بۇ شېئىرلاردا ئاساسلىقى ھىجران، سېغىنىش، يالغۇزلۇق، ئائىلە ئازابى، ۋەتەن ھەسرىتى ۋە ئېغىر بېسىملار ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مۇساپىر روھنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شائىرە جۇدالىق، چارىسىزلىق ۋە كۆڭۈل ئازابلىرىغا قارىماي، ئاللاھقا بولغان ئېتىقاد، سەبىر ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىد بىلەن پۇت تىرەپ تۇرۇش، بالىلىرى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ياشاش ئىرادىسىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەم-ئەندىشەلەردىن يىراق، تىنچ-ئامانلىق، مەپكۇرىۋى سۆيگۈ ۋە ئەركىنلىككە تولغان بىر ھاياتقا بولغان چۇڭقۇر تەشناسلىقىنى گۈزەل ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
باھالىغۇچىلار: راھىلە كامال، ئەسما ئاي يۇلتۇز
ئۈمىد قۇياشى
ئىزىڭغا يامىشىپ گۈللەر، زىمىستاندا ئۈنەر دائىم،
شۈمۈپ چوغ يالغۇزۇڭ تۈندە، بوسۇغاڭدا تۈنەر دائىم.
ئەقىدە تاۋلىنىپ چىققان، يۈرەكتە بىر ئۇۋاڭ قالدى،
قىلىپ ئارمانلىرىم پەرۋاز، يېنىڭغا تەلپۈنەر دائىم.
كېلەر سەلكىنلىرىڭ خۇشبۇي، ھېدىڭدىن بىر تۇتام چىشلەپ،
لېۋى كۆيگەن بۇلاقلارغا، قۇشۇم پىنھان كۆنەر دائىم.
ئۈنۈڭ يەتمەس دالالاردىن، جامالىڭنى سوراپ كەلدىم،
ئۈمىد نۇرلۇق سۈزۈك تاڭنىڭ، قۇياشىغا چۆمەر دائىم.
مېنى ئۈركۈتسىمۇ قۇشلار، ۋىسالىڭنى كۈتەر بىر جان،
قارارىم بۇ يورۇق قەلبىم، مۇھەببەتكە چۆكەر دائىم.
يالغۇز
ھەسرەتنى يېمەيمەن، مېنى يېگەندۇر،
كۆزۈمنىڭ سۈرگۈنى تاملاردا يالغۇز.
بىر پارچە ئاي كەبى شولىسى چۈشسە،
ئۆزۈمدەك ئېرىيمەن شاملاردا يالغۇز.
دەردىڭنى دىمەيمەن، ماڭا دىگەندۇر،
كېپەنسىز بۇ روھىم جانلاردا يالغۇز.
يىراقى بەك يىراق، يېقىنى پىراق،
دەردىڭمەن يېنى بار يانلاردا يالغۇز.
يوللىرىڭ يول كەبى، مېنىڭ تىكەندۇر،
يارىدار ئەتىمىز تاڭلاردا يالغۇز..
چۈشلەردەك چىرايلىق، ھاياتتەك قارا،
ئۈمىدىم توزىغان چاڭلاردا يالغۇز..
قار ساڭا يېڭىلىق، ماڭا كېپەندۇر،
بىر چېچەك ئاخىرقى تاللاردا يالغۇز.
بىر ئىسىم گوياكى ئىسمىمدەك تونۇش،
يۇلتۇزدەك ساقىدى پاللاردا يالغۇز.
بىلمىدىم
يالغۇز دەسسەپ ئالدىمغا ماڭارىمنى بىلمىدىم ،
سەنسىز قانداق كۈن ئىلىپ ياشارىمنى بىلمىدىم.
بالىلىرىمنى قانداقچە باقارىمنى بىلمىدىم ،
قانداق قىلاي يولدىشىم قارارىمنى بىلمىدىم.
ياشاپ يۈرسەڭ قېشىمدا قىممىتىڭنى بىلمىدىم ،
بەزەن كۆڭۈل بۆلمەستىن رەنجىتتىممۇ بىلمىدىم.
ئەجەپ يەتتىم قەدرىڭگە ئۆينى ئوڭچە كىيگەندە،
نەلەردىسەن ھاياتىم غەمگۈزارىم بىلمىدىم.
دادام دەيدۇ بالىلىرىڭ نېمە دەيمەن ئۇلارغا،
پەقەت خالى يىغلايمەن ياراتقان شۇ ئاللاھقا.
ئەجەپ كەلدى بۇ ھىجران مىنىڭ گۈلدەك چېغىمدا،
ئائىلە نىڭ تۈۋرۈكى قاچان كېلەر قېشىمغا.
بالىلارغا دادىسىز ئۆتكەن كۈنلەر مەنىسىز،
ئۆيۈمدە يوق كۈلكىلەر خوشاللىقلار ھەم سەنسىز.
