشىدۇر. «تېخنىكا ئالماشتۇرۇش» ياكى «ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش» نىقابى ئاستىدا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىمىزگە سىڭىپ كىرىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىقى قىلىش ۋە مىللىي قوراللىرىمىزنى تەتۈر ئىنژېنېرلىق (reverse engineering) بىلەن كۆچۈرۈۋېلىش تەھدىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاستىرتىن ھەرىكەتتىكى خىتاي: خىتاينىڭ ئاسمان تورى (Sky Net) ۋە تۈلكە ئوۋى (Fox Hunt) ناملىق يەر شارى خاراكتېرلىك قورشاۋ ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيەدىكى پاناھلانغۇچىلارغا ۋە تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىسمانىي ۋە رەقەملىك ئىز قوغلاش پائالىيەتلىرىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش نىشان قىلىنماقتا ۋە تۈلكە ئوۋى (Fox Hunt) پىلانلىرى دائىرىسىدە تۈركىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىسمانىي ۋە رەقەملىك ئىز قوغلاش بىلەن شۇغۇللانماقتا. تېلېفون تەھدىتلىرىدىكى خىتاي: تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتايدىكى ئائىلىلىرىنى جازا لاگېرلىرىدا گۆرۈگە تۇتۇۋېلىپ، شۇلار ئارقىلىق تەھدىت سېلىش ۋە قوتقۇتۇش تېلېفونلىرىدۇر. تۈركىيەدىىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىكى جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەققىدە جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاش، تۈركىيەنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىنسانلارنى قوغداش ئىرادىسىغا ئۇرۇلغان ئېغىر زەربىدۇر. تور بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى خىتاي: تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرىغا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە، ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق تور ھۇجۇملىرىدۇر. دۆلەتنىڭ قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىغا سىڭىپ كىرىش ۋە ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرىدۇر. تەشكىللىك جىنايەت شايكا سىستېمىسىدىكى خىتاي: تۈركىيەدىكى قانۇنسىز قىمار، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تورىدا خىتاي مەركەزلىك ترىئاد (Triad) تىپىدىكى قارا جەمئىيەت (خىتاي مافىيەسى) قۇرۇلمىلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۆكۈمرانلىقىدۇر. جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيادىكى تور ئالدامچىلىقى ئۇۋىلىرىنىڭ بىر نۇسخىسىنى تۈركىيەدىكى خىتاي قورچاق شىركەتلىرى ئارقىلىق قۇرۇشى مۇمكىن. تەشكىللىك جىنايەتنىڭ مالىيە تەمىناتىدا خىتاي مەنبەلىك تىزىمغا ئېلىمىغان پۇل يۆتكەش سىستېمىسى (Feiqian) نى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈرك مالىيە سىستېمىسىنى نازارەت قىلالمايدىغان ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تەرەققىيات تەتقىقاتى (Ar-Ge) دىكى خىتاي: تېخنىكا باغچىلىرىدا «پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچى» ياكى «تېخنىكا ھەمكارلاشقۇچىسى» قىياپىتىدە يۈرگەن قۇرۇلمىلارنىڭ يەرلىك شىركەتلەرنىڭ پاتېنتلىرىنى، ئالگورىزىملىرىنى ۋە كەشپىياتلىرىنى ئەرزان باھادا قولغا كەلتۈرۈپ، خىتايغا يۆتكىشىدىن ئىبارەت بىلىم ۋە ئىلمىي مۈلۈك قاراقچىلىقىدۇر. يېزا ئىگىلىكى ساھەيىمىزدىكى خىتاي: بۇ بىئولوگىيەلىك جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدۇر. ئانادولۇنىڭ مىڭلىغان يىللىق ئالاھىدە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى، ئاتا ئۇرۇقلىرى ۋە بىئولوگىيەلىك كۆپ خىللىقىمىزنىڭ «ئىلمىي ھەمكارلىق» نامى ئاستىدا ئوغرىلىنىپ خىتاي تەجرىبىخانىلىرىدا گېنتىكىلىق خەرىتىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىدۇر. بىئولوگىيەلىك قورال ۋە سۈنئىي ۋىرۇس ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىتاي: BGI Group قاتارلىق.خىتاي بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى ئارقىلىق ۋە PCR تەكشۈرۈش قوراللىرى ئارقىلىق توپلانغان تۈركىيە نۇپۇسىغا ئائىت غايەت زور گېن (DNA) مەلۇمات ئامبىرى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە پەقەت مەلۇم بىر مىللەتكە (تۈركلەرگە) خاس بولغان بىئولوگىيەلىك قوراللارنى ياكى سۈنئىي كېسەللىك قوزغاتقۇچى ۋىرۇسلارنى ئشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىش خەۋپى مەۋقۇت. دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق چېكى دەل مۇشۇ يەردە. 5 - دۆلەت ۋە ئىستراتېگىيە، سىياسىي چىرىش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى پارلامېنتتىكى خىتاي: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (TBMM) پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى» ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى (لوبىچىلىق) پائالىيەتلىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش ھەققىدە سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ خىتاي لوبىسىنىڭ سىياسىي پارتىيەلەرگە قىلغان مالىيە ۋە سىياسىي بېسىمى بىلەن رەت قىلىنىشى بۇنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا ساياھەتكە تەكلىپ قىلىنىپ داغدۇغۇلۇق كۈتۈۋېلىنىشى ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىختىيارىي خىتاي لوبىچىسىغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. سىياسەتتىكى خىتاي: خىتاينىڭ تەسىرى پەقەت مەلۇم ماۋچى ۋە كومۇنىست پارتىيەلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئاساسىي ئېقىم سىياسىتىنىڭ ئىچ-ئىچىگىچە سىڭىپ كىرگەن خىتاي مەسلىھەتچىلىرى ئارقىلىقمۇ نامايان بولماقتا. سايلام مەبلىغىدىن تارتىپ پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەلەش كۈرسلىرىغىچە خىتاي مودېلىنىڭ (مۇستەبىت كاپىتالىزمنىڭ) بىر نىجاتلىق يولىدەك بازارغا سېلىنىشىدۇر. سىياسەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى ۋە سودا ئىمتىيازلىرى قارار چىقارغۇچىلارنىڭ خىتايغا كىندىكتىن باغلىنىپ قېلىش خەۋپىنى ياراتماقتا. چېگرادىكى خىتاي: تۈركىيەنىڭ بىر بەلباغ بىر يول پىلانىدا پەقەت بىر «ئۆتۈش كارىدورى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى، بارلىق ئەشيا ئوبوروتى قوشۇمچە قىممىتىنىڭ خىتايدا قېلىشىنى ۋە تۈركىيەنىڭ سىرلانكا ياكى پاكىستان مىساللىرىدىكىدەك بىر «قەرز تۇزىقى»غا پاتۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇل ئەسلىھە ساھەيىمىزدىكى خىتاي: ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكى ۋە شىمالىي مارمارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا ئوخشاش ھالقىلىق ئۆتكەللەردىكى خىتاي پايچەكلىرىدۇر. تۈركىيەنىڭ قاتناش تورىنىڭ يۈرىكىدە يات بىر ئىشغالىيەتچى دۆلەتنىڭ سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، ئۇرۇش ياكى كرىزىس پەيتىدە غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىپلوماتىيە ساھەيىمىزدىكى خىتاي: «بىر خىتاي» سىياسىتىنىڭ تۈركىيەگە بىر تاشقى سىياسەت مەجبۇرىيىتى سۈپىتىدە زورلاپ تېڭىلىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشىغا، تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ بېيجىڭنىڭ سەزگۈرلىكىگە ئەسىر قىلىنىشىغا ئۇرۇنۇشتۇر. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرىمىزدىكى خىتاي: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن قۇرۇلغان نازارەتسىز «قېرىنداش شەھەر» مۇناسىۋەتلىرى ۋە «ئەقلىي شەھەر» لايىھەلىرىدۇر. بۇ يول ئارقىلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قاتناش، ئەخلەت، سۇ باشقۇرۇش ۋە پۇقرالارنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ خىتاي يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىگە ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي دۆلىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەدلىيە ساھەيىمىزدىكى خىتاي: جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ گەرچە تەستىقلانمىغان بولسىمۇ پارلامېنتقىچە كېلەلىگەنلكىدۇر. بۇ كېلىشىم تۈركىيەدىكى قانۇن مۇھاپىزەتچىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھەمدە خىتاي «جىنايەتچى» دەپ ئېلان قىلغان ھەر قانداق كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي شارائىت ھازىرلاش سۇيىقەستىدۇر. پۇقرالىقتىكى خىتاي: يەر-مۈلۈك سېتىۋېلىش بەدىلىگە تۈركىيە پۇجرالىقى ئالغان ۋە ئارقىسىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ مەخپىي مالىيە تەمىناتى بولغان يوشۇرۇن شەخسلەردۇر. بۇ كىشىلەر «يەرلىك سودىگەر» نىقابى بىلەن بيۇروكراتىيەدە، سودا دۇنياسىدا ۋە سىياسەتتە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئاكتقپ يۈرگۈزىدۇ. تەبىئەتنى بۇلغاپ نابۇت قىلىۋاتقان خىتاي: خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كانچىلىق ۋە ئېغىر سانائەت مەبلەغلىرىدە مۇھىت ئۆلچەملىرىگە قەتئىي رىئايە قىلماتۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئېغىر مېتال بۇلغىنىشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ زەھەرلىنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىق بىلەن ئانادولۇ تۇپراقلىرىنىڭ نەمخۇشلاشتۇرۇلۇشىغا يول ئاچقانلىقتۇر. خىتاي ئۆز دۆلىتىدە چەكلەنگەن مەينەت تېخنىكىلارنى تۈركىيەگە «مەبلەغ سېلىش» نامى ئاستىدا ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنماقتا. 