باھالىغۇچىلار: سىراجىددىن ئەزىزى، مۇھەممەد ئەمىن بىشارەت


1. ئۈمىدۋار بولۇڭ، يېڭىلسىڭىزمۇ مەغلۇپ بولماڭ! يىقىلسىڭىزمۇ تەسلىم بولماڭ.

سىز بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يېڭىلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۈمىدنى قولدىن بەرمىسىڭىزلا مەغلۇپ بولغان ھېسابلانمايسىز. مەيداندا يىقىلغان كىشى ئەمەس، بەلكى يىقىلغان يېرىدىن تۇرۇشنى خالىمىغان كىشى ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچىدۇر. قۇياش ھەر كۈنى ئاخشىمى مەغلۇپ بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەتىسى يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئۈچۈن پاتىدۇ. يېڭىلىش ۋاقىتلىق تەجرىبىدىن ئىبارەت بولۇپ، سىزگە خاتانى تونۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى سۇنىدۇ. شۇڭا، يېڭىلىش بىر تەجرىبە، ئەمما مەغلۇبىيەت بىر تاللاشتۇر.

ئاللاھقا شۈكۈر سىز بىر مۇسۇلمان ياش. لېكىن سىز يەنىلا بىر ئىنسان؛ خاتاسىز پەرىشتە ئەمەسسىز. شۇڭا يېڭىلىشىڭىز، خاتالىشىشىڭىز تەبىئىي ئەھۋال؛ لېكىن ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. «مەن بۇ ئىشنى قىلالمايمەن، مەن ئەمدى تۈگەشتىم» دەپ ئويلىماڭ. ئۈمىدسىزلىك مۇسۇلماننىڭ خىسلىتى ئەمەس. «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[1]. قاراڭ! سىز ئۈچۈن رەھمەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭلار[2] دەپ سىزنى ھۇزۇرىغا چاقىرىۋاتقان رەببىڭىز بار. تۈركچىدە مۇنداق بىر ماقال بار: «ئاللاھ بار، غەم يوق» (نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ياردىمى ۋە رەھمىتىگە سېغىنىپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىك). بۇ ئىمانىي كۈچ بىزگە ھەر قانداق قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن بىر يورۇقلۇقنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

تارىخقا قارىسىڭىز، بۈيۈك غەلىبىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېغىر يېڭىلىشلەردىن كېيىن كەلگەنلىكىنى كۆرىسىز. مەسىلەن، ئىسلام تارىخىدىكى ئۇھۇد غازىتى بىر يېڭىلىش، ئەمما ئۇ مەغلۇبىيەت ئەمەس، بەلكى كېيىنكى چوڭ زەپەرلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ پۇرسىتى بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئەگەر «بىز ئاجىز، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دەپ ئۈمىدسىزلەنسەك، كەلگۈسىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. ئەمما «تېخى مەغلۇپ بولمىدۇق» دەپ قايتا تىرىشساق، كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلىساق، بىلمىگەنلىرىمىزنى ئۆگەنسەك، كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرسەك، يېڭى بىر دەۋرنى يارىتالايمىز. چۈنكى ئاسانلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن كېلىدۇ. «ھەقىقەتەن ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئاسانلىق بار»[3].

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! يولدا پۇتلىشىپ كەتسىڭىزمۇ، كۈتكەن نەتىجىگە ۋاقتىدا ئېرىشەلمسىڭىزمۇ، كىشىلەر خىزمىتىڭىزنى كۆرمىسىمۇ، سىزنى قەدىرلىمىسىمۇ، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ! تەسلىم بولماڭ! ئۆزىڭىزنى قويۇپ بەرمەڭ! ئورنىڭىزدىن قايتا تۇرۇڭ، تىرىشىڭ، يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. چۈنكى غەلىبە مۇستەھكەم تۇرالىغاندا، تەسلىم بولمىغاندا، ۋاز كەچمىگەندە، ئىزچىل داۋاملاشقاندا قولغا كېلىدۇ. يىقىلىش سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەمما يىقىلغان يەردىن تۇرماسلىق، مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزنى، ۋە تەسلىم بولغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ.

2. سەۋرچان ۋە غەيرەتلىك بولۇڭ، چوقۇم غەلىبە قىلىسىز

سەۋر - سۇسلۇق، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ، ئولتۇرۇش ئەمەس، بەلكى قەيسەرلىك، چىدامچانلىق ۋە بەرداشلىق بېرىشتۇر. ھەر قانداق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى سەۋرچانلىقتۇر. مەيلى بىلىم ئىگىلەش، ئىگىلىك تىكلەش، مەقسەتكە يېتىش ياكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بولسۇن،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىزچىللىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر سەۋرنى بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق ، تەسلىم بولۇش ياكى كۈتۈپ ئولتۇرۇش دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سەۋر ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنداشتۇر. مەسىلەن، سىز بىر كىلومېتىرلىق يولغا چىققاندا، ئۇنى بىر سەكرەپلا بېسىپ بولالمايسىز؛ سەۋرچانلىق بىلەن قەدەممۇقەدەم ماڭسىڭىزلا مەنزىلگە يېتەلەيسىز. ئالدىراپ كەتسىڭىز يولدا قالىسىز، توختاپ قالسىڭىز مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز.

