UyghurElite


سەرخىللار مائارىپى

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ قۇتۇلىشى ۋە تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ!

مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇڭ

سەرخىللار مائارىپى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا چوڭ بولىۋاتقان سەرخىل (تىرىشچان، ئەقىللىق ۋە ئەخلاقلىق) بالىلارنى ئىلمىي ۋە كۈچلۈك بولغان تور مائارىپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈچلۈك كەلگۈسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ! شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى مائارىپنىڭ ئاساسى نىشانى قىلىدۇ. سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى دەرسلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئاساسىدا ماتېماتىكا، پەن بىلىملىرى قاتارلىق دەرسلەرساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىل ۋە ئەدەبىياتى، ئۇيغۇركۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرتارىخى ۋە جۇغراپىيەسى قاتارلىقلار مۇنتىزىم دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلىدۇ. بۇشەكىلدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ مېغىزنى ئانا تىلدا ئىگەللىشىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، دىئاسپورادا چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭلىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەرخىللار مائارىپى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆرلەش ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدۇرۇش، ھەرخىل دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە ھازىرلىق قىلدۇرۇش، پروجېكىت بېرىپ بىگە-بىر يېتەكلەش، ھەمكارلىق ۋە رەھبەرلىك قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى سۇنىدۇ. سەرخىللار مائارىپى ئىلمىي مائارىپ ئۇسۇللىرىنى ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز پوتېنسياللىرىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا، مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىنىڭ تېز سۈرەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ۋە ئۆز ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ.

بانكا ھېساب ئۇچۇرلىرى
بانكا ئىسمى: Türkiye Vakıflar Bankası
ھېساب ئىسمى: UYGUR ELİT EĞİTİM VE ARAŞTIRMA DERNEĞİ
لىرا ھېسابى: TR43 0001 5001 5800 7317 7250 49
دوللار ھېسابى: TR67 0001 5001 5804 8021 6593 38
ياۋرو ھېسابى: TR88 0001 5001 5804 8021 6593 48
Swift(BIC) كودى: TVBATR2A
بانكا ئادرېسى: Alibey, Fevzi Çakmak Cd. No.17A, 34570 Silivri/İstanbul


دوستلىرىڭىزنىمۇ ئۇيغۇر سەرخىللار مائارىپىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىڭ! بەتنىڭ ئاستىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئايكونلىرىنى بېسىش ئارقىلىق بۇ سەھىپىنى تارقىتىپ قويۇڭ. بۇ جاپالىق ۋە شەرەپلىك خىزمەتكە مىكرو دەرجىدە بولسىمۇ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا سىزمۇ تۆھپە قوشالايسىز!


QR Code
ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

  +905368316507     uyelite@serhillar.com     uyelite.com & serhillar.com
ھەمبەھىرلەڭ ئۇچۇر يېزىڭ