6 - پىكىر، ئىدېئولوگىيە ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن سىياسىي سىڭىپ كىرىش مائارىپتىكى خىتاي: بۇ تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى نىقابى ئاستىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشى، ئاكادېمىك مۇنبەرلرىمىزنىڭ سېتىۋېلىنىشى ۋە ئىلمىي ئەركىنلىكىمىزنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بوغۇلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. ئاكادېمىك ساھەيىمىزدىكى خىتاي: بۇ دۆلىتىمىزدە خىتاي دۆلەت فوندلىرىنى ئىشلىتىدىغان «تەتقىقات» لايىھەلىرىدۇر. خىتاينىڭ پايدىسىغا تېزىس يازغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئىنكار قىلغان ئاكادېمىكلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشى، ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلەرنىڭ بولسا ئېمبارگو ۋە بېسىم بىلەن سۈكۈت قىلدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مېدىيادىكى خىتاي: بىۋاسىتە خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا نەشرىياتچىلىق قىلىدىغان CRI Türk كە ئوخشاش ئورگانلاردۇر. بۇلار يەرلىك مېدىيادىكى ئوبزورچىلارنىڭ، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ غايەت زور ئېلان خامچوتلىرى بىلەن سېتىۋېلىنىشىنى ياكى خىتايغا ساياھەتكە ئېلىپ بېرىلىپ، بولىشىغا يېگۈزۈپ ئىچىرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە رام قىلىنىشىنى ۋە «زاكاس مەزمۇن» يېزىشقا مەجبۇرلىنىشىنى ھەتتا خالىس ىىتاي تەشۋىقاتچىسىغا ئايل؛ىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. يۇتۇبېرلار ئارقىسىكى خىتاي: بارلىق چىقىمى خىتاي تەرىپىدىن تۆلىنىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئاپىرىلغان ۋە كۆرسىتىلگەن ئويدۇرما مەنزىرىلەرنى «بۇ يەردە زۇلۇم يوق، ھەممە ئادەم ئىنتايىن بەختلىك» دەپ بازارغا سالىدىغان ۋىجدانسىز فېنومېنلار (تور داڭدارلىرى) ئارقىلىق تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ پىكىر قارىشلىرىنى مونوپۇل قىلىش ئۇرۇنىشى كۈچەيمەكتە. نۇپۇس قۇرۇلمىسى ۋە تويلىشىش كوزىرى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي: خىتايدىكى غايەت زور ئەر-ئايال نۇپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىغا قارىماي، ئاڭلىق بىر خىتاي دۆلەت سىياسىتى بىلەن تۈركىيەگە ياش خىتاي ئايال نۇپۇسىنىڭ يۆتكىلىشىدۇر. بۇ ئەھۋال پەقەت بىر «مۇھەببەت» مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە پۇقرالىقى ئېلىش، تۈركىيەدە مۈلۈككە ئىگە بولۇش، ئائىلە ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ مەدەنىيەت كودلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بىر «دېموگرافىك DNA ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىشتىكى يۇمشاق كۈچىدۇر. خىتاي كېلىنلەر ياكى كۈيئوغۇللار ئارقىلىق تۈرك ئائىلە قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كىرگەن بۇ يۇمشاق كۈچلەر، يەرلىك ئىستىخبارات تورلىرى ئۈچۈن تەبىئىي ئۇۋا بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. نەشرىياتچىلىق ساھەيىمىزدىكى خىتاي: خىتاي دۆلەت فوندلىرى بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، چىرايلىق مۇقاۋىلار بىلەن بېزىگەن «خىتاي مۆجىزىسى» ۋە «يېڭى دۇنيا تەرتىپى» ناملىق كىتابلىرىدۇر. بۇ تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ ۋە ياشلىرىنىڭ زېھنىيەت خەرىتىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قايتا لايىھەلىنىش ھەرىكىتىدۇر. سەنئەت ساھەيىمىزدىكى خىتاي: كىنو فېستىۋاللىرىدىن سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ياكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تېما قىلىنغان ھەر قانداق ئەسەرنىڭ «ياردەم پۇلىنى بىكار قىلىش» ياكى «دىپلوماتىك كرىزىس» تەھدىتى بىلەن چەكلىنىشىدۇر. بۇ ئارقىلىق تۈرك سەنئىتىنى بېيجىڭنىڭ قىزىل سىزىقلىرىغا مەھكۇم قىلىش ئۇرۇنىشى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. ساياھەتچىلىك ساھەيىمىزدىكى خىتاي: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئېغىز ئاچساڭلار تۈركىيەگە ساياھەتچى ئەۋەتمەيمىز، ئىقتىسادىي زىيان تارتىسىلەر» دېگەندەك كىنايە خاراكتېرلىك تەھدىتلەردۇر. بۇ خىل يېپىق تەھدىتلەر ئارقىلىق ساياھەت كىرىملىرىنى بىر قورال سۈپىتىدە قوللىنىپ جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى، سودىگەرلەرنىڭ ۋە يەرلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ۋىجدانىنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. تەنتەربىيە ساھەيىمىزدىكى خىتاي: تۈركىيە تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىغا Huawei, Vivo قاتارلىقلار ئارقىلىق بېرىلگەن مىليونلىغان دوللارلىق ياردەملەر توپ مەستانىلىرىنى خىتاينىڭ پايدىسىغا «يۇمشىتىش» ئۇرىنىشىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىگەن، ئۇيغۇرلارنى قوللىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى (مەسۇت ئۆزىل مىسالىدىكىدەك) بايقۇت قىلىش، ئىسىملىرىنى ئۆچۈرۈش، خىتايغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە كۇلۇبلىرىغا مالىيە بېسىمى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن تەنھەرىكەت ساھەسى خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ۋە سۈكۈت قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇلماقتا. ئىدېئولوگىيەدىكى خىتاي: ياۋرو-ئاسىياچىلار نامى ئاستىدا تۈركىيەنى دېموكراتىك دۇنيادىن، تۈرك دۇنياسىدىن ۋە مىللىي مەنەۋىي ئوربىتىسىدىن تېيىلدۇرۇپ، خىتاينىڭ شېرىكى قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان سىياسىي كۈچلەر ۋە زىيالىيلاردۇر. ئىمپېرىيالىزمغا قارشى تۇرۇش نىقابىنى تاقىۋېلىپ، خىتاي ئىمپېرىيالىزمىغا ۋە زۇلمىغا دەرۋازا ئېچىۋاتقان يەرلىك قۇرۇلمىلاردۇر. سىياسەتتىكى خىتاي: خىتاي لوبىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان، سايلام مەبلىغىدىن مېدىيا ياردىمىگىچە بېيجىڭغا كىندىكىدىن باغلانغان سىياسىي پارتىيەلەر ۋە گۇرۇپپىلاردۇر. ،ىللىي ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، «شەرقىي تۈركىستان ناملىق يەر يوق» دېيىش ئارقىلىق زالىمنىڭ سېپىدىن ئوتۇن ئېلىۋاتقان ئىشچى پارتىيەسىگە ئوخشاش يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلاردۇر. ۋىجداندىكى خىتاي: ئەڭ خەتەرلىكى مانا مۇشۇ بولۇپ، ئازغىنە سودا، ۋاقىتلىق بىر ئورۇندۇق ياكى سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سالىدىغان، ھەتتا بۇ زۇلمنى ئاقلاشقا جان ئاتىدىغان «ئىچىمىزدىكى خىتايلاشقان» مانقرت زېھنىيەتلىكلەردۇر. خۇلاسە كالام، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئۆز كۈچىنى، يۇقىرىدا تىزىملىكتە تىلغا ئېلىنغان ۋە قىل تومۇرلارغا سىڭىپ كىرگەن ئىچىمىزدىكى يەنى تۈركىيەدىكى «خىتاي» لاردىن ئالماقتا. بۇ رېنتگېن نۇسخىسى پەقەت بىر ئەھۋالنى بايان قىلىشلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى، شەرىپىنى ۋە كەلگۈسىنى قوغداش يولىدىكى بىر ئويغىنىش چاقىرىقىدۇر. سۈكۈتتىكى ئىشغالىيەت، شاۋقۇن-سۈرەنلىك بىر ئۇرۇشتىنمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى دۈشمەن پەقەت چېگرادىلا ئەمەس؛ ئۇ سىزنىڭ ئاشخانىڭىزدا، يانچۇقىڭىزدا، بانكا ھېساباتىڭىزدا ۋە ئەڭ ئچېنىشلىق تەرىپى ۋىجدانىڭىز ۋە زېھنىڭىزدىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى پەقەت بىر ئىقتىسادىي بازارلا ئەمەس، بەلكى نۇپۇس جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىدىغان، سىياسىي مېخانىزمى پالەچ قىلىنىدىغان ۋە تەشكىللىك جىنايەت تورلىرى ئارقىلىق مۇقىمسىزلاشتۇرۇلىدىغان بىر «يۇمشاق نىشان» دەپ بېكىت بولۇپ، پارلامېنت كارىدورلىرىدىن تۈرك ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچىگىچە سىڭىپ كىرگەن بۇ «جىمجىت ۋىرۇس»، بىز ئۇخلاۋاتقاندا گېنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇڭا بۇ پەقەت ئۇيقىدىن ئويغۇنۇش ۋە كۆزىمىزنى يوغانراق ئېچىش چاقىرىقىدۇر.
مۇنازىرە
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
40 كۈن بۇرۇن
روھىيەتتىكى تۇنجى يېرىق: «سۇنۇق دېرىزە» ۋە كىملىك تىراگېدىيەسى

