قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ماقالىدە سۈكۈتنىڭ ئىنسان روھىي دۇنياسىدىكى ئورنى، ئۆزىنى تىزگىنلەش، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئىرادە كۈچىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئالىي پەزىلەتلىك رولى بايان قىلىنغان. سۈكۈت ئۆزىنى تەكشۈرۈش، غەزىپىنى تىنچىتىش ۋە روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىكى كۈچلۈك قورال بولسىمۇ، ئۇ مۇتلەق پىرىنسىپ ئەمەس؛ ئەكسىچە، ناھەقچىلىق، زۇلۇم، گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىشقا توغرا كەلگەن ھالقىلىق ۋاقىتلاردا سۈكۈت قىلىش ئاجىزلىق ۋە جىنايەتكە شېرىك بولۇش ھېسابلىنىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ماقالە ئىنساننى ئۆز نەپسىگە خوجايىن بولۇپ جىم تۇرۇش بىلەن ئادالەت ۋە ھەق ئالدىدا دادىل سۆزلەشنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتمۈشنى يەڭگىللىتىپ، سەۋر ۋە ئىزچىللىق ئارقىلىق ئىچكى ئەركىنلىككە ۋە روھىي يۈكسىلىشكە ئېرىشىشكە چاقىرىدۇ.

باھالىغۇچىلار: ئابدۇلئەھەد ئۇجاتلى،  فەتھۇددىن بۇغرا

كىرىش سۆز

بۈگۈنكى جىددىيلىككە تولغان بۇ ھاياتنىڭ توختاۋسىز شاۋقۇن-سۈرەنلىرى، تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئالدىراشچىلىقى ۋە بەس-بەستە ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا تولغان يالتىراق مەدەنىيەت ئىچىدە، بەلكىم ئىنسان يوقاتقان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەردىن بىرى سۈكۈت بولسا كېرەك. ھەقىقىي كۈچلۈك ئىنسانلار سىرتتىن قارىغاندا ئىنتايىن جىمجىت كۆرۈنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئارتۇقچە ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدۇ، ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن توختىماي سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي كۈچنىڭ مىقداردا ئەمەس، بەلكى سۈپەتتە؛ داۋراڭ سېلىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتا ئەمەس، بەلكى، روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلاردۇر.

ئىسلام ئەخلاق پەلسەپىسىدە سۈكۈت پەقەت بىر تىنچلىق ھالىتىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئالىي پەزىلەتتۇر. ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق ئەسىرىدە تىلنىڭ ئاپەتلىرىنى بايان قىلغاندا، سۈكۈتنىڭ نەپسنى تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇھىم قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (غەززالىي، 1982، 3-توم، 120- بەت). ئىنسان پەقەت سۈكۈت ئىچىدە كائىناتنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى ساداسىنى تىڭشىيالايدۇ. ئىنسان سۈكۈت ئىچىدە ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى پىشۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

لېكىن شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، سۈكۈت مۇتلەق مەدھىيەلىنىدىغان پەزىلەت ئەمەس. ئۆز جايىدا قىلىنغان سۈكۈت دانالىق بولسا، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىق ئالدىدا قىلىنغان سۈكۈت قورقۇنچاقلىق ۋە جىنايەتكە شېرىك بولۇشتۇر. مەزكۇر ماقالىدە سۈكۈتنىڭ كۈچى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، نەدە سۈكۈت قىلىپ، نەدە سۆزلەشنىڭ چەك-چېگرالىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

سۈكۈت روھىي كۈچنىڭ ئىپادىسى

نۇرغۇن كىشىلەر سۈكۈت قىلىشنى ئاجىزلىق ياكى سۆزلىيەلمەسلىك دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈكۈت قىلىش ئىنساننىڭ ھېسسىياتىنى باشقۇرۇشتىكى ئەڭ ئۆتكۈر قورالىدۇر. تەمكىن ئىنسان ھېسسىياتنىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى خوجايىنىدۇر. ئۇ ۋاقىتلىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھامانلا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئاۋۋال پىكىر سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۆزىنى زېھنىنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن، روھىنىڭ پەرىشانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەنىۋى تىنچلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۈكۈت قىلغان كىشى نىجات تاپىدۇ» (تىرمىزىي، قىيامەت، 50) دېگەن. بىراق، ھەر قانداق ئەھۋالدا سۈكۈت قىلغان كىشى نىجات تاپىدىغان ئىش يوق، ھەدىسنىڭ مەقسىتىنى خاتا چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىر يەردە ئەقىدە، ئەخلاق، ئىلىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ياكى ھەق-ھوقۇقىڭىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ئار-نومۇسىڭىز چەيلىنىۋاتقان بولسا، سۈكۈت يولىنى تاللاش روھىي كۈچنى ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەيىب ۋە زىللەتتۇر.