ھەر قانداق بۈيۈك ئىش ۋاقىت ، ئەمگەك ۋە سەۋر تەلەپ قىلىدۇ. مېۋە پىشقاندا تاتلىق بولىدۇ. شۇڭا بىزدە: «سەۋر قىلساڭ غورا پىشار؛ ئالدىرىغان يولدا قالار» دېيىلگىنىدەك، تېز نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەپ ئۆزىنى زورلاش پىسخىكىلىق چارچاشقا ۋە مەقسىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئېلىپ كېلىدۇ. قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش، بوشاشماي تۇرۇش غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئەڭ ياخشى نەتىجە ئەڭ مۇۋاپىق پەيتتە كېلىدۇ، سەۋر بىزنى شۇ پەيتكە تەييارلايدۇئەقىدە ۋە كىملىكىڭىزگە قارىتىلغان تۈرلۈك بېسىملارغا قارشى چىڭ تۇرۇڭ، مەنىۋى قەيسەرلىكىڭىزنى يوقاتماڭشەھۋىتىڭىز، نەپسانىي ئارزۇلىرىڭىز سىزگە بېسىم قىلغاندا، چىدامچان بولۇڭ، تەسلىم بولماڭكىشىلەر ھەتتا ئاتا-ئانىڭىز سىزنى چۈشەنگىلى ئۇنىمىغان چاغدا سەۋر قىلىڭ، تەسلىم بولماڭبامدات نامىزىغا تۇرماقچى بولغاندا، ئۇيقۇ بېسىۋالسا، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ، تەسلىم بولماڭسەۋر - ھېچقانداق ئىش قىلماي كۈتۈش ئەمەس، بەلكى كۆچەتنىڭ مېۋە بېرىشىگە ئىشىنىپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا سۇ قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇرسەۋرچانلىق - ئىزچىللىق، ئاز بولسىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەش، غەيرەت قىلىش، تىرىشىش-تىرمىشىش، سۇسلۇق قىلماسلىق، بوشاشماسلىق ، توختاپ قالماسلىق ۋە ۋاز كەچمەسلىكتۇرئەگەر پۇرسىتىڭىز بولسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ھاياتىدىن مىساللارنى ئوقۇپ، كۆزىتىڭ. ئۇلارنىڭ ھەرخىل سىناقلارغا، ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ۋە تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، لېكىن ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى سەۋرچانلىقتۇر.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! سىز بىر مۇسۇلمان ياش بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھاياتىڭىزدا غەلىبە قىلىشنى خالىسىڭىز، سەۋرچان بولۇڭ، بوشاڭلىق قىلماڭ، سۇسلۇق قىلماڭ، ئىزچىل ھەرىكەت قىلىڭ، نەتىجىگە ئالدىراپ كەتمەڭ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن چوقۇم مەقسىتىڭىزگە يېتىسىز، غەلىبە قىلىسىز. چۈنكى ئاللاھ تائالا سەۋر قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «سەۋر قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»[4] دېدى. سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ھېسابسىز بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ: «سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»[5] دېدى.


3. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ

بۇ ھاياتتا دوستلارنىڭ بولۇشى مۇھىم، توغرا دوست تاللاش تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى دوست كىشىنىڭ خاراكتېرىگە، كەيپىياتىغا، ھەتتا كەلگۈسىدىكى ئۇتۇقلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى دوست ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ؛ ئۇ يېنىدىكى ئىپاردىن ساڭا ھەدىيە قىلىدۇ، يا سەن ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسەن ياكى ئۇنىڭ يېنىدا خۇشپۇراقتىن ھوزۇرلىنىسەن. يامان دوست تۆمۈرچىنىڭ كۆرىكىنى باسقۇچىغا ئوخشايدۇ؛ ئۇنىڭ يېنىغا بارساڭ يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرىدۇ ياكى ئۇنىڭ يېنىدا سېسىق پۇراقتىن بىئارام بولىسەن»[6]

ئاتا-بوۋىلىرىمىز «قازاننىڭ قېشىغا بارساڭ قارىسى يۇقار، ياماننىڭ قېشىغا بارساڭ يارىسى» دەپ بىكار ئېيتمىغان. يەنە مۇنداقمۇ بىر ھېكمەتلىك سۆز بار: «دوستۇڭنىڭ كىملىكىنى ئېيتقىن، سېنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىڭنى ئېيتىپ بېرەي»

