Profil Resmi
ئەلانۇر

1979- يىلى ئاتۇشتا مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم . ئالى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ ئۈرۈمچىدە ئون يىل خىزمەت قىلدىم . قوش باكلاۋېر . چەتئەلگە چىققان 14 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھەر قايسى ئۇيغۇر نەشرىياتلىرىنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئىجادىي ۋە تەرجىمە كىتابلىرىنىڭ مۇھەررىرلىك ۋە نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن . قوشۇمچە، ئىككىنچى ۋەتىنىمىز بولغان ئانا تىلىمىزغا بولغان ۋاپا بۇرچۇمنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈمىدى بولغان ئۆسمۈرلىرىمىزگە ۋەتەندە كۆرگەن ،بىلگەنلىرىمنى يەتكۈزۈش بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى «ئايبىلىگ» ، « ئوقۇغىن»، «تاڭنۇرى» مەكتەپلىرىدە دەرس بېرىپ كەلدىم . كۆپ يىللىق جۇغلانمام، ئىخلاسىم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىز باسارلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىگە تەم قوشۇشنى خالايمەن .