سۈكۈت سىزنى خوجايىن قىلىدۇ

سۈكۈت ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇشنىڭ يولىدۇر. ھەقىقىي خوجايىنلىق باشقىلارنى باشقۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆز نەپسىگە سۆز ئۆتكۈزۈش دېمەكتۇر. بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە ھاكىم بولالىشى ئەڭ چوڭ سەلتەنەتتۇر. كونىلاردا «ئۆزىنى سورىغان كىشى شەھەر سوراپتۇ» دېگەن گەپ بار. نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقى دۇنيانى، كىشىلەرنى ياكى ۋەقەلەرنى كونترول قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى مالىمانچىلىقنى كۆرمەيدۇ.

سۈكۈت سىزنى پالۋان قىلىدۇ

ئىنسان ئاچچىقلانغاندا، پەرىشان بولغاندا ياكى ئۈمىدسىزلەنگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالىسا، ئەنە شۇ چاغدا كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پالۋان دېگەن چېلىشىشتا يىقىتقان كىشى ئەمەس، بەلكى غەزەپلەنگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالىغان كىشىدۇر» (بۇخارى، ئەدەب، 76). بۇ ھەدىس بىزگە ھەقىقىي باتۇرلۇقنىڭ جىسمانىي كۈچتە ئەمەس، بەلكى ئىرادە كۈچىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۆزىگە ھاكىم بولغان كىشى سىرتقى تەسىرلەرنىڭ ئەسىرى بولمايدۇ. كىشىلەر ئۇنى ماختىسا ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتمەيدۇ، تەنقىد قىلسا چۈشكۈنلىشىپ يەرنىڭ تەكتىگە كىرىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلچىمى سىرتتا ئەمەس، ئىچىدىكى قىممەت قارىشىدا ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدا بولىدۇ.

ئەمما شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، ئەگەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ ھەققى دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا، قەۋم-قېرىنداشلىرى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقاندا ئۆزىنى «پالۋان» ياكى «ئاقىل» كۆرسىتىپ سۈكۈت قىلىۋالسا، بۇ پالۋانلىق ئەمەس، يۈرەكسىزلىكتۇر. ھەقىقىي پالۋان نەپسىگە كەلگەندە سۈكۈت قىلىپ غەزىپىنى باسىدىغان، ھەق-ئادالەتكە كەلگەندە ھەق سۆزنى قورقماي ئېيتالايدىغان كىشىدۇر.

سۈكۈت سەمىمىيەتكە يول ئاچىدۇ

ھاياتنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى، توختاۋسىز شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئىچىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ روھ تىۋىشىنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇ خىلۋەتتە ئولتۇرۇپ سۈكۈتكە چۆمگەن ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى چۈشىنىدۇ-دە، ئۆزىگە سەمىمىي بولۇشقا باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار» (سۈرە سەبە، 46-ئايەت).

ئۆزىگە سەمىمىي بولمىغان كىشى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەردائىم ئۆزىگە باھانە ئىزدەيدۇ. ھاياتتا كىشىنى ئىلگىرىلەشتىن توسىدىغان ئەڭ چوڭ دۈشمەن — قۇرۇق باھانىلەردۇر. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ياكى شارائىتقا دۆڭگەپ قۇتۇلۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما كۈچلۈك ئىنسان ئۆزى تاللىغان ئىشنى ئاخىرىغا چىقىرىپ نەتىجىگە ئېرىشمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.

ھاياتتا ئەڭ قىيىن ئەمما ئەڭ زۆرۈر ئىشلارنىڭ بىرى — ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبىنى سىرتتىن ئىزدەيدۇ؛ ئۆزىنىڭ شارائىتىنى، ئەتراپىنى ياكى ئۆتمۈشىنى ئەيىبلەيدۇ. لېكىن قۇرئان كەرىمدىكى: «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» (سۈرە نەجم، 39-ئايەت) دېگەن پىرىنسىپ بىزگە ھەربىر شەخسنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش يۈك ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىكنىڭ يولىدۇر. سىرتقى دۇنيانى كونترول قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئىنكاسلىرىمىزنى، پوزىتسىيەمىزنى ۋە تەپەككۇر شەكلىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز. ھەقىقىي پىشقانلىق ئەنە شۇ نۇقتىدا باشلىنىدۇ. بىر مەسىلىدە توختىماي ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، ئېنىقكى سىز مەلۇم بىر نۇقتىدا مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويدىڭىز دېگەن گەپ.

