سەرخىللار مائارىپىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى
- 2022-يىلى بىر نەپەر ئوقۇغۇچىمىز تۈركىيەدە تىبابەت كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.
- 2022-يىلى بىر نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىمىز ساففولك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى.
- 2023-يىلى بىر نەپەر قىز ئوقۇغۇچىمىز Ravensbourne University نىڭ بىناكارلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.
- 2023-يىلى «بىلىم-كۈچ تەبىئىي پەن ژورنىلى»دا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسى بېسىلدى.
- 2024-يىلى Exeter University نىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن قوبۇل قىلىندى.
- 2024-يىلى 8-سىنىپتىن ئۈچ ئوقۇغۇچى «ئۈمىد مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
- 2024-يىلى تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىمىز تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىق ھەرقايسى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىندى.
- 2025-يىلى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىمىز ئەنگىلىيەدىكى ياخشى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى.
- 2025-يىلى بىر نەپەر ئوقۇغۇچىمىز «ئۈمىد مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
- 2025-يىلى بىر نەپەر ئوقۇغۇچىمىز تىبابەت كەسپىگە، ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىمىز تۈركىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېنژىنىرلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.
- 2026-يىلى 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 9 نەپەر ئوقۇغۇچى 500 تولۇق نومۇردىن 400 دىن يۇقىرى نەتىجە قولغا كەلتۈردى، ئەڭ يۇقىرى نەتىجە 482.8 نومۇر بولدى.
- 2026-يىلى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىمىز ئەنگىلىيەدە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇش ھەققىگە ئېرىشتى.
- 2026-يىلى بىر نەپەر ئوقۇغۇچىمىز ياۋروپاغا ماگىستىرلىق ئوقۇش مۇكاپاتى قازاندى.
- بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن 3 نەپىرى سەرخىللار مائارىپىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قوبۇل قىلىندى.
- ياۋروپادىن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىمىز ياۋروپادىكى گېمىنازىييۇم مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىندى.
- مۇشۇ كەمگىچە 10 نەپەر ئوقۇغۇچىمىز خەلقئارالىق «ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش» ئىنگلىزچە تەبىئىي پەن ۋە ماتېماتىكا ساھەسىدىكى مۇرەككەپ ئۇقۇملارنى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا داۋاملىق ئۇتۇق تىلەيمىز!
🏠 باش بەتكە قايتىش