«سۇنۇق دېرىزە نەزەرىيىسى» (Broken Windows Theory) جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە جىنايەت دۇنياسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بىر قاراشتۇر. بۇ نەزەرىيە جەمئىيەتتىكى كىچىكلا تەرتىپسىزلىك، ۋەيرانچىلىق ياكى سەل قاراشلارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانداق قىلىپ تېخىمۇ چوڭ جىنايەتلەرگە ۋە ئېغىر ئىجتىمائىي كرىزىسلارغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىر لوگىكا بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نەزەرىيىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى شۇكى: ئەگەر بىر بىنادىن بىرلا دېرىزە سۇنۇپ كەتسە ۋە ئۇ ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىسا، كىشىلەر بۇ يەرنى «باشقۇرغۇچىسىز، ئىگىسىز يەر» دەپ قارايدۇ-دە، قالغان دېرىزىلەرنىمۇ سۇندۇرۇشقا باشلايدۇ.

 بۇ نەزەرىيىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى 1982-يىلىغا تۇتىشىدۇ. ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس جامىس ۋىلسون (James Q. Wilson) ۋە جورج كېللىڭ (George L. Kelling) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پىكىر، ئەمەلىيەتتە پىسخولوگ فىلىپ زىمباردونىڭ 1969-يىلى ئېلىپ بارغان بىر ئاپتوموبىل تەجرىبىسىگە ئاساسلانغان. تەجرىبىدە، ئوخشاش بىر ماشىنا ئىككى ئوخشىمىغان رايونغا تاشلاپ قويۇلغان بولۇپ، ئابرۇيلۇق بىر مەھەللىدىكى ماشىنىغا تاكى ئۇنىڭ تۇنجى ئەينىكى چاقىلمىغۇچە ھېچكىم تەگمىگەن. بىراق، تۇنجى سۇنۇق ئەينەك پاچاقلانغاندىن كېيىن، شۇ مەھەللىدىكى «تەرتىپلىك» دەپ قارالغان كىشىلەرمۇ ماشىنىنى ۋەيران قىلىشقا قاتناشقان. بۇ بىزگە كىچىك بىر ئېقىننىڭمۇ ئاخىرىدا چوڭ بىر سەلگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

 ئىجتىمائىي پىسخىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مۇھىتتىكى قالايمىقانچىلىق كىشىلەرگە بىر خىل «سىگنال» يوللايدۇ. كوچىلارغا تاشلانغان ئەخلەتلەر، تاملارغا سىزىلغان قالايمىقان رەسىملەر ۋە رېمونت قىلىنمىغان سۇنۇق دېرىزىلەر ئەتراپقا «بۇ يەردە قائىدە يوق، ھېچكىم سىزنى نازارەت قىلمايدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئالدى بىلەن كىچىك قائىدە بۇزۇشلارنى نورماللاشتۇرىدۇ، ئاندىن جەمئىيەتتىكى تەرتىپلىك كىشىلەرنى قورقۇنچ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلاپ، سىرتقا چىقىشتىن توسىدۇ. كوچىلار بوشاپ، ئاۋامنىڭ نازارىتى يوقالغانسېرى، تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغانلار ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. 

 بۇ نەزەرىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەمەلىي مىسالى 1990-يىللاردىكى نىيۇيورك شەھىرىدۇر. شۇ چاغدىكى شەھەر باشلىقى رۇدى جۇلىيانى (Rudy Giuliani) ۋە ساقچى باشلىقى ۋىلىيام براتتون (William Bratton) شەھەردىكى ئېغىر جىنايەتلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، دەل مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسلىنىپ «نۆل چىدامچانلىق» (Zero Tolerance) سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئۇلار چوڭ جىنايەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مېترولاردىكى قالايمىقان سىزىقلارنى ئۆچۈرۈش، بىلەتسىز چىققانلارنى جازالاش ۋە كوچىغا ئەخلەت تاشلىغۇچىلارنى تۇتۇشتىن ئىش باشلىغان. نەتىجىدە، كىچىك تەرتىپسىزلىكلەرنىڭ ئالدى توسۇلغاندىن كېيىن، نىيۇيوركنىڭ ئومۇمىي جىنايەت ئۆتۈش نىسبىتىدە مۆجىزىدەك بىر تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.

«سۇنۇق دېرىزە نەزەرىيىسى» (Broken Windows Theory) نى پەقەت بىر جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى كىرىمىنولوگىيە پىرىنسىپى دەپ قاراش كاپايەت قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ نەزەرىيىنىڭ ئارقىسىدىكى پىسخىكىلىق زەنجىر، بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يىلتىزىدىن بارا-بارا ۋاز كەچكەن تىراگېدىيەلىك جەريانىنى، يەنى روھىيەت دۇنياسىدىكى بىرىنچى «سۇنۇق دېرىزە» ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىسا، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ سىستېمىلىق بىر ئېتىقاد ۋە كىملىك كرىزىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

 ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، خۇسۇسىيەن دىئاسپورادا (ۋەتەن سىرتىدا) ياشاۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ ئىمانى، ئەقلى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ سۇسلىشىشى ھەرگىزمۇ بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدۇ. بۇ خۇددى قورغاننىڭ بىر تېشى چۈشۈپ كەتسە پۈتۈن تامنىڭ گۆمۈرۈلۈشىگە يول ئېچىلغىنىدەك، ئىنتايىن كىچىك، سەل قارالغان «خاتالىقلار» بىلەن باشلىنىدۇ. بىر ياشنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا ئادەتتىكى بىر كىچىك گۇناھقا، نامازنى كېچىكتۈرۈشكە ياكى كىچىك بىر ئەخلاقىي بوشلۇققا «بۇنىڭدىن نېمە چىقىپتۇ، تېخى ياش تۇرسام، كېيىن تۈزىتىمەن» دەپ قارايدىغان ئاشۇ دەسلەپكى مىنۇتى — ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى تۇنجى سۇنۇق دېرىزىدۇر. شۇ بىر قېتىملىق بوشلۇق تەۋبە ياكى ۋىجدان ئويغىنىشى بىلەن دەرھال تولدۇرۇلمىغاندا، قەلب قورغىنىدا «بۇ يەردە گۇناھ ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق پاجىئە يۈز بەرمىدى» دېگەن يوشۇرۇن بىر ئېچىلىش پەيدا بولىدۇ.

 بۇ تۇنجى دېرىزىنىڭ سۇنۇق پېتى قېلىشى، ئىچكى دۇنيادا زەنجىرسىمان بىر ۋەيرانچىلىقنى قوزغايدۇ. كىچىك گۇناھلارغا كۆنۈش بارا-بارا چوڭ گۇناھلارغا، ئاندىن ئىبادەتلەرگە پۈتۈنلەي سەل قاراشقا، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ئىماننىڭ ئاساسلىرىغا نىسبەتەن ياتلىشىش ۋە گۇمانلارنىڭ تۇغۇلۇشىغا يول ئاچىدۇ. قەلب تېمىدىكى بىرىنچى يېرىقنى نورمال چاغلىغان ياش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز ئېتىقادىدىن نومۇس قىلىدىغان، ئۇنى بىر يۈك دەپ بىلىدىغان ۋە ئاخىرىدا ئۆز مۇقەددەسلىرىدىن تولۇق ۋاز كەچكەن روھىي بىر ئۆلۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى روھىيەتتە نازارەتچى ۋە چەكلىگۈچى قورغان يوقالغاندا، ئىنسان سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق بۇزغۇنچى دولقۇنغا قارشى پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز قالىدۇ.