سۈكۈت ئىنساننى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا ئۈندەيدۇ

سۈكۈت قىلغاندا ھاياتنىڭ بېسىمىدىن چارچىغان روھ ئارام ئالىدۇ، ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. نەتىجىدە، ئىنسان ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا يول ئالىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھنىڭ ھېسابىغا يولۇقۇشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، ئەمەللىرىڭلار تارتىلىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلار تارتىپ كۆرۈڭلار» (تىرمىزىي، قىيامەت، 25) دېگەن. بۇ سۆز ھەر بىر كىشىنىڭ دائىم ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆزىگە سەمىمىي بولغان كىشى ئۆز ئاجىزلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاجىزلىقنى قوبۇل قىلىش بولسا كۈچلۈك بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. چۈنكى، كېسەلنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ داۋالاش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئۆز خاتالىقىنى كۆرمىگەن كىشىمۇ ئۇنى تۈزەتمەيدۇ، لېكىن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ خاتالىقىنى بايقىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا سۈكۈت قىلىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا يۈرۈش توغرا ئەمەس، ئەكسىچە نۇقساننى ئەمەلىي سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن تۈزىتىشكە ئاتلىنىش زۆرۈر.

سۈكۈت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ شوتىسى

سۈكۈت ئىرادىنى چىڭىتىدۇ، روھنى تاۋلايدۇ، ئۇلۇغ غايىلەرنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزىدۇ، ئىنساننى مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلدۈرىدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز كېلىدىغان مۆجىزە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىزچىللىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئىسلام دىنى ئەمەللەرنىڭ مىقدارىدىن بەكرەك داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل - ئاز بولسىمۇ داۋاملىق بولغىنىدۇر» (بۇخارى، ئىمان، 32) دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قىلغان ئىشلىرىمىزدا ئىزچىللىقنى ئۆزىمىزگە پىرىنسىپ قىلىشىمىز لازىم.

سۈكۈت ئىنسانغا ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ

ھەقىقىي ئىشەنچ سۈكۈتتە، جىمجىتلىقتا، ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەرلەردە، ھېچكىم ئالقىشلىمايدىغان دەقىقىلەردە قازانغان كىچىك غەلىبىلەرنىڭ يىغىندىسدىن ھاسىل بولىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش قۇرۇق گەپ ياكى خام خىيال بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت بىلەن بەرپا قىلىنىدۇ. بىر ئىنسان ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانسېرى، بىرەر قىيىن ئىشنى تاماملىغانسېرى، زېھنىدە «مەن قىلالايدىكەنمەن» دېگەن ئىشەنچ شەكىللىنىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ھەقىقىي ئىشەنچ ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە كاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

ئىشەنچ سەۋر ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ھەر كۈنى ئاز بولسىمۇ قەدەم باسقان ئىنسان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىدە زور ئىشەنچ بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئىشەنچنىڭ مەنبەسى پەقەتلا ئۇتۇق قازىنىش ئەمەس، بەلكى داۋاملاشتۇرالاش قابىلىيىتىدۇر. چۈنكى ئەڭ كۈچلۈك ئىرادە ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش دېمەكتۇر.

ئىسلام ئەخلاقىدا بۇ خىل ئىزچىللىق «ئىستىقامەت» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزگە: «سەن بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە ئىستىقامەتتە بولغىن» (سۈرە ھۇد، 112-ئايەت) دەپ تەلىم بېرىدۇ. ئىستىقامەت نىشانغا قاراپ تەۋرەنمەي مېڭىشتۇر. ھەقىقىي ئىشەنچ يەنە ئىنتىزامدىن تۇغۇلىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگەنگەن ئىنسان باشقىلارنىڭ ئالقىشى ياكى تەستىقىنى ۋە ياكى ئىشنىڭ ئەڭ مۇكەممەل پەيتىنى كۈتۈپ يېتىپ ۋاقىتىنى زايە قىلمايدۇ.

سۈكۈت ۋە سالماقلىق كىشىگە ھەيۋەت پەيدا قىلىدۇ

سۈكۈت ۋە سالماقلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن كىشىدىن كىشىلەر ئەيمىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز ھۆرمىتى تۇغۇلىدۇ. دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ھەقىقىي لىدېر ئاۋازىنى كۆتۈرمەيدۇ، بەلكى سۆزىنى تەسىرلىك قىلىدۇ ۋە ئەمەلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزگە: «ئاۋازىڭنى پەس قىلغىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يېقىمسىزى ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» (سۈرە لۇقمان، 19-ئايەت) دەپ تەلىم بېرىدۇ.