توغرا دوست تاللاشتا تۆۋەندىكى تۆت ئۆلچەمگە دىققەت قىلىڭ:

1) سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچ

سەمىمىي ياخشى دوست ئىچى بىلەن تېشى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك كىشىدۇر. ئۇ سىزگە سادىق ئەينەك بولالايدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز يۈزىڭىزگە دەپ تۈزىتىدۇ. ئالدىڭىزدا ماختاپ، ئارقىڭىزدىن غەيۋىتىڭىزنى قىلمايدۇ. سىز يېنىدا بولمىغاندا سىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى قوغدايدۇ، سىزگە يالغان گەپ قىلمايدۇ، مانا بۇ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستتۇر .

2) ئورتاق قىممەت قاراش

گەرچە خاراكتېرى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما تەقۋادار، ئەخلاقلىق، مەسئۇلىيەتچان ۋە ھاياتقا بولغان قىممەت قارىشى سىزگە ماس كېلىدىغان كىشىنى دوست تۇتسىڭىز، دوستلۇقنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز ۋە دوستلىقىڭىز ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ.

3) ئۆزئارا ئىلھام بېرىش

سادىق دوست سىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا سىز ئۈمىدسىزلەنگەندە سىزگە مەدەت بېرىدىغان، ئىلگىرىلىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدىغان، سىزنى ياخشى ئىشلارغا ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىجابىي كىشىلەر بىلەن دوست بولۇڭ.

4) سىناقتىن ئۆتكەن دوست

«دوستۇڭنى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سىنا» دەيدىغان گەپ بار.

دوستىڭىزنىڭ ھەقىقىي يۈزى نورمال، خۇشال ھاياتتا ئەمەس، بەلكى بېشىڭىزغا قىيىنچىلىق كەلگەندە ئاندىن ئايان بولىدۇ. سىز كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا سىزدىن قاچىدىغان ئەمەس، بەلكى قولىڭىزدىن تۇتىدىغان، يىقىلغان يەردىن سىزنى يۆلەپ قوپۇرىدىغان كىشىنى دوست تۇتۇڭ.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! يۇقىرىدىكى ئۆلچەمگە چۈشىدىغان كىشىلەر بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن دوست بولسىڭىز، يالغۇز قالمايسىز، ئىشىڭىز ئالغا باسىدۇ، دائىم ئۆزىڭىزنى كۈچلۈك ھېس قىلىسىز. ئەمما ئويۇن-تاماشادىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، لايغەزەل، مەسئۇلىيەتسىز، مەنپەئەتپەرەس كىشىلەر بىلەن دوست بولسىڭىز، ئىشىڭىز ئالغا باسمايدۇ، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە ياردەمچى تاپالمايسىز. ئۇنداق يارامسىز دوست سىزدىن پايدىلىنىدۇ، سىزگە مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ.

4. تاشقى قىياپىتىڭىز ئىچكى ئېتىقادىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرسۇن

ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش، چىراي ئىپادىسى) ئۇنىڭ ئىچكى ئېتىقادى ۋە قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن بولسا، ئۇ كىشى ئەتراپىدىكىلەرگە ئىشەنچلىك ۋە سەمىمىي كۆرۈنىدۇ. «ئىچى بىلەن تېشى بىر بولۇش» دەل مۇشۇ يەردە كۆرۈلىدۇ.

ئۆز ئېتىقادىڭىزغا ماس ھالدا ياشاش ۋە شۇ بويىچە تاشقى قىياپەت تاللاش سىزگە روھىي جەھەتتىن ئەركىنلىك بېرىدۇ. تاشقى قىياپەت پەقەت مودا ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئۈنسىز تىلدۇر. ئۇ سىزنىڭ نېمىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى، نېمىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋە كىملىكىڭىزنى سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇڭا ئىچى بىلەن تېشى بىر ئادەم «يوشۇرۇنۇش» ۋە «ياسالمىچىلىق» قىلىشتىن قۇتۇلغان بولىدۇ. باشقىلارغا باشقىچە كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئارتۇقچە ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ زېھنى تېخىمۇ ئوچۇق، روھى تېخىمۇ ئەركىن بولىدۇ.

ئەتراپتىكىلەر سىزنىڭ سۆزىڭىز بىلەن ھەرىكىتىڭىزنىڭ، قىياپىتىڭىز بىلەن نىيىتىڭىزنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، سىزگە بولغان ئىشەنچىسى تەبىئىي ھالدا ئاشىدۇ. بۇنداق بولسىڭىز جەمئىيەتتە سۆزى ئۆتىدىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىگە ئايلىنىسىز. ھەممە ئادەم سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، سىز بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئىچى بىلەن تېشى بىر بولۇشنىڭ بەلگىلىرى:

سۆزىدە تۇرۇش: باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەن ئاساستا كۆڭلىدىكىنى سۆزلەش ۋە سۆزىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش. قىلالمايدىغان ئىشلارنى ۋەدە قىلماسلىق، ئۆزىدە يوق ئالاھىدىلىكلەرنى سۆزلىمەسلىك.