ئەتكەن ئېشىم تېتىماس پولۇلىرىم ھەم تەمسىز ،
كۆڭۈل يىتىم قالدىغۇ يۈرەكلەر سوقار ئەنسىز
ئاپام نە ھال قېرىنداش قاياشىمنى بىلمىدىم ،
ھىچ كەلمىدى خۇش خەۋەر ياسارىمنى بىلمىدىم.
ۋىسال تېپىپ جەم بولۇش زاماننى بىلمىدىم،
ھەتتا ھازىر نەلەردە ھاياتمۇ سەن بىلمىدىم.
ئەجەپ ئۆرتەندى بۇ باغرىم ئىلاجىنى بىلمىدىم ،
يەنە قانداق سىناققا بەرداشىمنى بىلمىدىم.
دەردنى سالدى ئاللاھىم ئالارىنى بىلمىدىم،
قاچان كېلىپ باغرىڭغا باسارىڭنى بىلمىدىم.
يەنە ئۆتتى بۇ كۈنلەر ئۈمىدسىزنى بىلمىدىم،
سەن كەلگۈچە بۇ ئۆمۈر يىتەرمۇ يا بىلمىدىم.
ئۆلسەم ۋەتەن باغرىدا ياتارىمنى بىلمىدىم،
ياكى سەرسان روھ بولۇپ قالارىمنى بىلمىدىم.
بالىلىرىم بار ھەممىگە قادىر ئىگەم راببىم بار،
قىينالساممۇ جاپادا سەبىر ئاتلىق شاھىم بار.
كىچە-كۈندۈز سېنى دەپ جاينامازدا ئاھىم بار،
ئاشۇ نىجىس دۈشمەننى كانىيىغا زارىم بار
ئى ئاللاھ ...
ئۆزەڭ سالدىڭ بۇ دەردنى داۋاسىنى ھەم بەرگىن ،
ئارمانلارغا يەتكۈدەك كۈچ قۇۋۋەتنى سەن بەرگىن.
تىك تۇرماقتۇر قارارىم ئامانەتتۇر بالىلار،
تامايىم بار جەننەتتىن ئىمان ئىشەنچ سەبىر بەرگىن .
ياشىغۇم بار
ياشىغۇم بار ئۆزۈم ئۈچۈنلا.
خىياللىرىم ، ھەۋەسلىرىم بىلەن،
غەملەردىن خالى، پەقەت سەن ۋە مەن،
بۇ چارىسىزلىكنى سوتلاپ ،
ئادالەت ياساپ ،
قار لەيلىسدەك ئەمەس ،
باغدىكى يىگانە غۇنچىدەك
ئاۋايلىنىپ ،
ئاسرىلىپ ،
سۆيۈلۈپ ،
پەپىلىنىپ
ھاياتلىقنىڭ چىن مەناسىدا
ھۇزۇر بىلەن بىر ياشىسام دەيمەن...
بىزنىڭ ناخشىمىز
قورقۇتما..،
يۈرىكىم ئەمدى بېرەلمەس بەرداش،
كۆزلىرىم سەن كەتكەن يولغا پايانداز.
قۇلىقىم سەندە ،كۈلكەم كۆمۈلگەن باغرىڭغا،
پىچىرلاپ لەۋلەر تۆكەر مېھىرلەر
قىينايدۇ ھىجران پۈتكەن سېھىرلەر
قانداق سەبىر ئۇ يىللاردىن پۈتكەن ،
ھاي ھاي ،
تامچە تۇزغا چىدىمىغانلار
خىجىل بولسۇن دېڭىزدىكى بېلىقلاردىن
مانا بۇ بىزنىڭ ناخشىمىز ،
تۈگىمىدى ھىچ ..
بەك زېرىكتىم ئېتىۋېرىپ تەكرار تەكرار ،
قۇلىقىمغا خوشياقماس كونا چۆچەكلەر .
ھاردۇردۇڭ ھايات ،
بىلمىدىم ھېكمەتلەر كۆمۈلگەن سىرىڭنىڭ
بارمىدۇ ۋولقانلىرى ،قىساسلىرى .
ھىچ بولمىسا يەكشەنبىسى ؟
يىغلىمايمەن ئەمما ،
ئاچچىق كۈلكەم بىلەن كۈتۈپ ئالىمەن ھەممىنى
سۆيىمەن سىنى كۆزۈم بىلەن ،
ئوتلۇق بولمىسىمۇ ،
كەتكەن ياشلىققا يەتمىسىمۇ ،
ئەمما...
شۇنچىلىك ئەقىللىق ،
شۇنچىلىك مېھىرلىك،
تەمكىن سۆيگۈم بىلەن
كۈتىمەن سىنى.
