UyghurElite
سەرخىللار مائارىپى

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ قۇتۇلىشى ۋە تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ!

مۇراجىئەتنامە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۇبات ئەھمەت ۋە ئابدۇراھمان ئۈمىد بۇ يىل ئەنگىلىيەنىڭ ئېگىزىتىر ئۇنىۋېرستىتى ( University of Exeter ) دىن شەرتسىز قوبۇل قىلىش چاقىرىقى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ ئەنگىلىيە بويىنچە 14- ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 151- ئورۇندا تۇرىدىغان ياخشى مەكتەپلەردىن بىرى. ئالدىنقى يىلى سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىسى بىلال مۇشۇ ئۇنىۋېرستقا ئۆتكەن بولۇپ، IIE Odyssey ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلى يەنە سەرخىللار مائارىپى بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىسى مايسارە IIE Odyssey ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئەنگىلىيەنىڭ Ravensbourne ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئېدى. دېمەك سەرخىللار مائارىپىدىن ئىككى ئوقۇچىمىز ئۇنۋېرستىتلاردىن چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى IIE Odyssey ئوقۇش مۇكاپاتى تەرىپىدىن قارشىلانغان ئېدى. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇقۇشۇپ بېرىلگەن ئېدى. ئەپسۇس، بۇ يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانلىرىدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش شەرتلىرىنى تولۇق قانائەتلەندۈرۈپ، شەرتسىز چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالغان، لېكىن IIE Odyssey ئوقۇش مۇكاپاتى بۇيىل بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن 30 مىڭ فونستىرلىڭ ئەتىراپىدا ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ ئوقۇشقا مەجبۇر. شۇڭا ناھايىتى تىرشچان ۋە ئەقىللىق بۇ ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى سۇغا چېلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا... سۇبات ئەھمەت، سەرخىللار مائارىپى 2- قارار ئوقۇغۇچىسى ئېگىزىتىر ئۇنىۋېرستىتىدىن باشقا يەنە ئۇ ئىلتىماس سۇنغان 5 مەكتەپنىڭ 4 دىن چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، فىزىكا ئالىمى بولۇپ، ئالەمشۇمۇل يېڭىلق يارىتىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئارقىمۇ-ئارقا خەلقئارالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، فىزىكىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك مەزمۇنلارنى ئىنگلىزچە قىسقا ۋېدىيو بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئېدى (ۋېدىيولىرىنىڭ ئۇلانمىلىرى تۆۋەندە بېرىلدى). سۇبات كىچىك يېشىدىلا تۈركىيەگە ئاپىسى ۋە ھەدىسى بىلەن چىققان بولۇپ، دادىسى ۋەتەندە خىتاي تۈرمىسىدە. سۇباتنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ، پۈتۈن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ۋە سۇباتنىڭ ھەدىسىنى تىرىشىپ، تىرمىشىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتىدۇ. ئابدۇراھمان ئۈمىد، تۈركىيەدىكى تولۇققا ئۆرلەش ئىمتىھانىدىن ئەليۇل ئەلا بولغان ۋە ئۈمىد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى سەرخىللار مائارىپىنىڭ 1- قارار ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئىنتايىن غورۇرلۇق، كۆڭلىگە پۈككەن نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جەسۇر بىر ئۇيغۇر يىگىتى. ئۇ مۇشۇ يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئانا تىلدا نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە «سۈنئى ئەقىل ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى» دېگەن تېمىدا نوتۇق سۆزلەپ تاماشىبىنلارنىڭ ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئېدى. ئابدۇراھمان سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئوقۇماقچى ۋە بۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ، ئەڭ كۈچلۈك سۈنئىي ئەقىل مودېلى ياساپ چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلماقچى...

بۇ ئىككى ئۇيغۇر يىگىتىنى دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇتۇپ كېتىش ئىمكانىيىتى بار. ئىنسان يېتىشتۈرۈش ۋە مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئۇيغۇر ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق ئەمەلنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. شۇڭا دىئاسپورادىكى پۈتۈن ئۇيغۇر جامائىتىگە مۇراجىئەتنامە: ئەڭ ئاز بولغاندا بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۇنجى يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى قامدىغۇدەك پۇلغا ئېھتىياجىمىز بار. «تاما-تاما كۆل بولار» دېگەن گەپ بار، ئاز دېمەي كۆپ دېمەي كۆڭلۈڭلاردىن چىققاننى ئاتىساڭلار ياكى بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن،
سەرخىللار مائارىپى

سۇباتنىڭ مۇراجىتى

ئابدۇراھماننىڭ مۇراجىتى

بانكا ھېساب ئۇچۇرلىرى

سۇبات ئەھمەت: AIHEMAITI SUBATI
لىرا ھېسابى: TR67 0001 0090 1085 2816 4050 01
دوللار ھېسابى: TR83 0001 0090 1085 2816 4050 04
ياۋرو ھېسابى: TR13 0001 0090 1085 2816 4050 03
فونستېرلىڭ ھېسابى: TR40 0001 0090 1085 2816 4050 02
Swift(BIC) كودى: TCZBTR2A
ئابدۇراھمان ئۈمىد: Abdurahman ömid
لىرا ھېسابى: TR83 0004 6003 0988 8000 1070 65
دوللار ھېسابى: TR48 0020 5000 0985 1936 0001 01
ياۋرو ھېسابى: TR21 0020 5000 0985 1936 0001 02
فونستېرلىڭ ھېسابى: TR64 0020 5000 0985 1936 0001 04
Swift(BIC) كودى: AKBKTRIS

QR Code
ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

  +905368316507     uyelite@serhillar.com     uyelite.com & serhillar.com