 مۇشۇنداق بىر پىسخىكىلىق بوشلۇق، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ساقلاش كرىزىسىدا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە گەۋدىلىنىدۇ. بىز غەرب ياكى باشقا يات مەدەنىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقىنىمىزدا، كىملىكىمىزنى ساقلاپ تۇرغان قورغانلار — ئېتىقاد، تىل، ئەخلاق ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەردۇر. دىئاسپورادىكى بىر ئائىلە ياكى بىر ياش ئۈچۈن، ئۆي ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە سەل قاراش، ياكى يات مەدەنىيەتنىڭ ئېتىقادىمىزغا پۈتۈنلەي زىت بولغان بىرەر كىچىك ئادىتىنى «بۇ پەقەت زامانىۋىلىق ياكى يۇغۇرۇلۇش» دەپ قوبۇل قىلىش — كىملىك قورغىنىغا ئۇرۇلغان تۇنجى چايران، يەنى تۇنجى سۇنۇق دېرىزىدۇر. 

 تار تارىخىي كرىزىسلار ۋە غۇربەت تۇرمۇشىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن، كىچىك دەپ قارالغان بۇ بوشلۇقلار دەرھال كېڭىيىدۇ. ئالدى بىلەن تىل يوقىلىدۇ، تىل يوقالسا دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلارنى چۈشىنىش، ھېس قىلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادقا يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ياكى ياشلار ئۆزلىرى تۇنجى سۇنۇق دېرىزىنى كۆرگەن ھامان ئۇنى مىللىي ئاڭ ۋە ئىمان ئېڭى بىلەن دەرھال رېمونت قىلىپ چېكىنمىسە، ئاشۇ كىچىك بوشلۇق كېيىن پۈتۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان، ئۆزىنى ياتلارغا ئوخشىتىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە تىراگېدىيەسىگە ئايلىنىدۇ. 

 خۇلاسىلىگەندە، سۇنۇق دېرىزە نەزەرىيىسى روھىيەت ۋە كىملىك كرىزىسىدا بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى: ئېتىقاد ۋە كىملىكنى يوقىتىش بىر چوڭ مەغلۇبىيەت بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىر قېتىملىق سەل قاراش، بىر تۈركۈم كىچىك گۇناھلار ۋە ئۆز تىلىمىزغا قىلىنغان سەل قاراشلارنىڭ يىغىندىسىدىن قورۇلىدۇ. يىلتىزىمىزنى ۋە ئېتىقادىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى — روھىمىزدا، ئائىلىمىزدە ۋە جەمئىيىتىمىزدە كۆرۈلگەن ئەڭ كىچىك بىر «سۇنۇق دېرىزە»نىمۇ ھەرگىز سەل چاغلىماي، ئىمانى مەسئۇلىيەت ۋە مىللىي غۇرۇر بىلەن دەرھال رېمونت قىلىپ تۇرۇشتۇر.
مۇنازىرە
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
42 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇرلاردا كىملىك بوھرانى

 ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام ئېتىقادى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەلگەن. دۇنيانىڭ قايسىبىر بۇلۇڭىدا بولمىسۇن، ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىش پەقەت بىر مىللىي مەنپەئەتدارلىق ياكى ئادەتتىكى بىر تۇيغۇلا ئەمەس، بەلكى شۇ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلارغا باغلانغان مىللىي مەسئۇلىيەتنى، پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ۋە ئاسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى دەل مۇشۇ كىملىك يىلتىزىنى يوقىتىشتۇر. خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ بىلىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى بېسىمغا باش ئەگمەسلىكنى، ھەق ۋە ئادالەتنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، خەلقنىڭ مىللىي ئېڭىنى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ھايات تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىلدۇر. تاشقى دۇنياغا قارىتا ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن پەردازلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇم، ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى رېجىمنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدىغان قورچاقلارغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 مۇشۇنداق بىر ئېغىر تارىخىي كرىزىس مەزگىلىدە، چەتئەللەردە، خۇسۇسەن غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىدىن يىراقلىشىشى ياكى ئۇنى رەت قىلىشى ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان جىددىي بىر مەسىلىدۇر. بۇ ئەھۋال ياشلارنىڭ يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا دۇچ كەلگەن كىملىك كرىزىسى، ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېغىر پىسخىكىلىق زەربىلىرى ۋە ۋەتىنىمىزدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىدىن كېلىپ چىققان روھىي چۈشكۈنلۈكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەزى ياشلار دۇنيادىكى ناھەقچىلىكلەرگە ۋە ئۆز خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرگە قاراپ، ئىچكى بىر سوراق بوشلۇقىغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە يېتەرلىك دىنىي، مەدەنىي بىلىمى بولمىغاچقا، غەربنىڭ سېكۇلار تۇرمۇش شەكلىنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا ئېتىقادتىن سوۋۇپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ياشلار ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلارغا مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلارنى سىستېمىلىق يەتكۈزىدىغان مۇھىتتىن مەھرۇم قالغان.

 بىراق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان  ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىپ پات-پات بۇ دىنغا كىرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۆز ۋەتىنىمىزدە پەقەت مۇشۇ ئېتىقاد سەۋەبىدىنلا لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان، جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز يىلتىزىدىن ۋاز كېچىشى چوڭ بىر مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇغانلىقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى مەۋجۇتلۇق كۈرىشى پەقەتلا بىر سىياسىي ياكى ئىنسانىي ھوقۇق كۈرىشى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ مىڭ يیللىق ئىسلامىي مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىدۇر. دىندىن ۋاز كېچىش، مۇستەبىت رېجىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يىلتىزىدىن ئۈزۈپ تاشلاش نىشانىغا بىلىپ-بىلمەي خىزمەت قىلىپ قويغانلىق بولىدۇ. شۇڭا، دۇنيانىڭ ئەركىن رايونلىرىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرلار، خۇسۇسەن ياش ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىگە، ئېتىقادىغا ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشىشى لازىم.

 ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقلىقىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرلىكىگە بولغان ئېتىقاد ئۇيغۇرلارنى تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلەردىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەنىۋى كۈچتۇر. ياشلارنى ئەيىبلەش ياكى يەكلىمەسلىك، ئەكسىچە ئۇلارغا شېرىن سۆز، مېھرىبانلىق ۋە توغرا بىلىم بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆز دىنىنى ۋە مىللىتىنى سۆيىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچىدۇر. كىملىكىنى ساقلاپ قالغان خەلقلا كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قەدەم باسالايدۇ. 
مۇنازىرە
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
80 كۈن بۇرۇن
تاغلارنىڭ سىرى: قۇرئاندىكى بايانلار ۋە زامانىۋى پەننىڭ ماسلىشىشى

 ​ئالەمدىكى ھەيۋەتلىك يارىتىلىشلار ئىچىدە تاغلار ئۆزىنىڭ سالاپىتى ۋە مۇستەھكەملىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا تاغلار پەقەتلا بىر تەبىئىي مەنزىرە ياكى جۇغراپىيەلىك توساق دەپ قارالغان بولسا، مۇقەددەس قۇرئان كەرىم بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىلگىرى تاغلارنىڭ يەر شارىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى رولى ھەققىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى گېئولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى بۇ بايانلارنىڭ زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بەرمەكتە. ​

قۇرئان كەرىمدىكى بايانلاردا تاغلارنىڭ ئەڭ تۈپ رولى يەر پوستىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەۋرىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە نەھىلنىڭ 15-ئايىتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ​«زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى...» ​بۇ مۇستەھكەملىك تۇيغۇسى پەقەتلا بىر تەسۋىر بولماستىن، بەلكى يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر تەڭپۇڭلۇق مېخانىزمىدۇر. سۈرە ئەنبىيانىڭ 31-ئايىتىدە بۇ ھەقىقەت تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىپ: «تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق...» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «خاتىرجەمسىز بولماسلىق» ئۇقۇمى تاغلارنىڭ يەر شارىنىڭ دىنامىكىلىق قۇرۇلمىسىدىكى سىتاتىك تۇتقۇچلۇق رولىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

بۇ خىل مۇقىملاشتۇرۇش رولى تاغلارنىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. «نەبە» سۈرىسىنىڭ 7-ئايىتىدىكى «(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟» دېگەن ئىلاھىي سوئال، زامانىۋى پەننىڭ تاغلارغا بولغان تەسۋىرى بىلەن تولۇق ماسلىشىدۇ. «قوزۇق» سۆزى بىر نەرسىنىڭ پەقەت يۈزىدىلا ئەمەس، بەلكى يەرنىڭ ئاستىغا چوڭقۇر پاتقان قىسمىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۇتقۇچىلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. زامانىۋى گېئوفىزىكا تەتقىقاتلىرىمۇ تاغلارنىڭ خۇددى بىر مۇز تاغقا ئوخشايدىغانلىقىنى، يەنى بىز كۆرىدىغان قىسمىدىن بىر قانچە ھەسسە چوڭقۇر يىلتىزىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.