لىدېرنىڭ ھەيۋىتى ئۇنىڭ شاۋقۇن-سۈرەن سېلىشىدا، تېرە تاراقشىتىشىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سۈرلۈك سۈكۈتىدىكى قەتئىيلىكتە ۋە خاراكتېرىدىكى سەمىمىيلىكتە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. لىدېرلىق خۇسۇسىيىتى شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، لىدېر ئۆز قەۋمى گۇمراھلىققا ياكى خەتەرگە قاراپ مېڭىۋاتقاندا، يۆنىلىش كۆرسىتىش ئۈچۈن جەزمەن دادىللىق بىلەن توغرىنى سۆزلىشى كېرەك. خەلق يېتەكچىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق چاغلاردا لىدېرنىڭ سۈكۈت قىلىۋېلىشى لىدېرلىقنىڭ ۋەيران بولۇشى دېمەكتۇر.

سۈكۈت قىلىش ۋە ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى بىلىش پىشقان ئىنسان بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولىدۇر. ئىنسان ئۆز ئىچىدىكى جەڭنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپ، سىرتقى دۇنيادا غەلىبە قازىنالمايدۇ. ئۆزىگە سەمىمىي بولغان، ئۆز نەپسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ۋە سۈكۈتنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنگەن كىشىلا باشقىلارغا يولباشچى بولالايدۇ. ھەقىقىي لىدېرلىق ئاۋۋال ئۆزىنى سۈكۈتكە چۈشۈرۈش، ئاندىن ئۆزىنى تونۇش، ئاخىرىدا ئۆزىنى باشقىلار ئۈچۈن پىدا قىلالايدىغان يۈكسەك ماقامغا چىقىش ئارقىلىق بولىدۇ.

سۈكۈت ئىنساننى سەۋرگە يېتەكلەيدۇ

سۈكۈت ئىنسانغا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقنى، سەۋر قىلىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئۆگىتىدۇ، مۈشكۈلاتنىڭ چارىسىگە يول ئاچىدۇ. كىشىنىڭ ئۆز ئەيىبىنى كۆرۈشكە ئۇرۇنۇشى ھەقىقەتەن جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ. باشقىلارنى ئەيىبلەش ئاسان، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئېتىراپ قىلىش قىيىندۇر. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىدە تەكىتلەنگەن «نەپسنى سوراققا تارتىش» دەل مۇشۇ يۈزلىنىشنىڭ ئۆزىدۇر.

مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يېتىلگەن كىشى باھانە بىلەن ئەمەس، نەتىجە بىلەن سۆزلەيدۇ؛ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئەيىبلەش ئورنىغا، ئۇلاردىن كۈچ ئالىدۇ. چۈنكى ھاياتنىڭ شامىلىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما يەلكىنىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندىكى ئەڭ ئىلھام بەرگۈچى كۈچ سەۋردۇر. سەۋر پاسسىپلارچە كۈتۈپ تۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق ھالدا مەيدان ساقلاش، تەۋرەنمەي تۇرۇشتىن ئىبارەت. سۈرە بەقەرەدە بايان قىلىنغاندەك: «ئاللاھ ئەلۋەتتە سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللەدۇر» (سۈرە بەقەرە، 153-ئايەت). بۇ ئىلاھىي ھەمراھلىق سەۋرنىڭ بىر ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ بىر كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

بۈگۈنكى سۈرئەت قوغلىشىدىغان دۇنيادا، پۇختا ئاساسقا تايانمىغان ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مەسىلەن، بىر تال ئۇرۇق تۇپراق ئاستىدا جىمجىت يىلتىز تارتىدۇ؛ بۇ جەريان كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما ئۇرۇقنىڭ شۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتۈشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىچكى دۇنياسىدا ئۆسمىگۈچە سىرتتا مېۋە بېرەلمەيدۇ. سەۋر بولسا ئەنە شۇ غايىبانە تەرەققىياتقا ئىشىنىش دېمەكتۇر.