تەبىئىي بولۇش: ناھايىتى تەقۋادار قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئالدىماسلىق. باشقىلارنىڭ تەنقىدىدىن قورقۇپ ئۆز پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچمەسلىك.

خۇپىيانە ۋە ئاشكارا ھالىتىنىڭ بىر بولۇشى: ئادەم بار يەردىكى ھالىتى بىلەن يالغۇز قالغاندىكى ھالىتىنىڭ زىت بولماسلىقى.

دىنىمىزدا ئىچى بىلەن تېشى بىر بولماسلىقنى «مۇناپىقلىق» دەپ ئاتايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «تۆت ئىش بار، كىمدە بۇ تۆت ئىش تېپىلسا ئېنىق مۇناپىق بولىدۇ. بىر كىشىدە ئۇ تۆت ئىشتىن بىرى بولسا، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. ئۇ تۆت ئىش: ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، يالغان سۆزلەش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ۋە جېدەللىشىپ قالسا، ئاغزىنى بۇزۇشتۇر[7].

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! بىزنىڭ دىنىمىز سەمىمىيەت دىنىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دىن سەمىمىيەتتۇر» ساھابىلار: كىمگە يا رەسۇلۇللاھ ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھقا، كىتابىغا، پەيغەمبىرىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا»[8] دەپ جاۋاب بەردى.

سىز ئۆزىڭىزگە، ئائىلىڭىزگە، مۇھىتىڭىزغا ۋە رەببىڭىزگە قارىتا سەمىمىي بولۇڭ. سىزنى كۆرگەن ۋە سىز بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشى سىزدە ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسۇن.

5. قۇرئاننىڭ ئادىمى بولۇڭ

قۇرئاننىڭ ئادىمى بولۇش ئۇنى ئوقۇش، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن ھاياتنى مەنىلىك قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىڭ:

1) قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا، ئاللاھ تائالا بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن، دەپ ئويلاپ ئوقۇش ۋە ئاللاھنىڭ بىزگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش

 «بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟»[9] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر[10]

2) قۇرئان بۇيرۇغان راستچىللىق، ئادالەت، ئامانەتدارلىق، مېھرىبانلىققا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاقلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرسىتىش

 «بۇ بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار، شۇندا قىلغاندا رەھمەتكە ئېرىشىسىلەر [11] .

3) ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلغاندا «بۇ ئىش قۇرئاننىڭ روھىغا ئۇيغۇنمۇ؟» دەپ ئۆزىدىن سوراش

 قۇرئاننىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولسا قىلىش، بولمىسا تەرك ئېتىش. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سورالغاندا: «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى» دېگەن -(ئىمام بۇخارى رىۋايىتى). بۇ دېگەنلىك، قۇرئان نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدىغان، نېمىدىن توسسا شۇنىڭدىن يانىدىغان، قۇرئاننىڭ روھى كۆرىنىپ تۇرىدىغان بىر ئىنسان بولۇش دېگەنلىكتۇر.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! قۇرئان كەرىم ئوقۇش روھنىڭ ئوزۇقى، قەلبنىڭ نۇرى ۋە ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى جانلىق سۆھبەتتۇر. قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيالمىسىڭىزمۇ، ئاز بولسىمۇ داۋاملىق ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالسىڭىز، ئۇنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى بەرىكىتىنى تېزلا ھېس قىلىسىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغانلار، نامازنى (تولۇق) ئۆتەيدىغانلار، بىز ئۇلارغا بەرگەن رىزىقتىن (ئاللاھ يولىدا) مەخپىي ۋە ئاشكارا يوسۇندا بېرىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان (يەنى ھەرگىز زىيان تارتمايدىغان) سودىنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئەجرىنى) ئۈمىد قىلسا بولىدۇ[12]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا، ئۇنىڭغا بىر ساۋاب بېرىلىدۇ. بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. مەن "ئەلىف، لام، مىم" نى بىر ھەرپ دېمەيمەن، بەلكى "ئەلىف" بىر ھەرپ، "لام" بىر ھەرپ، "مىم" بىر ھەرپتۇر[13«قۇرئان ئوقۇڭلار، چۈنكى قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ[14]«قۇرئان ئوقۇيدىغان مۇئمىننىڭ مىسالى ئاپېلسىنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ خۇشپۇراق، تەمىمۇ تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇمايدىغان مۇئمىننىڭ مىسالى خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، ئەمما تەمى تاتلىقتۇر[15]