مەنزىل
سىنى ئويلىسام خۇش كېلىدۇ كۆزۈمگە،
سىنى سېغىنسام نۇرلار تولار كۆزۈمگە .
ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆزۈمنى ياقسام ،
دۇنيا ھىچ ئىشەنمەسكەن سۆزۈمگە ،
نە قىلاي بۇ چارىسىزلىكلىرىمنى ،
ياۋاشلىقىمنى ،
ئاجىزلىقىمنى ،
ھارغىنلىقىمنى،
ھېچنىمە ئەمەسلىكىمنى ،
مەجنۇن بولساممۇ مەيلىغۇ سىنىڭ ئۈچۈن .
بىلەمسەن ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر قەيسەرلىكىڭنى
،گويا قەپەستىكى ئارسىلان كەبى
ئۈنۈڭ ئۆچسىمۇ بىر مەھەل ،
ھۆركىرەيسەن تاغلارغا ئۇلاشقاندا.
بولبۇل بولىسەن گۈللەرگە ئۇچراشقاندا.
يىغلىمايسەن بىلىمەن ،
چۈنكى يىغلاپ بولدۇڭ مەندىن پىنھاندا ،
ئۇنۇتتۇڭ كۈلۈشنىمۇ ھەم ،
چۈنكى مەنزىل بەك ئۇزاقلاردا...
كەتكۈم بار
ئارام ئىزلەپ يىراقلارغا كەتكۈم بار،
بۇ كۆڭۈلنى بىر پەس خۇشال ئەتكۈم بار.
چارچاشلارغا ئەسىر بولغان روھىمنى،
بىلسەڭ دۇنيا ئىلىپ يىراق كەتكۈم بار…
ئارام تاپسا دەيمەن ھارغىن ۋۇجۇدۇم،
سەيلىگاھتا ئەركىن نەپەس ئالغۇم بار.
غەۋغالىرى تۈگىمىگەن دۇنيانىڭ،
غەملىرىنى قويۇپ يىراق كەتكۈم بار…
بىر جېنىمغا بىر تالاي غەم ئارتىلغان،
غەمسىز شاتلىق سىنى باغاش ئەتكۈم بار.
قاناتلىرى باغلاقتىكى قۇش ئۆزۈم،
باغلاقلارنى ئۈزۈپ ئۇزاق كەتكۈم بار…
ئەركىنلىكىم كىملەرنىڭدۇر قولىدا،
قويۇپ بەرسە لەرزان ئۇچۇپ كەتكۈم بار…
سامالاردا ئۇچقان ئاشۇ لاچىندەك ،
ئۇزاقتىكى مەنزىللەرگە يەتكۈم بار…
بېسىملىرى تۈگىمىگەن ھايات بۇ،
يارالماقنىڭ مەناسىنى تاپقۇم بار.
قەدىرلەنگەن ھەر نەپەستىن زوقلىنىپ،
دېڭىز ئوكيان بويلىرىنى كەزگۈم بار…
ھەپتە
شەنبىنىڭ سۆزلىرىدىن شېكەر تامچىدى،
يەكشەنبىنىڭ ناۋاتلىرى ھەيران بولارمۇ؟
دۇشەنبىدە ۋىسالىڭدىن بەرسەڭ بىر ئاپقۇر،
سەيشەنبىدە سېغىنىشلار ۋەيران بولارمۇ؟
چارشەنبىدە چار بېغىڭنى ئەتسەم قونالغۇ،
پەيشەنبىدە ھوزۇرىڭدا غۇنچە گۈللىرىڭ
مەن پېقىرغا ۋىسالىڭدىن شەربەت سۇنارمۇ
جۈمە كۈنى سېىغىنىشقا ھامىلدار كۆڭلۈم
تولغېقىمدا بىرتال چېچىم قىرىق يارارمۇ؟
ئامان بولسۇن سېغىنغانلىرىم
قەلبىم تۇتاش مېھرىبانلىرىم،
جاندىن ئەزىز قەدىردانلىرىم،
كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدە بىراق.
ئامان بولسۇن سېغىنغانلىرىم
سېغىنىشتا يىغلايدۇ كۆزلەر،
دېيەلمەيدۇ يۈرەكتىن سۆزلەر،
بەرگى خازان بولمىسۇن گۈللەر،
ئامان بولسۇن سېغىنغانلىرىم.
كېلەر بىر كۈن مېھىرلىك بېقىپ،
قۇچاق ئىچىپ،ئۆزىنى ئېتىپ،
كۆرۈشكىچە يۈزلىرىنى يېقىپ،
ئامان بولسۇن سېغىنغانلىرىم.
سەبىر
ئۈچەككە كىرىپ كەت كۆڭلۈم .
ھاي ھاي ...
تېخى بورا توختىمىدى.