«تاغ يىلتىزى» (Mountain Roots) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرۇلما «ئىزۇستازىيە» (Isostasy) قانۇنىيىتى بويىچە يەر پوستىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە زىچ بولغان مانتىي قەۋىتىگە باغلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر تاغلارنىڭ بۇ چوڭقۇر يىلتىزلىرى ۋە زور ماسسىسى بولمىغان بولسا، يەر پوستىنى تەشكىل قىلغۇچى لىتوسفېرا تەخسىلىرى توختىماي تەۋرىنىپ، يەر يۈزىنى ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن خەتەرلىك بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولاتتى. تاغلار خۇددى بىر چوڭ كېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان ئېغىرلىق گەۋدىسىگە ئوخشاش، زېمىننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدىكى «بەرپا قىلىش»، «يارىتىش» ۋە «قوزۇق قىلىش» بايانلىرى بۈگۈنكى گېئوفىزىكا تەتقىقاتلىرى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە بىرلىككە كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىزگە تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ بىر نۇقتىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، ئالەمدىكى ھەر بىر زەررىچىنىڭ مەلۇم بىر قانۇنىيەت ۋە بۈيۈك بىر مەقسەت بىلەن يارىتىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ. تاغلارغا قارىغاندا، بىز پەقەت تاش ۋە تۇپراقتىن تەركىب تاپقان گەۋدىنىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ تۇرغان ئۇلۇغ بىر قۇرۇلۇشنى كۆرىمىز.

مۇنازىرە
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
82 كۈن بۇرۇن
 تىنچلان، تەپەككۇر قىل ئەي كۆڭۈل

 ئەي كۆڭۈل، بىر دەم توختاپ تەپەككۇر قىلىپ باق! سەن زادى كىم؟ قەيەردىن كەلدىڭ ۋە نەگە كېتىۋاتىسەن؟ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىڭدىكى سىر، بۇ چەكسىز ئالەمدە زەررىچە بىر نۇقتىدەك پەيدا بولۇشۇڭدىكى ھەقىقىي مەقسەت نېمە؟! 

 بۇ دۇنياغا قەدەم قويۇشتىن ئىلگىرى سەن يوق ئىدىڭ. سېنى ھېچكىم تونۇمايتتى، ھەتتا ئىسمىڭمۇ يوق ئىدى. سېنى قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىپ، نۇرغا، ھاياتقا، سىزىمگە ئېرىشتۈرگەن ئۇلۇغ قۇدرەت زادى نېمىنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن؟ سەن پەقەت گۆش ۋە جاندىن تەركىپ تاپقان بىر بىيولوگىيەلىك جانلىق ئەمەس، بەلكى بىر ھېكمەتنىڭ نەتىجىسى. شۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ، بۇ دۇنياغا كېلىشتىكى ئەسلى مەقسىتىڭ پەقەت يەپ-ئىچىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، ئاندىن يوقلۇققا قايتىشلا بولسا، بۇ قەدەر مۇرەككەپ بىر ئەقىل ۋە قەلب سېنىڭ نېمەڭگە كېرەك ئىدى؟

 ھەر كۈنى ئونمىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئىنسانلار بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ھېس قىلاتتى، پىلانلىرى، ئارزۇلىرى ۋە غەملىرى بار ئىدى. ئەمما ۋاقىت توشقاندا، «مەن» دېگەن كىبىر ۋە «مېنىڭ» دېگەن مال-دۇنيا بۇ يەردە قالدى. سەنمۇ شۇلاردىن بىرى بولۇشۇڭ تامامەن مۇمكىن ئىدى ۋە سېنىڭمۇ بىر كۈنى شۇ كارۋانغا ئەگىشىدىغانلىقىڭ بىر ھەقىقەت. شۇ تاپتا كۆزلىرىڭنى توسۇپ تۇرغان پەردە بىر كۈنى قايرىلىدۇ. ئەسلى ھەقىقەت شۇ چاغدا ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا «نەقەدەر بىخۇد بوپتىكەنمەن» دېمەسلىك ئۈچۈن، بۈگۈن تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرسەن.

 بىز بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدۇق؟ بىز بىر جەڭنىڭ، بىر كۈرەشنىڭ ئىچىدە. ئەمما بۇ كۈرەش باشقىلارنى بوزەك قىلىش ياكى مال-دۇنيا تالىشىش كۈرىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى بەرپا قىلىش، ھەقىقەتتە تۇرۇش، ھەقسىز لىك ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئۆزلۈكىگە ۋە قەۋمىگە سادىق بولۇش، ئۆزىنى ۋە قەۋمىنى قۇتقۇزۇش كۈرىشىدۇر. بۇزغۇنچى بولما، چۈنكى يىقىتىش ئاسان، قۇرۇش قىيىن. قۇرغۇچى بول، ھاياتنى، ئەقىلنى، ئەخلاقنى ۋە كەلگۈسىنى بىنا قىلغۇچى بول. ھەققىڭ بولمىغانغا قولۇڭنى ئۇزاتما، ئەمما ئۆز ھەققىڭنىمۇ ھېچكىمگە يىگۈزمە. شۇ چاغدىكى بۇ چەكلىك دۇنيامۇ گۈزەللىشىدۇ. ياخشىلىقنى باشقىلاردىن كۈتۈپ ئۆزۈڭنى ئۇنتامسەن؟!

 نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى ئىنسانلار شۇنچە كۆپ نەرسىگە ئىگە تۇرۇپمۇ بەختلىك بولالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۇنيا سېنىڭ قەلبىڭگە تارلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى سېنىڭ روھىڭ چەكلىك نەرسىلەر بىلەنلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمەلمەيدۇ. سېنىڭ ئەسلى ماكانىڭ بۇ ماددىي دۇنيا ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەت ۋە ھەقىقەت دۇنياسىدۇر. ماددىي غەملەر تۈگىمەيدۇ، يامانلىقلار تۈگمەيدۇ، ئەمما سېنىڭ مەيدانىڭ سېنىڭ كىمكىڭنى بەلگىلەيدۇ. 

 ئۆزۈڭگە قايتا بىر سوئال قوي: بۈگۈن مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمە قىلدىم؟ ۋە كەينىمگە قاراپ «شۇ كەمگىچە ياخشىلاردىن بولۇپ ياشاپتىكەنمەن» دېيەلەمدىم؟ تەپەككۇر قىل، چۈنكى ئىنسان ئەقلى ئويلىغانسېرى ئېچىلىدۇ
مۇنازىرە
قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن
84 كۈن بۇرۇن
‎نىيويورك ۋاقتى كالىفورنىيە ۋاقتىدىن ئۈچ سائەت ئالدىدا، ئەمما بۇ كالىفورنىيە قەدىمىنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ھەم بۇ پەرق كالىفورنىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويغانمۇ ئەمەس . ‎بەزىلەر 22 ياشتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ ئەمما ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بەش يىل ساقلايدۇ ، بەزىلەر 25يېشىدا CEO بولىدۇ ئەمما 50 يېشىدا ئۆلىدۇ ، يەنە بەزىلەر 50 يېشىدا CEO بولىدۇ ، 90 ياشقىچە ياشايدۇ ، بەزىلەر تېخىچە بويتاق ، بەزىلەر توي قىلىپ بالىلىقمۇ بولۇپ بولغان . ‎ئوباما 55 يېشىدا زوڭتۇڭلۇقتىن پىنسىيىگە چىقتى ، ترامپ بولسا 70 يېشىدا زۇڭتۇڭلۇقنى باشلىدى . ‎شۈبھىسىزكى ، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ھەربىر جانلىقنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقىت "تېررىتورىيەسى" بولىدۇ . ئەتراپىڭىزدىكى بەزىلەر قارىماققا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا كېتىپ بارغاندەك ، بەزىلەر بولسا ئارقىڭىزدىكىدەك . ئەمما تەپەككۇر قىلىپ كۆرسىڭىز ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ۋاقىت "تېررىتورىيەسى" بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتىدۇ . ‎شۇڭا ھېچكىمگە ھەۋەس قىلماڭ ، ھەسەت قىلماڭ ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايمۇ قالماڭ . ھاياتلىق-توغرا ۋاقىت ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىدۇ . ‎شۇڭا ئۆزىڭىزنى قۇيىۋېتىڭ ! ‎بېسىم قىلىۋالماڭ ! ‎سىز كېچىكمىدىڭىز! ‎سىز ئالدىدا كەتمىدىڭىز! ‎سىز دەل ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ۋاقىت "تېررىتورىيەسى" دە كېتىۋاتىسىز! ‎ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئەنسىرەشلىرىڭىز ھاجەتسىز، سىزنىڭ ھازىرقى ھەربىر كۈنىڭىز كەلگۈسىنى يارىتىدۇ ، پەقەتلا ھازىرنى چىڭ تۇتۇڭ ، بوشاشماڭ !
مۇنازىرە
ئەلانۇر
85 كۈن بۇرۇن
«جىنازامنى كىم كۆتۈرىدۇ؟»