6. مەسچىتنىڭ ئادىمى بولۇڭ

مەسچىت پەقەت ناماز ئوقۇيدىغان بىر بىنا ئەمەس، ئۇ بىر ئەخلاق مەكتىپىدۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا «مەسچىت ئەخلاقىنى» جارى قىلدۇرۇش، مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى شۇ پاكىزلىق، تىنچلىق، ئىنتىزام ۋە باراۋەرلىك روھىنى كوچىغا، خىزمەت ئورنىغا ۋە ئائىلىگە ئېلىپ چىقىش دېمەكتۇربۇ گۈزەل ئەخلاقنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەمەلىي قەدەملەرنى باسسىڭىز بولىدۇ:

1) باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەت: مەسچىتتە كىمنىڭ بويى، مال-دۇنياسى ياكى مەنسىپى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە بىر سەپتە، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرىدۇبۇ گۈزەل ئەخلاقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەرگە بايلىقىغا، مەنسىپىگە قاراپ ئەمەس، ئىنسانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىڭ. خىزمەتچىڭىزگە، تازىلىق ئىشچىسىغا ياكى جەمئىيەتتىكى ئاددىي كىشىلەرگە خۇددى نامازدىكى سەپدىشىڭىزگە قارىغاندەك ھۆرمەت بىلەن قاراڭ. ئۇلارنى كەمسىتمەڭ، كىچىك كۆرمەڭ، خورلىماڭ.

2) تىنچلىق ۋە ئامانلىق: مەسچىتنىڭ ئىچىدە كىشىلەر بىر-بىرىگە ئازار بەرمەيدۇ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرمەيدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئىبادىتىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇبۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئەمەلىيىتىڭىزدە ئىجرا قىلىپ، تىلىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماڭ. ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ياكى بىر تالاش-تارتىشقا يولۇققاندا، مەسچىتتىكى شۇ سالاپەتلىك سۈكۈتنى ئەسلەپ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. باشقىلار سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئۆزىنى ئامان-ئېسەن ھېس قىلسۇن.

3) پاكىزلىق ۋە گۈزەللىك: مەسچىتكە تاھارەت ئېلىپ، پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ، چىرايلىق قىياپەتتە كىرىمىز. مەسچىتنى كىرلەتمەسلىك ئۈچۈن ئاياق كىيىمىمىزنى چىقىرىمىز. بۇ بىر سىرتقى پاكىزلىق بولسا، قەلب پاكىزلىقى ئۇنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇربۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىڭىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ، بەدىنىڭىزنى، كىيىم -كىچىكىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزنىمۇ پاكىز تۇتۇڭ. كوچىغا ئەخلەت تاشلىماسلىق، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش «مەسچىت ئادىمى» نىڭ ئەخلاقىدۇر. چۈنكى مۇئمىن كىشى ئۈچۈن پۈتۈن زېمىن بىر مەسچىتتۇر.

4) ۋاقىت ۋە ئىنتىزام: مەسچىتتە ناماز ۋاقتى ئېنىق، ئىمامغا ئەگىشىش شەرت. بۇ بىزگە ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىشنى ۋە ئىنتىزامنى ئۆگىتىدۇبۇ گۈزەل ئەخلاققا ئەمەل قىلىپ، ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ، ئىشقا كېچىكمەڭ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلىماڭ. ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتتىكى ياخشى نىزام-قائىدىلەرگە بويسۇنۇش ئارقىلىق، ئىسلامنىڭ ئىنتىزاملىق دىن ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىڭ.

5) خىزمەت ۋە سەمىمىيەت: بىز مەسچىتتە تۇرغاندا ھەربىر ھەرىكىتىمىزنى ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپ قىلىمىزبۇنىڭغا ئاساسەن كۈندىلىك خىزمىتىڭىزنىمۇ بىر خىل ئىبادەت دەپ بىلىڭ. ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، دېگەن چۈشەنچە بىلەن ئىشنى پۇختا ۋە سۈپەتلىك پۈتتۈرۈش، خېرىدارغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىش، راست سۆزلەش، ئالدىماسلىق سىزنىڭ مەسچىت سىرتىدىكى «ئىبادىتىڭىز»دۇر.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! مەسچىتتىن چىققاندا تاھارىتىڭىزنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ يەردىكى ئىنسانىيەتنى سۆيۈش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش تۇيغۇسىنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىڭ. مانا بۇ سىزنىڭ مەسچىت ئادىمى بولغانلىقىڭىزنىڭ بەلگىسىدۇر . بۇنىڭ مۇكاپاتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ بىشارىتىگە ئېرىشىشتۇر: «ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە، ئاللاھ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن ئورۇن بېرىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرى - قەلبى مەسچىتلەرگە باغلانغان كىشىدۇر[16]

7. ئىشلىرىڭىزنى «ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان» ۋە «مۇھىم» قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىڭ.

ئىشلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكىسى بىلەن مۇھىم بولغىنىنى پەرقلەندۈرۈش ئىنساننى ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە زىيان تارتىشتىن ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ چوڭ پاراسەتتۇربۇ ھاياتتا مەيلى دىنىي مەيلى ئىنسانىي ئىشلاردا بولسۇن، تەرتىپنى ئالماشتۇرۇۋېتىش، زىيانكارلىققا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە مۇھىم بولغان دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلارنى چىڭ تۇتسىڭىز، ھاياتىڭىزدا غەلىبە قىلىسىز. ئىنسانىي ھاياتتا «ئالدىنقى ئورۇندىكىلەر» بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى بەلگىلىسە، «مۇھىملار» بىزنىڭ سۈپىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭغا نەپەس ئېلىش بىلەن ئورۇندۇقنى مىسال قىلساق چۈشىنىشلىك بولىدۇ. نەپەس ئېلىش ياشاش ئۈچۈن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئورۇندۇق بولسا راھەت ئۈچۈن مۇھىمدۇر. نەپەس قىسىلغان يەردە ئورۇندۇقنىڭ رەڭگى ياكى يۇمشاقلىقى بىلەن ئاۋارە بولۇش ئەخمەقلىقتۇر.

دىنىي ھاياتتا ئىمان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ئىمان بولمىسا، باشقا ھېچقانداق ئەمەلنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ئىمان — نان؛ ناماز شۇ نان بىلەن كېلىدىغان ئوزۇقتۇرمەسىلەن، جۈمە ئەزىنى ئوقۇلغاندا، جۈمە نامىزى «ئالدىنقى ئورۇندا» تۇرىدۇ. شۇ دەقىقىدە ئون پارە قۇرئان ئوقۇش (گەرچە ئۇ ئۆزى ئىنتايىن مۇھىم ئىبادەت بولسىمۇ) خاتا تاللاشتۇر. چۈنكى ۋاقتى كەلگەن پەرز ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىدۇر.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! ھاياتىڭىزنى مانا مۇشۇنداق تەرتىپكە سېلىۋالسىڭىز، ۋاقتىڭىز ۋە ئەمگىكىڭىز زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ تەرتىپ بويىچە ياشىغان ياشلار ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ؛ ئەللىك-ئاتمىش ياشلارغا بارغاندا پۇشايمان قىلمايدىغان، مېۋىسى پىشقان دەرەخكە ئايلىنىدۇ.

8. تېخنىكىنى قورال قىلىپ ئىشلىتىڭ، لېكىن ئۇنىڭ قولىدا قورچاق بولۇپ قالماڭ.

سىز تېخنىكىنى ئىككى بىسلىق قىلىچتەك چۈشىنىشىڭىز ۋە ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى بارلىق سەتچىلىكلەر دېگۈدەك ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىملارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىنىمۇ ئىنتېرنېتتىن ئاڭلايسىز، ھەرەمدە ئوقۇلغان نامازنىمۇ ئىنتېرنېتتىن كۆرىسىز. يەنى بۇ قىلىچنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى كېسىدۇ. ئەگەر ئۇنى توغرا ئىشلىتەلمىسىڭىز سىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنى توغرا ئىشلەتسىڭىز، سىزگە پايدىلىق بولىدۇ.

تېخنىكىنى قارغىماڭ. ئاللاھ سىزنى ئۇنىڭ بىلەن سىنايدۇ. سىز ئۇنى ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. شەيتان سىزنىڭ ئالدىڭىزغا يامانلىقلارنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن، سىز يۇتۇبتا ئايەت، ھەدىس، تەپسىر ياكى قۇرئان ئاڭلاۋاتقاندا، ئالدىڭىزغا باشقا بىر قەبىھ كۆرۈنۈشلەر چىقىشى مۇمكىن. دەرھال تېلېفوننى تاقىشىڭىز كېرەك. «بىر قاراپ باقاي» دېمەسلىكىڭىز لازىم.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! شۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ، تېخنىكا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى. ئۇ سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە باغلىق. ئەگەر سىز ياخشى ئادەم بولسىڭىز، ئۇنى ياخشىلىققا ئىشلىتىسىز. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ئۆزىڭىزنى ساقلىيالايسىز. شۇڭا قارىغۇلارچە تېخنىكا دۈشمىنى بولماڭ، شۇنداقلا قارىغۇلارچە تېخنىكا ھەۋەسكارىمۇ بولماڭ. چۈنكى قارىغۇلارچە تېخنىكا دۈشمىنى بولۇش - تېخنىكىنى رەت قىلىش زاماندىن ئارقىدا قېلىش، پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىش ۋە ئۈنۈمسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا تېخنىكا بىر خىل قۇدرەتتۇر. ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش باشقىلارغا بېقىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قارىغۇلارچە تېخنىكا ھەۋەسكارى بولۇش - تېخنىكىغا چوقۇنۇش ياكى ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىش (مەسىلەن: تېلېفونغا بېرىلىپ كېتىش) ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى ۋە تەبىئىيلىكنى يوقىتىدۇ. شۇڭا تېخنىكىنىڭ خوجايىنى بولۇڭ، ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماڭ.


9. ئىمانىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ

ئىنساننىڭ ھەم روھىي دۇنياسىنى (ئىمانىنى)، ھەم ماددىي ۋە زېھنىي دۇنياسىنى (ئۆزىنى) يېڭىلاپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمان خۇددى يېڭى كىيىم كونىراپ كەتكەندەك كونىرايدۇ. ئاللاھتىن قەلبىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاشنى تىلەڭلار»[17] دېگەن. ئىمان كونىرايدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىمان ئاجىزلىشىدۇ، بۇرۇنقى تەسىرى ۋە ھاياجىنى ئازىيىدۇ، ئىگىسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمانىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

سىزگە روھىي، زېھنىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېڭىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن:

1) ئىماننى يېڭىلاش:

- ھەر كۈنى بەش ۋاق نامازدىن كېيىن دۇئا قىلغاندا، ئاللاھ تائالادىن ئىمانىڭىزنى يېڭىلاشنى تىلەڭ.

- ھەر كۈنى ئەتىگەن ياكى كەچتە 5 مىنۇت جىمجىت بىر جايدا ئولتۇرۇپ، يارىتىلىشتىكى گۈزەللىكلەرنى ۋە ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن نېمەتلەرنى ئويلاڭ. بۇنىڭ بىلەن قەلبىڭىزدە ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببەت ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە بولغان مېھرى-شەپقىتى ۋە سانسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

- ھەر كۈنى ھېچكىمگە دېمەي، پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر كىچىك ياخشىلىق قىلىڭ. مەسىلەن: بىر قۇشقا سۇ بېرىش، بىر كىشىگە ئىللىق سۆز قىلىشقا ئوخشاش.

- ھەر كۈنى بىر ئايەت ياكى بىر ھەدىسنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئۇنى تۇرمۇشىڭىزغا قانداق تەتبىقلاشنى ئويلاڭ.

2) زېھنىي يېڭىلىنىش:

- ھەر كۈنى كەم دېگەندە 15 مىنۇت يېڭى بىر كىتاب ياكى بىرەر پايدىلىق ماقالە ئوقۇڭ.

- تېلېفونىڭىزدىكى سىزگە ئېنېرگىيە بەرمەيدىغان، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەپلەرنى ئۆچۈرۈڭ ۋە تېلېفون بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر ماھارەت (مەسىلەن: يېڭى تىل، تېخنىكا) ئۆگىنىشكە كۈنىگە 20 مىنۇت ئاجرىتىڭ.

- كەچتە شۇ كۈنلۈك قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ۋە ئەتە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى يېزىپ قويۇڭ.

3) جىسمانىي يېڭىلىنىش:

- كۈنىگە 30 مىنۇت تېز مېڭىڭ ياكى يېنىك چېنىقىڭ.

- كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىڭىزغا دىققەت قىلىڭ ۋە تەبىئىي ئوزۇقلىنىشنى نىشان قىلىڭ.

- بالدۇر يېتىپ، بالدۇر قوپۇشقا ئادەتلىنىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ، ئۈممىتىمنىڭ ئەتىگەندىكى ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرگىن»[18] دەپ دۇئا قىلغان. ئەتىگەنلىك بەرىكەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، ناماز بامداتتىن كېيىن ئىشقا باشلاڭ. چۈنكى رىزىقلار مۇشۇ ۋاقىتتا تەقسىم قىلىنىدۇ.

تۆۋەندىكىلەر يېڭىلىنىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلار بولۇپ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭ:

ۋاقىتنى مەنىسىز ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ.

«بۇنىڭ نېمە زىيىنى بار؟» دەپ قارالغان كىچىك خاتالىقلار يىغىلىپ، قەلبنى قارايتىدۇ.

توختىماي شىكايەت قىلىدىغان، ھۇرۇن كىشىلەر سىزنىڭ روھىي ئېنېرگىيەڭىزنى تۈگىتىدۇ. بىزدە «بىر بىكار ئوننى بىكار قىپتۇ» دەيدىغان ماقال بار.

كونا ئادەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، يېڭىلىقتىن قورقۇش.