ئىنسان ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىرتقى دۇنيانىڭ شاۋقۇنى بېسىلىپ، ئىچكى ساداسى ئاڭلىنىشقا باشلىغان دەقىقىدۇر. دېمەك، ھەقىقىي يېتەكچى ئىچىڭىزدىن كېلىدۇ. بۇ سادا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاسان يولنى ئەمەس، بەلكى توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. توغرا يول بولسا جۈرئەت ۋە سەۋرنى ھەمدە يالغۇز قېلىشقا بەرداشلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىچكى ساداغا ئىشىنىش ھاياتنىڭ مالىمانچىلىقلىرى ئىچىدە ئىلاھىي بىر كومپاسقا ئىگە بولغانلىق بىلەن باراۋەردۇر.

ئىنسان ھاياتنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: يا ئۆتمۈشنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى داۋاملىق سۆرەيدۇ ياكى ئۇلارنى مۈرىسىدىن سىلكىپ تاشلاپ يېنىكلەيدۇ. مۇھەققەقكى، ئۆتمۈش پەقەت دەرس ئېلىشقا يارايدۇ. ئۇ ئەمدى ياشايدىغان ھايات ئەمەس، بەلكى دەرس ۋە ساۋاق بېرىدىغان مۇئەللىمدۇر. «ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات» دەپ بۈگۈنگە يۈزلىنىش ئۆزىنى ئۆتمۈشنىڭ زەنجىر-كىشەنلىرىدىن ئازاد قىلىپ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىش دېمەكتۇر.

سۈكۈت غەزەپلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

غەزەپلەنگەندە بىرئاز سۈكۈت قىلىۋىلىش ئىنساننى نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە غەزەپ زەھەرگە ئوخشايدۇ، غەزەپلەنگەن ئىنسان بولسا خۇددى زەھەرنى ئۆزى يۇتۇپ باشقىلارنى جازالىماقچى بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

قۇرئان كەرىم بىزنى: «ئۇلار (خاتالىق قىلغۇچىلارنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەغپىرەت قىلىشىنى خالىمامسىلەر؟» (سۈرە نۇر، 22-ئايەت) دېگەن سوئال بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا شەپقەت يەتكۈزۈشكە چاقىرىدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈش يۈز بەرگەن ئىشلارنى توغرا دەپ جەزملەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى يەلكىڭىزدىن چۈشۈرۈۋېتىش دېمەكتۇر.

ئۆتمۈشكە باغلىنىۋالغان كىشى كەلگۈسىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۆزىنى كەچۈرۈش بولسا، باشقىلارنى كەچۈرۈشتىنمۇ قىيىن، ئەمما بەكمۇ مۇھىمدۇر. بۈگۈنكى ئەقلىڭىز بىلەن تۈنۈگۈنكى خاتالىقىڭىزنى ئەيىبلەپ ئۈمىدسىزلەنمەڭ، بەلكى ئۇنىڭدىن دەرس چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى تۈزىتىشىڭىز ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك. تۈنۈگۈنكى بەتتە نېمە يېزىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈن قولىڭىزدا يېڭى بىر قەلەم بار. ئاشۇ قەلەمنى مەسئۇلىيەت بىلەن قولىڭىزغا ئېلىپ، ھايات خەرىتىڭىزنى قايتىدىن سىزىپ چىقىش ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن ئالاھىدە ئىنئام ۋە ئىمكانلىرىدىن بىرىدۇر.

ئۆتمۈشتىن ئازاد بولۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى يۈز بەرگەن ئىشلارنى قوبۇل قىلىشتۇر. سىز غەمگە پاتقانسىرى ئازابىڭىز كۈچىيىدۇ. «ئۆتمۈشۈمدىكى دەرت - ئەلەملەر ماڭا نېمىلەرنى ئۆگەتتى؟» دەپ سوراش ئارقىلىق ئازابتىن ھېكمەت ۋە دەرس چىقارغىلى بولىدۇ. رەببىڭىز ھېچقاچان سىزنى يامانلىققا ئىتتىرىش ئۈچۈن جازالىمايدۇ، بەلكى سىزنى غاپىللىقتىن ئويغىتىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدۇ.

بەزىدە ۋاز كېچىش يوقىتىش ئەمەس، ئەكسىچە يېڭىلىققا ئورۇن بوشىتىشتۇر. ھايات خۇددى ئىنساننىڭ نەپەسلىنىش جەريانىغا ئوخشايدۇ؛ يېڭى نەپەس ئېلىش ئۈچۈن كونا نەپەسنى چوقۇم چىقىرىپ تاشلىشىڭىز كېرەك. جالالىددىن رۇمىي ئېيتقاندەك: «ھەر بىر يوقىتىش ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر».