مەمتىمىن ئەلا

 بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىدە تونۇشلۇقۇم بار بىر تەتقىقاتچى دوستۇمدىن تۇيۇقسىز تېلېفون كەلدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەكلا ۋەزمىن ۋە ئويچان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بىر يىللىق زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاۋازىدىن بەكمۇ خۇشالدەك قىلمايتتى. ئىلگىرىكىدەك، دۇنيادا سوغۇققان ياشىغۇچى بىر تەتقىقاتچىدەك، ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى ھاياتى ھەققىدە خۇددى بىر تەتقىقات تېمىسىنى سۆزلەۋاتقاندەك ئەستايىدىل سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ ئامېرىكىغا سالامەت چىققانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇ دۆلەت ھەققىدە تىنماي سۆزلەپ كېتىپتىمەن. ئۇ گەپلىرىمنى جىممىدە ئاڭلىدى. تولۇقلاش قىلمىدى. ئاندىن، يەنە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىپ خوشلاشتۇق. ئارىدىن نۇرغۇن ئايلار ئۆتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا يەنە تۇيۇقسىز تېلېفون قىپ قالدى. تېلېفوندا ئۈرۈمچىگە قايتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالمىدىم. ئەندىشەمنى ئۇنىڭغا ئۇدۇللا ئېيتتىم، چۈنكى ئۈرۈمچى ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن بارسا بولمايدىغان يەر ئىدى. ئۇ ئامېرىكىدا قېلىپ پاناھلىق تىلىمىسە بولمايتتى. بىر ھازا سۆزلەپ، ئۇنى ئامېرىكىدا قېپ قېلىشقا قايىل قىلىشقا تىرىشتىم. ئۇ ئۇ قايىل بولۇدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىر چاغدا ئۇ يەنە بۇرۇنقى ۋەزمىن ئاۋازىدا، «يېقىندا ماڭا بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىلدى. بۇ مېنىڭ قايتىش ئىستىكىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى» دېدى. بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، «بىزنىڭ فاكۇلتېتتا ئامېرىكىدا ئوقۇپ قالغان ۋە 20 نەچچە يىلدەك تۇرغان ئىرانلىق بىر پروفېسسور يېقىندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتىم. ئۇنىڭغا پەقەت ئۈچلا مۇسۇلمان قاتنىشىپتۇق. ئۇ ئۆز ساھەسىدە تونۇلغان ئالىم ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا شۇنچىلىكلا ئادەم كەلدى. جىنازىسىنى كۆتۈرگۈدەك ئادەم چىقماي، باشقىلار ياردەم قىلدى. مەن ئامېرىكىدا قېپ قالسام، كەسپتە جىق ئۇتۇق قازانسام، ئۇنىڭچىلىك قازىنارمەن. بىر كۈنلىرى ئۆلۈپ-تارتىپ قالسام، ئۇنىڭدەك دەپىن قىلىنامدىمەن؟ ئۇ چاغدا جىنازامنى كىم كۆتۈرىدۇ؟ ياق، مېنىڭ ياقا يۇرتتا قېلىپ، ئۇنداق كۆمۈلگۈم يوق. بېشىمغا قانداق كۈن كەلسە كەلسۇن، ۋەتەنگە كېتىمەن. ئۇ يەردە جىنازامنى كۆتۈرىدىغانلار بار.» گېلىمگە بىر نەرسە قاپلىشىۋالغاندەك بولۇپ، گەپ قىلالماي قالدىم. كۆڭۈلسىز خۇشلاشتۇق. ئۇ گېپىمنى يېمىدى. ئۇ، چەتئەلدىكى باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ۋەتەنگە قايتتى. يا شۇ يەردە ئۆلۈش ۋە دەپىن قىلىنىش، يا شۇ يەردە قېپ قالغان بىر نېمىسىنى ئېلىپ قايتا چەتئەلگە چىقىش، يا بېرىپلا كېلىش ئۈچۈن قايتتى. مەسىلەن، مېھراي ئەركىن ياپونىيەدىن يۇرتىغا قايتىش جەريانىدا دوستىغا يازغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ قەبرىسىز قىلىشنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ قايتتى. خۇددى ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغاندەك، كۆپىنچىسى«يانارى يوق» لۇقىنى بىلمەي، يەنە ئاز بىر قىسمى بىلىپ تۇرۇپ قايتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، نۇرغۇنلىرىنىڭ يانارى بولمىدى. ئىز-دېرىكى بولمىدى. ئۆلۈك-تىرىكلىكى مەۋھۇم قالدى. كۆپىنچىسىنى قارا ئۆڭكۈرسىمان لاگىرلار يۈتۈپ كەتتى. كېيىن بىلدىمكى، ئۇ دوستۇمنىمۇ لاگېر يۇتۇپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشقا ھەش-پەش دېگۈچە ئون يىل بوپ قالدى. بۇ جەرياندا ساناپ تۈگەتكۈسىز قەدىردانلىرىمىزنى يوقاتتۇق. ئۆلۈمگە ئۇزاتتۇق. ھەتتا، ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يانداش بىنا قىلىنغان جەسەت كۆيدۈرۈش پىچلىرىدا كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىنغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇلارنىڭ جەسەت كۈلى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ، قەبرىسىز بوشلۇقلاردا غايىب بولدى—خۇددى ئۇلار ھېچ ياشاپ باقمىغاندەك. بەزىلەرنىڭ جەسەتلىرى جىنازا نامىزىسىز ئوپچە مەخپىي كۆمۈلدى. خۇددى «ئىز» شېئىرىدا دېيىلگىنىدەك، «قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.» قەبرىسىزلىك بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنى ئەڭ دەھشەتلىك شەكىلدە ئىنكار قىلدى. مەۋجۇتلۇقىمىزنى مەڭگۈلۈك سەرسان-سەرگەردانلىققا دۇچار قىلدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەنسىرىگەن چۆل-جەزىرىلەردە غېرىب-مۇساپىرلىقتا يەككە-يېگانە ئۆلۈپ قېلىپ، نىشانىسىز، قەبرىسىز قېلىشنىڭ زىلزىلىسى روھىمىزدا قايتا روي بەردى. قەبرىسىز قېلىشنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىز قورقۇنچى ئېڭىمىزغا چىقىپ، بىزنى چەكسىز ساراسىمىگە غەرق قىلدى. ئون يىلدىن بېرى، ھەر كۈنىمىز دېگۈدەك ماتەمدە ئۆتتى. ھەر كۈنى بۇ قاباھەتنىڭ ئاياقلىشىشىنى كۈتۈپ، يىغلاپ-قاقشاپ، كۆزلىرىمىزنىڭ خۇنى قالمىدى. گەرچە، ئۆلسەك روھىمىزنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىشىنى بىلسەكمۇ، قەبرىسىزلىك ئۆلۈمۈمىزنىڭ ماكانسىزلىقى ۋە زامانسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ بىزنى تىرەن ساراسىمىگە سالدى. بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى ئىنسانسىزلاشتۇرۇلۇشىمىز ئىدى. بۇ جەرياندا،ئۆلۈم روھىمىزنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى. شۇ ئارقىلىق ھاياتىمىزنى قايتىدىن تاللاپ چىقتۇق—بەزىلىرىمىز چەكسىز بىر قەبرىستانلىققا ئايلانغان ۋەتىنىمىزنىڭ تۇپرىقىدا كۆز يۇمۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ بەزىلىرىمىز قازايى قەدىر دەپ، نەدە ئۆلسەك، شۇ يەردە قەبرىمىز بولۇشنى تاللىدۇق؛ بەزىلىرىمىز ئۆلۈمنى—نە بۇ يەردىكى، نە ئۇ يەردىكى ئۆلۈمنى—ئۇنتۇپ، جاھاندارچىلىققا قايتا چۈشۈپ كەتتۇق؛ بەزىلىرىمىز ھېلىھەم ئۆلۈك-تىرىكلىكىمىزنى بىلەلمەي، كاللىمىزدا سەرسان بولۇپ يۈردۇق؛ يەنە بەزىلىرىمىز خۇددى ھېچقانداق ئۆلۈم يۈز بەرمىگەندەك ۋە بەرمەيدىغاندەك ياشاۋەردۇق—خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك. دېمەك، ئوخشاش بىر ئۆلۈمنىڭ ۋەھشىتىدە پەرقلىق ھايات يولىنى تاللىدۇق. ئۆلۈم ئالدىدا يا ئادەمگە، يا شەيتانغا، يا ئىبلىسقا ئايلاندۇق. تېخىمۇ يامىنى، قەدىردانلىرىمىزنى ئەڭ قەدىرسىز شەكىلدە—ئۆلۈك ئىتتىنمۇ بەتتەر ھالدا—قەبرىسىز