ئۈششۈپ قالىسەن.
ئازار يەپ قالىسەن.
كېتىپ تۇرسۇن كەتكەنلەر.
باھار كېلىدۇ.
شۇ چاغدا گۈللەر ئىچىلىپ ،
بەخت ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ .
كەتمە ئۈمىت،
سەنسىز مەن بىر ئۆلۈك،
گەرچە نەپەس ئالساممۇ.
ھېيت كەلگەن كۈنى
مۇساپىرنىڭ ئىچىدە بىر ئوت ،
يانار ئىكەن ھېيت كەلگەن كۈنى.
نائىلاجلىق ياسىغان بىر سوت ،
يۈرەك ئېزەر ھېيت كەلگەن كۈنى.
سېغىنىشلىرىم ھەددىدىن ئېشىپ ،
سەلدەك ئاقار ھېيت كەلگەن كۈنى.
كەمتۈكلىرىم گۈزەل ياسىنىپ ،
كۆز -كۆز قىلار ھېيت كەلگەن كۈنى.
دىلغا ھاكىم جاھىل بۇ ھىجران ،
ئەقىل بىتاپ ھېيت كەلگەن كۈنى.
ۋەتەنسىزلەر كەيسىمۇ گۈزەل ،
چانار ئىكەن ھېيت كەلگەن كۈنى.
ئۆزى كۈلسە كۆزى كۈلمەستىن
كۆڭۈل يىغلار ھېيت كەلگەن كۈنى.
كىشى بولسا ۋەتەن باغرىدا،
بەخت ئىكەن ھېيت كەلگەن كۈنى.
قەھۋەرەڭ تىلەك
بىر ئىستاكان قەھۋە دەملىدىم،
ئارىلاشتۇرۇپ ھەسرەتلىرىمنى.
ئىچمەي تۇرۇپ خىيالغا چۆكتۈم،
قوزغاپ يەنە كونا دەردلەرنى.
خىياللىرىم قەھۋە دەك تەملىك،
ئەسلىمىلەر ئاچچىق بولسىمۇ.
مىيىقىدا كۈلدۈم ئۆزۈمچە،
دىلىمدا لىق ئەلەم تۇرسىمۇ.
بىر ئىستاكان قەھۋەگە قاراپ،
كۆزلىرىڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.
سىرلىق ئىدى قەھۋە رەڭ كۆزۈڭ،
ئەسلەپ يەنە ئازابقا تولدۇم.
قەنت سالمايتتىم ، سۈتمۇ قوشمايتتىم،
قىرتاق پېتى يۇتاتتىم بىراق.
يايرار شىدى ئىچكەندە دىلىم،
جان-جېنىمدىن ئۆتسىمۇ پىراق.
بىر ئىستاكان قەھۋە قۇلۇمدا،
ئىچەلمىدىم ،كۆيدى يۈرىكىم .
بولساڭ ئىدىڭ يېنىمدا شۇ تاپ،
شۇلا ئىدى ئەسلى تىلىكىم...
ئۇنتۇپ كەتسەم كەچمىشلىرىمنى،
ئازابلارنى يۈرەك تۇيمىسا .
ئىچ ئىچىمدىن قاقاھلاپ كۈلسەم،
كۆز باشلىرىم زىنھار ئاقمىسا.
سىرلىرىمنى ئېيتسام بىراۋغا،
نامەردلەرگە قىلچە چاقمىسا.
مەنپەئەت ئۈچۈن كېچىپ ھەممىدىن،
ۋىجدانىنى پۇلغا ساتمىسا.
ياشىغۇم بار شۇ قەدەر جىمجىت،
كەينىمدىن ھەم غەيۋەت بولمىسا.
دىل ئازىرىدىن ھەممە بىزارى،
ھېچكىم ماڭا ئازار قىلمىسا.
ساداقەتنىڭ جامىدا بىر رەت،
شەربەت ئىچسەم زەھەر بولمىسا.
بۇ يۈرەكتە يەنە نە ئارمان،
مەمنۇن بولسام رەنجىش بولمىسا.
سېغىندىڭ مىنى
كۆزۈڭ قۇشلارغا باققاندا،
كىچە باغرىڭدا قاتقاندا،
كۆڭلۈڭ گۈللەرنى تارتقاندا،
سەبىلە باغرىڭنى ياققاندا،
ئېسىڭ يىللارغا ئاققاندا،
مۇڭ-زار يۈرەكنى تاپقاندا،
كۆزۈڭ قەلبىنى ساتقاندا،
غەملەر ئۈمىدنى ياپقاندا،
روھىڭ سەپىرىنى قاتقاندا،
قۇشلار ئۇۋىسىغا قايتقاندا،
ئىشىنىمەن، چۇڭقۇر ئىشىنىمەن.
سېغىندىڭ مىنى...