Modern Homepage

سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلار تۈزۈمى

ئىنتىزام كۆڭۈلگە پۈككەن ئارزۇلار بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتىن ئىبارەت. سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنى مۇنتىزىم بىر ئىنتىزام بىلەن يېتىشتۈرىدۇ

تېخىمۇ كۆپ

مۇۋاپىقىيەتلىرىمىز

سەرخىللار مائارىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پەقەت 4 يىل ئىچىدە 12 نەپەر ئوقۇغۇچىمىز ئامېرىكا، ئەنگلىيە، مالايسىيە ۋە تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىندى. بۇ ئۇتۇقلىرىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئوقۇتۇش سىستېمىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر

تېخىمۇ كۆپ

ئوقۇتقۇچىلىرىمىز

ئۆز ساھاسىدە يۇقۇرى سەۋىيىدە تەربىيەلەنگەن، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا مول تەجرىبىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزگىچە مېتوتلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ھەرجەھەتتىن ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇۋە ياردەم بېرىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ

مەقسىتىمىز

مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق دۇنياۋى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيتىگە سادىق، مىللەتنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلات سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش.

تېخىمۇ كۆپ

نىشانىمىز

نىشانىمىز ئوقۇغۇچىلارنى دۇنياۋى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ۋە ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە توغرا ۋە سېستىمىلىق تەپەككۇرئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، پىلانلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىشى شۇنداقلا ئىجتىمائىي پائالىيەت ئەمەلىيىتىگە زىمىن ۋە ئىمكان ھازىرلاش.

تېخىمۇ كۆپ

پىرىنسىپىمىز

پىرىنسىپىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زامانىۋى، ئىلمىي ۋە ئىلغار بولغان دۇنيا مائارىپىغا يۈزلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇرمەدىنىيىتىگە سادىق، مىللىي روھى ۋە قىممەت قارىشى تىكلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان يېڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يېتىلدۈرۈش

تېخىمۇ كۆپ