قويغان ھەر بىر خىتاي قاتىلىنى كاللىمىزدا بىر ئەزرائىل سۈپىتىدە كۆردۇق. ئەمما، كۆپىمىز ئۇنىڭدىن خۇددى ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان ئۆلۈمدەكلا قورقتۇق. چۈنكى، چەتئەلدە تېنىمىز ئەركىن بولغان بىلەن، روھىمىز ۋەتەندىكى لاگېرلاردەك بۇ ئەزرائىلنىڭ لاگېرىدا ئىدى. ۋەتەندىكىلەر لاگېرلاردا ئىلاجىسىز بولسا، بۇ چۈشىنەرلىك ئىدى. ئەمما، چەتئەلدىكى بىزلەرنىڭ بەزىدە ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ئىلاجىسىزلىققا كىرىۋېلىشىمىز ھەتتا بۇ ئەزرائىلنىمۇ ھەيرەتتە قويدى، ئەتىمالىم. ئارىمىزدىن بىرمۇ ئۆلىما چىقىپ، ئۆلسەك شېھىد، قالساق غازى دەپ بىزنى جەڭگاھقا بولمىسىمۇ ھېچ بولمىسا نامايىش مەيدانىغا بولسىمۇ كىپەنلىرىمىزنى كىيگەن پېتى تۆكۈلىدىغان قىلىۋېتەلمىدى. دېمەك، ئارىمىزدا ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ئۆلۈمدىنمۇ ئۇلۇغلۇقىغا ئىشىنىدىغان بىرمۇ ئۆلىما يوقلۇقى ئايان بولدى. ئارىمىزدىن بىرمۇ زىيالىي چىقىپ، ئەگەر تىلىم ۋە كۈلتۈرۈم ئۆلسە، ماڭا بۇ ھايات ھارام دەپ چاپىنى تەتۈر كىيىپ جاھاننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتەلمىدى—يا ئەلىمى، يا قەلىمى بىلەن. دېمەك، ئارىمىزدا ئۆز تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن تىنىق ئالىدىغان ۋە ئۇ توختىسا ئۆزىمۇ شۇ ھامان ياشاشتىن توختايدىغان مۆرۈۋەتلىك زىيالىيدىن بىرىنىڭمۇ يوقلۇقى ئايان بولدى. ئارىمىزدىن بىرەر باي چىقىپ، ئەسلى-ۋەسلىنى سېتىپ، ھەممىنى بۇ قەتلىئامنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلمىدى. دېمەك، ئارىمىزدا مەنىۋى خوجايىنلىقنىڭ ماددىي قۇللۇقتىن مەڭگۈ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلگۈدەك بىرمۇ ئىنساننىڭ يوقلۇقى ئايان بولدى. ئارىمىزدىن بىرمۇ رەھبەر چىقىپ، روھى چۈشكەن، مەغلۇبىيىتىنى تەن ئېلىشقا زورلىنىۋاتقان ۋە بەقۇرۇلۇق سەۋەبلىك ھەممىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلۈۋاتقان خەلقىدىن تىزلىنىپ، گۇناھنى ئۆزىدە قويۇپ، ئەپۇ سورىمىدى—ھەتتا سىمۋوللۇق شەكىلدە بولسىمۇ. دېمەك، بىزدە خەلقنى ھەقىقىي ئويلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولالايدىغان بىرمۇ رەھبەرنىڭ يوقلۇقى ئايان بولدى. بۇ ئايانلىقلارنى تىزسام تۈگىمەيدۇ. ۋادەرىخ، ھەممىمىز بۇ ھاقارەتلەردىن يا ئۆلۈۋالماي، ياكى ئۆلەلمەي ياشاپ كېتىۋاتىمىز. قىسقىسى، ئۆلۈم قوزغايدىغان قانغا قان دەپ چىقىشنى ئەمەس، ھەتتا ھازىدارلىقنىمۇ قاملاشتۇرالمىدۇق. قاتتىق يىغلاۋېتىپ،تۇرۇپلا كۆنگەن خۇي بويىچە قول-پۇتلىرىمىز ئۇسۇلغا كېتىپ قالدى؛ ناخشا ئېيتىشقا كۆنگەن گېلىمىز قىمشىپ، تۇرۇپلا ناخشا توۋلاپ سالدۇق. ئاندىن، ھازىدارنىڭ زادى قانداق بولۇشى ھەققىدە تۈگىمەس تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ كەتتۇق. ئىلگىرى «ئائىلەمدىكىلەر قېنى؟» دەپ خىتاي مۇئەسسەسىلىرىنىڭ ئالدىدا ۋارقىرىغان ئىدۇق. ئەمدى كۆپىمىز «مەن قېنى؟» دەپ دۇنياغا ۋارقىرايدىغان ھالدا كەلدۇق. ئۆزىمىزنى جىددىي يۈتتۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئازاب، چۆچۈش ۋە ئامالسىزلىق ئىچىدە بايقاشقا باشلىدۇق. يەنە بەزىدە، ئۇزۇن يىل يوشۇرۇپ كەلگەن سىياسىي ساتقىنلىقلىرىمىز ۋە ساتقىنلىرىمىز يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك تەرەپ-تەرەپتە پەيدا بوپ كەتتى. سەتچىلىك ئارقىسىدىن سەتچىلىك يۈز بېرىپ، ئاخىرى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئۆزى بىر سەتچىلىككە ئايلىنىش گىرداۋىغا كەلدى. ھەتتا بىر قىسىم ئويغاقلىرىمىز شۇنداق سوئالنى ئۆزىدىن يوشۇرۇن سوراپمۇ ئۈلگەردى: «ئەجابا، بۇ قەدەر ساتقىنلىقنى قىلالىغان ۋە ساتقىنلىقنى بىلىپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلالىغان مىللەتنىڭ يەنە قانداق بىر كەلگۈسى بولۇشى مۇمكىن؟» ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېنى مۇنۇ سوئالىنىڭ زىلزىلىسىدىن شۈركۈنۈپ كەتتى: «ئەجابا، بۇ قەدەر ناكەسلىكىمىزگە بۇ ئازابلار بىزگە راستىنلا لايىقمىدۇ؟»--ھەتتا بۇ ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر مىسالىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ يەنە قاتىللىرىنى ئاقلاشنىڭ ئەڭ شەرمەندە بىر مىسالى بولۇشىغا قارىماي. شۇندىمۇ، بۇ سوئال نۇرغۇن كاللىلاردا خۇددى چاقماق چاققاندەك، يالت-يۇلت قىلىپ چېقىپ ئۆچتى. تېخىمۇ يامىنى، كۆپىنچىمىز قاتىللىرىمىزغا ئۆچ بولۇشنىڭ ئورنىغا، بىر-بىرىمىزگە ئۇلارغا ئۆچ بولۇشتىنمۇ بەتتەر ئۆچ بولدۇق. زەھىرىمىزنى قاتىللىرىمىزغا ئەمەس. بىر-بىرىمىزگە سانجىدۇق. بىزنى ئازاد قىلىشقا ۋەدە قىلغان ئىلگىرىكى ئىنقىلاپچىلار، بىر بىرگە ئۆچەكىشكەننىڭ دەردىدىن «سېنىڭ ئازاد قىلغان ۋەتىنىڭگە مەڭگۈ ئاياق باسماسمەن» دېيەلىگەن بولسا، ھازىر ئۇلار ۋە ئۇلار كەبىلەر ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا، «سېنى كۆرەرگە شۇنداق كۆزۈم يوقكى، نە ئۆلۈمىڭگە بارمايمەن، نە ئۆلۈمۈمگە كەلتۈرمەيمەن» دېيىشكۈدەك بولدۇق. ئەلقىسسە، بۇ شۇنىڭدىنكى، كۆپىمىز روھىمىزدا ئۆلۈپ بولغانلارمىز. چەكسىز بىر قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە غۇرۇرسىزلىق بىزنى تېنىمىزدە تىرىك قويسىمۇ، روھىمىزدا ئۆلتۈرۈپ بولدى. شۇڭا، خۇددى، ئۆلۈك ئادەم نومۇس قىلمىغاندەك، بىزمۇ ھېچنېمىدىن نومۇس قىلماس ھالغا كېلىۋاتىمىز. قەلبىمىزنى تاشنى ئېرىتىۋېتىدىغان تىلمۇ ئېرىتەلمەيۋاتىدۇ. بىزنى ھەتتا ئەمدى ئۆلۈممۇ قورقۇتالمايدۇ—چۈنكى، كۆپىمىز ئۆلۈپ بولغان. ئۆلۈكتە قورقۇنچ تۈگەيدۇ. نومۇس تۈگەيدۇ. غۇرۇر تۈگەيدۇ. ئۆلۈم قەدىمدىن بارلىق ئىشنىشلەرنىڭ ئاداققى يۈزلىنىش نۇقتىسى ئىدى. نى-نى ئېتىقادلار ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدىن قانداق ھالقىشنى ئويلاشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. باش-ئاخىرى چىقماس بۇ چەكسىز قەتلىئام بىزگە خۇددى ئۆلۈمدەك بىلىندىغان بولدى. ئەمدى، خۇددى مېنىڭ ئامېرىكىغا چىققان دوستۇم ئەنسىرەيدىغان ئىشلارنى ئەنسىرىمسەكمۇ بولىدۇ—مېنىڭ جىنازامنى كىم كۆتۈرىدۇ؟ ھېچكىم. ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا موھتاج بولمىساق كېرەك. بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن—ئەسلى ئۇ دوستۇم ئۆلۈمگە ئەڭ پاكىز يۈزلىنەلىگەن ئىكەن. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەن بولسام ئېھتىمال بۇ چاغقىچە ئۆلۈپ بولغان بولغىيتتىم. قەبرەممۇ بولماستى. ئەمما، قايتماي، بۇ يەردە ئۆزۈمنى ھايات دەپ، ئەمما ئۆلۈكتەك ياشىماس بولغىيتتىم. بۇ نەقەدەر دەھشەتلىك بىر ئۆلۈم-ھە—مەن ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ-مىڭ تىرىلىدىغان. مانا بۇ تىرىكلىكنىڭ دوۋزىقى. 2023-يىل، 3 -ئاي
مۇنازىرە
admin
85 كۈن بۇرۇن



