Profil Resmi
Hatice Arman

öğretmen

خەدىچە ئارمان (سەرخىللار مائارىپى دىن ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىسى). ئىستانبۇل ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى پىداگوگىكا فاكۇلتېتى ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى باكلاۋۇرى، مالايسىيا (USİM) ئىسلام بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرئان-ھەدىس فاكۇلتېتى باكلاۋېرى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھرىدىن، كىچىك يېشىدىن باشلاپ دىنى بىلىم ئالغان، دىنى ساھەدە ئىزچىل ئۆرلەپ ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. 2017- يىلى مىسىرغا چىقىپ بىلىم ئاشۇرغان، مىسىردا قارىلىقنى تاماملىغان. شۇنداقلا، چەتئەللىكلەر ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغان ئەرەب تىلى پروگراممىسىنى تولۇق پۈتتۈرگەن. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2022-يىلى ئۈسكۈدار شەھىد ئايشە ئايكاچ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىدە (şehit Ayşe Aykaç Anadolu kız imam hatip liseis ) ۋە بايرامپاشا شەھىد خەلىل ئىبراھىم يىلدىرىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە (şehit halil İbrahim yıldırım anadolu imam hatip lisesi ) پراكتىكانت ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ۋەتەندە شۇنداقلا چەتئەلدە ئۇزۇن يىل ئەرەب تىلى ۋە دىن دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بالىلار تەرەققىياتى، بالىلار پىسخىكىسى، كىشىلىك تەرەققىيات، مەھرەمىيەت تەربىيىسى ۋە ھەرخىل ئوقۇتۇش مېتودلىرىغا ئوخشاش خىلمۇ-خىل تەربىيىلەش پروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ بالىلار مائارىپى ساھەسىدە ئىزچىل بىلىم ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.ھازىر تەۋپىق تور مەكتىپى ۋە سالىھ بالام دەرسخانىلىرىدا قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەب تىلى دەرسلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان سەرخىللار مائارىپى تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرىغا دىن ئەخلاق دەرسى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.