UyghurElite

سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلار تۈزۈمى

بۆلۈم تەپسىلاتى
1. سەرخىللار مائارىپى دەرس تۈزۈمى 1.1. دەرس ئاڭلاش
ئوقۇغۇچىلار دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن دەرس مەزمۇنىنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، دەرسكە ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنى بېغىشلاپ كىرىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرسكە ئامال بار تابلېت ياكى كومپيۇتېر بىلەن قاتنىشىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

1.2. سىناق
دەرستىن بۇرۇن ياكى دەرستىن كىيىن ئالدىنقى سائەتلىك ياكى ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىدىن قىسقا سىناق ئېلىنىدۇ. سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن دەرس مەزمۇنىنى تەكرار قىلىپ كېلىش ياكى ئۆتۈلگەن مەزمۇننى ئەستايىدىل ئاڭلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.

1.3. تاپشۇرۇق
بېرىلگەن تاپشۇرۇقنىڭ مۇستەققىل تولۇق ئىشلىنىشى، ۋاقتىدا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماي قالسا ئىلتىماس يېزىپ، ھامىينىڭ ئىمزاسى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاش تەلەپ قىلىنىدۇ.

1.4. داۋام
كېچىكمەسلىك، دەرس باشلاشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن دەرس ئۇلىنىشىغا كىرىپ بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرسلەرگە تولۇق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا دەرستىن بۇرۇن دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا بىلدۈرۈش ۋە رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ، ئىمزا قويۇپ گوگۇل دەرسخانىسىغا يوللاش تەلەپ قىلىنىدۇ.

1.5. ئىنتىزام
دەرس ئەسناسىدا دىققەت چېچىلماسلىق ئۈچۈن دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن دەرس ئاڭلاش مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرس ئەسناسىدا سۆز قىلغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا مىكروفۇننىڭ ئېتىك تۇرۇشى، لېكىن كامېرانىڭ چوقۇم ئوچۇق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

1.6. ئىمتىھان
سەرخىللار مائارىپى ئورۇنلاشتۇرغان ئىمتىھانلارغا ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ چوقۇم قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئىمتىھانغا قاتنىشالماي قالغانلار تولۇقلىما ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.
2. سەرخىللار مائارىپى لېكسىيە ۋە مۇنازىرە يىغىنى تۈزۈمى 2.1. لېكسىيە
ھەپتە ئاخىرلىرى لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. لېكسىيەگە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ۋاقتىدا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكسىيە تېمىسى ئالدىن خەۋەر قىلىنىدۇ، شۇڭا ئالدىن مەلۇمات ئېگەللەپ، سوئاللار بولسا ھازىرلاپ كېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. لېكسىيە ئۇلىنىشىغا چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن كىرىپ ساقلاپ تۇرۇشى، ھەرگىز كېچىكمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكسىيە ئەسناسىدا سۆز قىلغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا مىكروفۇننىڭ ئېتىك تۇرۇشى، لېكىن كامېرانىڭ چوقۇم ئوچۇق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2.2. مۇنازىرە يىغىنى
ھەپتە ئاخىرلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى سۇنىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە سۇنۇم ھازىرلىشى، سۇنۇمنىڭ ئۇيغۇرچە ھازىرلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەزمۇنلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى، سۇنۇمنىڭ مۇستەقىل ھازىرلانغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
3. سەرخىللار مائارىپى پائالىيەت تۈزۈمى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرقانداق پائالىيەتكە چوقۇم قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تۈركىيە سىرتىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، تۈركىيەدىكىلەردىن ئىستانبۇل سىرتىدىكىلەر خالىسا قاتناشسا بولىدۇ. پائالىيەتكە قاتنىشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم كوللىكتىپ ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

3.1. دالا سەيلىسى
دالا تامىقى ياكى دالا سەيلىسى ئورۇنلاشتۇرۇلسا، كېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇق ئېلىپ كېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. كېرەكلىك نەرسىلەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنئالا بىلدۈرۈلىدۇ.

3.2. زىيارەتلەر
بەلگىلىك ئورۇنلارغا زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن تولۇق كېلىپ بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3.3. يىغىلىش
بەلگىلىك مۇددەتتە مۇزاكىرە، كىچىك تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنى، يىغىن، مۇسابىقە،.. دېگەندەك يىغىلىشلار ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. يىغىلىشلارغا ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تولۇق قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يىغىلىشلاردا ئۆزلىرىگە ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى چىندىللىق بىلەن تولۇق ئورۇنلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4. سەرخىللار مائارىپى يېتەكچىلىك تۈزۈمى سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكا، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش، مەسلىھەت سوراش ۋە ئىنگلىز تىلى پىراكتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يېتەكچىلىرى بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار چوقۇم دېيىشكەن دەل ۋاقتىدا يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇلىنىشقا كىرىپ ساقلاپ تۇرۇشى، يېتەكچىلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقە ئورنۇتۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
5. سەرخىللار مائارىپى كىشىلىك خاراكتېر ۋە ئەخلاق تۈزۈمى سەرخىللار مائارىپى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى ئالىي ئۆلچەم قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ۋاقىت دۇرۇستلۇق ۋە سەمىمىيەتنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا مەيلى ئىش - ھەرىكەتتە بولسۇن مەيلى سۆزدە بولسۇن ئەسلا يالغانچىلىق ۋە ساختىلىقنىڭ كۆرۈلمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەڭ كىچىك ساختىلىق ياكى يالغانچىلىق بايقالسا سەرخىللار مائارىپىدىن چىقىرىلىدۇ.
6. سەرخىللار مائارىپى ھەق تاپشۇرۇش تۈزۈمى سەرخىللار مائارىپىغا قوبۇل قىلىنغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشى لازىم. ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرالمايدىغانلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ھەققىنى چوقۇم ھەر ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى ئىچىدە تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىغان ئوقۇغۇچىلار توختۇتۇپ قويۇلىدۇ.
7. سەرخىللار مائارىپى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى سەرخىللار مائارىپىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قائىدە - تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، تىرىشىپ ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىنتىزامچان، تىرىشچان ۋە ئىزچىل ئىلگىرلەپ ماڭغان، ئاي ئاخىرقى ئومومىي نەتىجىسى تەلەپ قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى ئەڭ ئاز ئايلىق ئوقۇش ھەققىگە تەڭ بولىدۇ. يىل ئاخىرقى ئوتتۇرىچە نەتىجىسى تەلەپ قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئالدىنقى ئۈچ ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلىنىپ، تەغدىرنامە تارقىتىپ بېرىلىۇ. مۇكاپات سوممىسى ئەڭ ئاز بولغاندا يىللىق ئوقۇش ھەققىگە تەڭ بولىدۇ.

QR Code

  +905368316507     uyelite@serhillar.com     uyelite.com & serhillar.com