باشقىلارنىڭ مۇكەممەل كۆرۈنگەن ھاياتىغا قاراپ ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەقسەتسىز ئايلىنىش، پايدىسىز سىنلارنى كۆرۈش زېھىنىڭىزنى چېچىپ تاشلايدۇ.

تەرتىپسىز ئۇيقۇ ۋە زىيانلىق ئوزۇقلىنىش بەدەننى چارچىتىپ، سىزنى ھۇرۇنلۇققا باشلايدۇ.

قەدىرلىك ياش قېرىندىشىم! ھاياتىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى قىممەتسىز ھالغا چۈشۈرىدىغان، ئىمانىڭىزنى سۇسلاشتۇرىدىغان، يېڭىلىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاش يولنى ئېچىش دېمەكتۇر. ئالدى بىلەن يامان ئادەت، يامان دوست، بىكارچىلىقنى ھاياتىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ. ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشى ئەخلاق، بىلىم، ئىبادەت ۋە ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنى ئۆزىڭىزدە ئۆزلەشتۈرۈڭ.


10. كۆڭۈل ئېچىشنى بىلىڭ، ئەمما يولدىن چىقىپ كەتمەڭ!

كۆڭۈل ئېچىش، بىر ئاز ھۇزۇرلىنىش سىزنىڭ ھەققىڭىز. پۇرسەت تاپقاندا كۆڭۈل ئاچىسىز. سىزنىڭمۇ خۇشال -خۇرام دەقىقىلىرىڭىز بولىدۇ، سىزنىڭمۇ كۈلىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز بولىدۇ. بىراق ئۆلچەمنى يوقاتماسلىقىڭىز ھالال دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك. كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ. ئاتا-ئانىڭىزنى رەنجىتىپ تۇرۇپ كۆڭۈل ئاچماڭ؛ كۆڭۈل ئاچتىم دەپ ئەۋرىتىڭىزنى (يۆگەشكە تېگىشلىك يەرلىرىڭىز) نى ئاچماڭ. كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ باشقىلارنىڭ كۈلكە-مەسخىرىسىگە قالىدىغان، ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى تۆكىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. ئىززەت-ھۆرمىتىڭىز، كەسپىڭىز، ئىبادىتىڭىز ۋە ئىنسانىي بۇرچلىرىڭىزغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە، سەمىمىي ھالدا خالىغىنىڭىزچە كۆڭۈل ئاچسىڭىز، خۇشال بولسىڭىز بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەپسىڭىزنىڭمۇ ھەققى بار، ئۇنى بېرىشىڭىز كېرەك»[19] دېگەن. ئاللاھ مۇباھ - رۇخسەت قىلغان دائىرىدە كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن-تاماشا قىلىش، چاقچاقلىشىش سىزگىمۇ ھالالدۇر. پەقەتلا ھوشىڭىزنى يوقىتىپ قويماسلىق، رېلىستىن چىقىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

ئى ياش قېرىنداشلىرىم! سىزگە ئاللاھ تائالادىن مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن. ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن، سىزنى شەيتاننىڭ شەررىدىن، ۋە جەمئىيەتتىكى يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن. ھاياتىڭىزغا بەرىكەت ۋە خۇشاللىق بەرسۇن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇڭ. سىزگە ئىجتىمائىي ھاياتىڭىزدا مۇسۇلمانغا لايىق ياشىشىڭىز، قىيىنچىلىقلارنى قەيسەرلىكىڭىز بىلەن يېڭىشىڭىز ۋە غەلىبە قازىنىشىڭىز ئۈچۈن بىر نەچچە ئىشنى تەۋسىيە قىلدىم. بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ سىز ئۈچۈن پايدىلىق، خەيرلىك ۋە يولىڭىزغا مەشئەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ سىزنى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرىمەن.


مەنبەلەر:

[1] سۈرە يۇسۇف، 87- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[2] سۈرە زۈمەر، 53- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[3] سۈرە ئىنشىراھ، 6 – ئايەت.

[4] سۈرە ئەنفال، 46- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[5] سۈرە زۈمەر، 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[6] بۇخارى (2101)، مۇسلىم (2628).

[7] بۇخارى (2459)، مۇسلىم (58).

[8] نەسائى (4199)، تىرمىزى (1926)، سەھىھ ھەدىس.

[9] سۈرە قەمەر، 17- ئايەت.

[10] بۇخارى (5027).

[11] سۈرە ئەنئام، 155-ئايەت.

[12] سۈرە فاتىر، 29-ئايەت.

[13] تىرمىزى (2910).

[14] مۇسلىم (804).

[15] بۇخارى ۋە مۇسلىم (5427).

[16] بۇخارى (6804)، مۇسلىم (1031).

[17] تەبەرانى (14668) سەھىھ ھەدىس.

[18] ئىبنى ماجە (2237).

[19] بۇخارى (1968).