«سەرخىللار مائارىپى» تۆتىنچى قارارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى! 2024- يىللىق 5-قارار تەربىيىلەش پروگراممىسى تاللاش ئىمتىھانى 17-ئاۋغۇست، شەنبە كۈنى ئېلىنىدۇ. ئىمتىھانغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئوقۇش قىزغىنلىقى كۈچلۈك، ئوقۇش نەتىجىلىرى ياخشى، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ئالاھىدە تالانتى ۋە يۈكسەك قىزغىنلىقى بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ. داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ھەمدە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان سەرخىللاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز «سەرخىللار مائارىپى» 2024-يىللىق 5-قارار تەربىيىلەش پروگراممىسى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تاللاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشقا ئالدىراڭ!

ئۈستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز تىزىملىتىش بېتىگە كىرەلەيسز...


تاللاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش

سەرخىللارمائارىپى 2024-يىللىق 5-قارار تەربىيىلەش پروگراممىسى تاللاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن

بۇ يەرنى بېسىڭ

كۆپ سورۇلىدىغان سوئاللار

تاللاش ئىمتىھانى ھەققىدە كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار ۋە جاۋابلىرى ئۈچۈن

بۇ يەرنى بسېىڭ

ئۆرنەك سوئاللار ۋە ئۆرنەك بەلگىلەر

ئۆرنەك سوئاللار ۋە تەلەپ قىلىنىدىغان بەلگە ئۆرنەكلىرى ئۈچۈن

بۇ يەرنى بېسىڭ

مەقسىتىمىز


مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق دۇنياۋى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيتىگە سادىق، مىللەتنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلات سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش.


تېخىمۇ كۆپ

نىشانىمىز


نىشانىمىز ئوقۇغۇچىلارنى دۇنياۋى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ۋە ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە توغرا ۋە سېستىمىلىق تەپەككۇرئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، پىلانلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىشى شۇنداقلا ئىجتىمائىي پائالىيەت ئەمەلىيىتىگە زىمىن ۋە ئىمكان ھازىرلاش.


تېخىمۇ كۆپ

پرىنسىپىمىز


پرىنسىپىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زامانىۋى، ئىلمىي ۋە ئىلغار بولغان دۇنيا مائارىپىغا يۈزلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇرمەدىنىيىتىگە سادىق، مىللىي روھى ۋە قىممەت قارىشى تىكلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان يېڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يېتىلدۈرۈش


تېخىمۇ كۆپ