قۇرئان كەرىمنىڭ يەتتە چوڭ مۆجىزىسى

 قۇرئان كەرىم بىر دىنىي كىتاب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغان، ھەر قانداق دەۋردە ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىكىنى يېڭىدىن ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان بىر ھەقىقەت خەزىنىسىدۇر. قۇرئاننىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە ئەقىل سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن يەتتە چوڭ مۆجىزىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئايەتلەردىكى دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

 1. ئەدەبىيات ۋە تىل جەھەتتىكى خىرىس
 قۇرئان كەرىم نازىل بولغان كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىرىس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر سۈرە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان. 14 ئەسىردىن بىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا ئەدىبلەر ۋە شائىرلارمۇ قۇرئاننىڭ سۆز قۇرۇلمىسىغا ۋە تىل گۈزەللىكىگە تەڭ كېلىدىغان بىرەر پارچە تېكىستنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدى. ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزىگە خاس بىر ئىلاھىي رېتىمغا ئىگە. قۇرئاندىكى دەلىل: «ئېيتقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار ۋە جىنلار مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ، بىر - بىرىگە ياردەم بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەلۋەتتە كەلتۈرەلمەيدۇ.» (ئىسرا سۈرىسى، 88-ئايەت)

 2. تارىخنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئاشكارىلىشى
 قەدىمكى مىسىرنىڭ ھىيېروگلىف يېزىقى 19-ئەسىردە يېشىلمىگۈچە، مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەممىسىلا «پىرەۋن» دەپ ئاتالمايدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى. قۇرئان 1400 يىل ئىلگىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ھۆكۈمراننى «پادىشاھ»، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىنى ئاندىن «پىرەۋن» دەپ ئاتاش ئارقىلىق تارىخىي بىر مۆجىزىنى كۆرسەتكەن. قۇرئاندىكى دەلىل: «پادىشاھ (مەلىك) ئېيتتى: <ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار...>» (يۈسۈپ سۈرىسى، 50-ئايەت) (بۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام قىسسىسىدىكىدەك «پىرەۋن» سۆزى ئەمەس، بەلكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئۇيغۇن ھالدا دەل «پادىشاھ» سۆزى ئىشلىتىلگەن.)

 3. تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بىلەن مۇكەممەل ماسلىشىش
 زامانىۋى ئىلىم-پەن يېقىنقى ئەسىرلەردە بايقىغان نۇرغۇن ھەقىقەتلەر قۇرئاندا مىڭ يىللار ئىلگىرىلا تەسۋىرلەنگەن. تۆمۈرنىڭ يەر شارىدا يارالماي ئالەم بوشلۇقىدىن چۈشكەنلىكى، ئىككى دېڭىز سۈيىنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ۋە كائىناتنىڭ توختىماي كېڭىيىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا ئەڭ روشەن مىسالدۇر. كائىناتنىڭ كېڭىيىشى: «بىز ئاسماننى (قۇدرىتىمىز بىلەن) بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن (ئۇنى) كېڭەيتكۈچىمىز.» (زارىيات سۈرىسى، 47-ئايەت) دېڭىزلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى: «ئاللاھ ئىككى دېڭىزنى تۇتاشتۇردى، ئارىسىدا توساق بولغانلىقتىن، ئىككىسى بىر ـ بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.» (رەھمان سۈرىسى، 19-، 20-ئايەتلەر) تۆمۈرنىڭ چۈشۈشى: «بىز تۆمۈرنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭدا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار.» (ھەديد سۈرىسى، 25-ئايەت) 

4. رەقەملىك ۋە ماتېماتىكىلىق تەڭپۇڭلۇق
 قۇرئاندىكى سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىش قېتىم سانىدا ئادەتتىن تاشقىرى بىر ماتېماتىكىلىق سىستېما بار. مەسىلەن، «دۇنيا» سۆزى بىلەن «ئاخىرەت» سۆزى ئوخشاشلا 115 قېتىم تەكرارلانغان. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، «دېڭىز» ۋە «قۇرۇقلۇق» سۆزلىرىنىڭ تەكرارلىنىش نىسبىتى يەر شارىدىكى سۇ ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ جۇغراپىيەلىك نىسبىتى (71.1% سۇ، 28.9% قۇرۇقلۇق) بىلەن بىر-بىرىگە دەل كېلىدۇ. بۇنداق بىر تەڭپۇڭلۇق ھەر بىر نەرسىنىڭ ئېنىق بىر ئۆلچەم بىلەن يارىتىلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. قۇرئاندىكى دەلىل: «بىز ھەر بىر نەرسىنى (مەلۇم) ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق.» (قەمەر سۈرىسى، 49-ئايەت) «ئاللاھ ھەر بىر نەرسىنى سانى بىلەن بىلىپ تۇرىدۇ.» (جىن سۈرىسى، 28-ئايەت)

 5. كەلگۈسىگە ئائىت توغرا بېشارەتلەر
 قۇرئان تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى خەۋەر بېرىپ، كېيىن شۇلارنىڭ دەل جايىدا چىقىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. مەسىلەن، رۇم ئىمپېرىيەسى پارسلار تەرىپىدىن ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، قۇرئان ئۇلارنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە قايتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. قۇرئاندىكى دەلىل: «رۇملار (ئەرەب يېرىم ئارىلىغا) ئەڭ يېقىن جايدا مەغلۇپ قىلىندى، ئۇلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل ئىچىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.» (رۇم سۈرىسى، 2-، 3-، 4-ئايەتلەر)

 6. ئۆزگەرمەسلىك ۋە قوغدىلىش مۆجىزىسى
 دۇنيادىكى بارلىق قەدىمكى كىتابلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى نۇرغۇن نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. ئەمما قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بىر ھەرپمۇ ئۆزگەرمەي ساقلانغان بىردىنبىر كىتابتۇر. مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئۇنى باش-ئاخىرىغىچە يادلىۋېلىشى ئۇنى قوغدايدىغان ئەڭ چوڭ سىستېمىلاردىن بىرىدۇر. قۇرئاندىكى دەلىل: «شەك - شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى جەزمەن بىز ساقلايمىز.» (ھىجىر سۈرىسى، 9-ئايەت)

 7. روھىي تەسەللىي ۋە تىنچلىق
 قۇرئاننىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئىنسان روھىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدۇر. مەيلى ئەرەبچە بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ قەلبىدە بىر خىل تەسەللىي ۋە ئۈمىد پەيدا بولىدۇ. قۇرئاندىكى دەلىل: «ئۇلار ئىمان ئېيتقانلاردۇر، ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن كۆڭۈللىرى ئارام تاپىدىغانلاردۇر. بىلىڭلاركى، كۆڭۈللەر ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.» (رەئد سۈرىسى، 28-ئايەت) «بىز مۆمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئاننى نازىل قىلىمىز.» (ئىسرا سۈرىسى، 82-ئايەت)

 يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، قۇرئان كەرىم پەقەت بىر كىتابلا ئەمەس، بەلكى بىر ھاياتلىق دەستۇرى ۋە كائىناتنىڭ سىرلىرىنى ئاچىدىغان بىر ئاچقۇچتۇر. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئايەت بىزنى ياراتقۇچىنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ئىلمى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.