سۈكۈت بۈيۈك يۈكسىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى

بىرەر ئىشنىڭ ئۆزگىرىشىنى خالىسىڭىز، ئاۋۋال تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. قۇرئان كەرىمدىكى: «بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» (سۈرە رەئد، 11-ئايەت) دېگەن ئايەت ئۆزگىرىشنىڭ ئىچكى دۇنيادىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ھىرا غارىدا ئالتە ئاي خىلۋەت ۋە جىمجىتلىق ئىچىدە ئىستىقامەت قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنىڭغا ئىلاھىي ۋەھىي كەلدى، ئاندىن ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزگەرتكۈدەك كۈچلۈك ئىرادىگە كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاكى ۋاپاتىنىڭ ئاخىرىغىچە قەتئىي بوشاشمىدى، داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭدى، ئاخىرىدا ئىسلامنى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقاردى.

دېمەك، ھەقىقىي ئۆزگىرىش سۈكۈت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن باشلىنىدۇ، ئاڭنى يېڭىلاش بىلەن كۈچلىنىدۇ. كونا «مەن» ئۆلمىگۈچە، يېڭى «مەن» تۇغۇلمايدۇ. ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئۆمۈر بويى داۋاملىشىدىغان بىر جەرياندۇر. پۇرسەت ئىزدەيدىغان كىشى ئەمەس، ئىرادىلىك كىشى ئۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

ئۆزىنى تونۇش ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ مۈشكۈل سەپەردۇر. ھەقىقىي ئەركىن ئىنسان ئۆزىنى: پىكىرلىرىنى، ھېسسىياتىنى ۋە ئىنكاسلىرىنى باشقۇرالايدىغان ئىنساندۇر. روھىي ئەركىنلىككە بارىدىغان يولدا جىمجىتلىق باسقۇچى ئىنتايىن مۇھىم. جىمجىتلىق بەدەن سۈكۈت قىلىپ، زېھىن سۆزلەيدىغان روھىي ھالەتتۇر. ئۆزلۈكىنى تاماملىغان ئىنسان سىرتقى دۇنيانىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدىمۇ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدۇ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىمۇ تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ؛ ماختالسىمۇ، تەنقىدلەنسىمۇ ئوخشاش بىر مەۋقەدە تۇرالايدۇ.

سۈكۈتنىڭ چېگراسى

ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە ئەخلاق پەلسەپىسىدە سۈكۈت ھەرگىزمۇ مۇتلەق مەدھىيەلىنىدىغان ياكى ھەممە يەردە قارىغۇلارچە قوللىنىلىدىغان بىر پىرىنسىپ ئەمەس. ئەكسىچە، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى سۆزلەش بىلەن جىم تۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئىنتايىن نازۇك چېگرا لىنىيەسى ئارقىلىق ئايرىپ بەرگەن. چۈنكى جايىدا قىلىنغان سۈكۈت دانالىق بولسا، سۆزلەش زۆرۈر بولغان يەردە سۆزلىمەسلىك ئەخلاقىي ئاجىزلىقتۇر. سۈكۈت بىلەن سۆزنىڭ بۇ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىنسانىي ھەرىكەتنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى مەقسەتلىرى ئارقىلىق چۈشىنىش مۇمكىن.

سۈكۈت قىلىش شەرت بولغان ۋە ئىنساننى مەنىۋى يۈكسىلىشكە باشلايدىغان ئالاھىدە ئورۇنلار باردۇر. مەسىلەن، ئىنسان غەزەپلەنگەندە، كېيىن پۇشايمانغا قالىدىغان ناچار سۆزلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ تىلىنى تىزگىنلىشى لازىم. نادانلار بىلەن قۇرۇق جېدەل-ماجىراغا چۈشۈپ قېلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن، غەيۋەت ۋە پىتنە-پاسات سورۇنلىرىغا شېرىك بولۇشتىن ساقلىنىشتا سۈكۈت قىلىش ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قالقاندۇر. ئەكسىچە، خىلۋەتتە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئىچكى دۇنياسىنى پاكىزلاش ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش پەيتلىرىدىكى سۈكۈت ئىنساننىڭ ئۆزىگە روھ تىۋىشىنى ئاڭلىتىدىغان ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر.

سۈكۈت قىلىش روھىي نۇقسانغا، ئەكسىچە سۆزلەش ئەخلاقىي پەرزگە ئايلىنىدىغان تولىمۇ ھالقىلىق ئورۇنلارمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، جەمئىيەتتە گۇناھ-مەئسىيەت ۋە بۇزۇقچىلىق ئاشكارا بولغاندا ئۇنى توسۇش ئۈچۈن سۈكۈتنى بۇزۇپ، كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ۋە يامانلىقتىن قايتۇرۇش ھەر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق چاغدا جىم تۇرۇۋېلىش جەمئىيەتتە گۇمراھلىقنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىگە يول ئاچىدۇ. ئاللاھ تائالا بەزى قەۋملەرنىڭ زاۋاللىققا ئۇچرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بىر-بىرىنى قىلغان ئەسكى ئىشلىرىدىن توسمايتتى، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى نېمىدېگەن يامان!» (سۈرە مائىدە، 79-ئايەت).

