öğretmen
مېھرىئاي شىرئەلى ئەزىزتەكىن
شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈر ناھىيىەسىدە تۇغۇلغان.
2005~2010- يىلىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2013~2016- يىلىدا ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. 2019- يىلىدىن بۇيان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ ۋە دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيە يېزىش باسقۇچىدا. ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مەزگىلىدە كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماقالىلىرى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر سەرخىللار مائارىپ ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى؛ ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى تەتقىقاتچىسى؛ سەرخىللار مائارىپى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى؛ ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سەرخىللار مائارىپى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى؛ فارابى تور دەرسخانىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىسى؛ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ژۇرنال تەھرىرى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.
سەرخىلار مائارىپىدا 2021-يىلدىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل-ئەدەبىيات دەرسى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.