بىرەر ۋەقەگە گۇۋاھ بولغان كىشىنىڭ مەھكىمىدە ياكى ھەق تەلەپ قىلىنىدىغان ئورۇنلاردا جىم تۇرۇۋېلىشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بىلەن باراۋەر جىنايەتتۇر. چۈنكى بۇنداق چاغدىكى سۈكۈت مەزلۇمنىڭ تېخىمۇ زىيان تارتىشىغا، جىنايەتچىنىڭ بولسا جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا يول ئاچىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە گۇۋاھلىقنى يوشۇرماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن (سۈكۈت قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ قەلبى گۇناھكاردۇر» (سۈرە بەقەرە، 283-ئايەت).

جەمئىيەتتە ناھەقچىلىق، زۇلۇم ۋە ساختىپەزلىك ئاشكارا بولغاندا، مەزلۇمنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئەگەر كۈچى يەتمىسە تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن... » (مۇسلىم، ئىمان، 78). بۇ ھەدىس گۇناھ، جىنايەت، يامانلىق، ئەخلاقسىزلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلىشنىڭ قورقۇنچاقلىق ياكى ئىمانىي ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى، كۈچى يەتكەن يەردە سۈكۈتنى بۇزۇپ سۆزلەشنىڭ ئىماننىڭ كۈچىدىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىلىم يەتكۈزۈش، ھەقكە دەۋەت قىلىش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش كېرەك بولغان چاغلاردا سۈكۈت قىلىۋېلىشمۇ ھەرگىزمۇ پەزىلەت ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز» (سۈرە نىسا، 114-ئايەت) دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئالىملارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ ياكى تەجرىبە ئىگىلىرىنىڭ كىشىلەر نادانلىق سەۋەبىدىن قاراڭغۇلۇقتا قالغان چاغلاردا ئۆزىدە بار بولغان توغرا ئىلىم، ھەقىقەت ۋە تەجرىبىنى ئۇلارغا ئۆگەتمەستىن سۈكۈت قىلىۋېلىشى ئىلىمگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىلمىنى يوشۇرۇپ، سۈكۈتكە چۆمگەنلەر ھەققىدە ئىنتايىن ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (يەنى پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ» (سۈرە بەقەرە، 159-ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىمنى يوشۇرۇشنىڭ خەتىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر ئىلىمنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدۇ» (سۇنەن تىرمىزىي، ئىلىمنى يوشۇرغانلارنىڭ جازاسى، 2649).

دېمەك، كىشىلەر ئارىسىنى تۈزەش ۋە ئىسلاھات ئۈچۈن سۆزلەش قۇرۇق سۈكۈتتىن مۇتلەق ئەۋزەل، بەلكى ۋاجىبتۇر. بۈيۈك ئالىم ئىبنى قەييىم جەۋزىي رەھىمەھۇللاھمۇ دادىل سۆزلەش بىلەن سۈكۈت قىلىشنىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «باتىل ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۇنىڭغا يانتاياق بولۇپ سۆزلەش قانداق گۇناھ بولسا، ھەق ئاشكارا قىلىنىش لازىم بولغاندا سۈكۈت قىلىۋېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھتۇر» (ئىبنى قەييىم، مەدارىجۇس سالىكىن، 2-توم، 45-بەت).

خۇلاسە

مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۈكۈت، ئىرادە، مەسئۇلىيەت ۋە روھىي ئەركىنلىك تېمىلىرى بىر ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى تاماملىشىدىكى ئۇلتاشلارنى تەشكىل قىلىدۇ. بىز مۇلاھىزە قىلغان ھەربىر ئۇقۇم ئەمەلىيەتتە روھىي يۈكسىلىشنىڭ تۈۋرۈكلىرىدۇر. ئىرادە ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش جۈرئىتى بولسا، مەسئۇلىيەت ھايات تىزگىنىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك، بەلكى ئۆز تاللاشلىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئىگە بولۇش دېمەكتۇر. ئىسلام ئەخلاقىدىكى «ئىستىقامەت» ۋە «نەپسنى مۇھاسىبە قىلىش» پرىنسىپلىرى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئىنسان مۇۋەپپەقىيىتى ئالدى بىلەن ئۆز ھاياتىنى باشقۇرۇش، تۈرلۈك باھانىلەرنى تاشلاپ «مەن نېمە قىلالايمەن؟» دېگەن سوئالنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن باشلىنىدۇ.

بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ تۈپ ۋە ئىلمىي يەكۈنى شۇكى، سۈكۈت مۇتلەق ئەۋزەللىك ياكى ھەممە يەردە مەدھىيەلىنىدىغان پىرىنسىپ ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئېنىق چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە شەرتلىك پەزىلەتتۇر. ئۆز نەپسىمىزنىڭ تىنىمسىز بوھرانلىرىغا، شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە، غەزىپىمىزگە، نادانلارچە قۇرۇق جېدەللەرگە، غەيۋەت ۋە پىتنە سورۇنلىرىغا دۇچ كەلگەندە سۈكۈت قىلىش — ئىنساننى ئۆزىگە خوجايىن قىلىدىغان، روھنى تاۋلايدىغان ئالىي بىر پەزىلەت ۋە يوشۇرۇن قۇدرەت بولسىمۇ، ئەكسىچە ھەق ۋە ئادالەت دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا، ناھەقچىلىق ۋە زۇلۇم ئاشكارا بولغاندا، ھەق ۋە توغرىنى يەتكۈزۈش ۋە كىشىلەر ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم بولغاندا سۈكۈت قىلىۋېلىش — روھىي ئاجىزلىق، ھەتتا ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇنداق ئەھۋاللاردا نادانلىق ياكى قورقۇنچاقلىقتىن كېلىپ چىققان سۈكۈت ھېچقاچان نىجاتلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە باغلىنىۋالماسلىق ۋە كەچۈرۈمچانلىق مەسىلىسى روھنى ئېغىر زەنجىرلەردىن ئازاد قىلىپ، كەلگۈسىگە پاكىز ۋە يېڭى بەت ئېچىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. كەچۈرۈش بولسا ئۆتمۈشتىكى ئازابنى دانالىققا ئايلاندۇرۇش جەريانى بولۇپ، ئۇ بىر ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئىچكى قۇدرەتنىڭ ئەڭ ئالىيجاناب ئىپادىسىدۇر. سىرتتىن كەلگەن تەستىق ياكى ماددىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە قارىغاندا، روھىي خاتىرجەملىك ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش چوڭ بىر زەپەرنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى سىرتقى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئاڭنىڭ يۈكسىلىشىدە يوشۇرۇنغان. بىز ئۆز پىكىرلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش، سەۋر بىلەن يىلتىز تارتىش ۋە ئىچكى سادايىمىزغا قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئۆز ئەسلىمىزگە قايتالايمىز. ھەر بىر تىنىق يېڭى بىر پۇرسەت، ھەر بىر قەدەم يېڭى بىر يۈكسىلىش باسقۇچىدۇر. ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى پەتھى قىلغان، ئۆتمۈشى بىلەن ياراشقان ۋە ھەرىكەتنىڭ قىممىتىنى بىلگەن ئىنسان ئۈچۈن دۇنيا جازا مەيدانى ئەمەس، بەلكى بىر مەكتەپتۇر.

ھايات بىر تاللاش جەريانىدۇر. سەن يا باھانىنى تاللايسەن، ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ يۇقىرى ئۆرلەشنى. قايسىبىرىنى تاللىساڭ، تەقدىرىڭ شۇ يۆنىلىشتە شەكىللىنىدۇ. ھەقىقىي زەپەر نەپسنىڭ ھەۋەسلىرىگە قۇل بولماستىن، ئۆزىنى كونترول قىلالىغانلارغا مەنسۇپتۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

قۇرئان كەرىم.
بۇخارىي، مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل، سەھىھۇل بۇخارىي، قاھىرە، دارۇلھەدىس، 2004-يىل.

تىرمىزىي، مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا، سۈنەنى تىرمىزىي، بېيرۇت، دارۇلغەربىل ئىسلامىي، 1998-يىل.

غەززالىي، ئەبۇ ھامىد، ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن، بېيرۇت، دارۇلمەئرىفە، 1982-يىل.

ئىبنى قەييىم جەۋزىي، مەدارىجۇس سالىكىن، قاھىرە، دارۇلھەدىس، 2005-يىل.

رۇمىي، جەلالىددىن، مەسنىۋى شەرىف، قاھىرە، دارۇسسەلام، 2001-يىل.