ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئاۋۇسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن باشلانغۇچ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ!
admin
2025-08-11 13:53:24
Medya Gösterimi
مىسلىسىز دەرىجىدە كىملىك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا دىئاسپورادا چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە سادىق ھالدا چوڭ قىلىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرۇچىدىن ئىبارەت! ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئائىلەردە ۋە ئانا-تىل مەكتەپلىرىدە پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ئۆگىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ بۇ تەربىيەنىڭ مۇنتىزىم ۋە ئىزچىل بولالماسلىقى، ھەممىدىن مۇھىمى بالىلار ياشىغان مۇھىتنىڭ ۋە مائارىپ تىلىنىڭ ھەرخىل تىللاردا بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىنتاين تۆۋەن بولۇشى، مىللىي كىملىك ئېڭى يېتىلدۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ يوققا چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئىنتايىن تەس بولماقتا...
سەرخىللار مائارىپى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان، مىللىي مائارىپ ئەندىزىسىنى شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە نىشانلىق تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بىر تور مائارىپ ئورگىنى بولۇپ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ھەرخىل پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا ئىزچىل ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە يېتەكلەش مېتوتى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئىسلام ئەخلاقى قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭ يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىسا، ماتېماتىكا، پەن بىلىملىرى قاتارلىق دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پەنلەردىكى مۇھىم بىلىملەرنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، بۇ پەنلەردىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۆگىتىپ، سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ!
سەرخىللار مائارىپى دەرس ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلاردا ئىنتىزام، ئەخلاق، توغرا كىشىلىك قاراش ۋە ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جەمئىيەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىقىيىتى ئۇنىڭ دەرسلەردىكى ئەلا نەتىجىسى بىلەنلا ئۆلچىنىپ قالماستىن، ئۇنىڭ ساغلام خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنلىكى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا سەرخىللار مائارىپى بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمنيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتە پىشقان، يېتىشكەن ۋە ياراملىق ئىنسانلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تەربىيەلەش نىشانى:
1. ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئوقۇپ يازالايدىغان، راۋان سۆزلىيەلەيدىغان نىشانغا يېتىش
2. ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى ۋە تەپەككۇر قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈش
3. گۈزەل كىشىلىك خاراكتىر يېتىلدۈرۈش
ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر:
ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ماتېماتىكا ۋە تەپەككۇر مەشىقى
ئەخلاق ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش
ھەپتىدە ئۈچ سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ
دەرس تىلى: ئۇيغۇرچە
تەربىيەلەش مۇددىتى: ئەڭ ئاز سەككىز ئاي، ئەڭ كۆپ 32 ئاي
مائارىپىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەق ئېلىنىدۇ.
دەرس ھەققى:
ئامېرىكا ۋە كانادا ئۈچۈن ئايلىق 60 ئامېرىكا دوللىرى
ياۋروپا ئۈچۈن ئايلىق 50 ياۋرو
ئاۋستىرالىيە ئۈچۈن ئايلىق 60 ئاۋۇستىرالىيە دوللىرى
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئايلىق 40 ئامېرىكا دوللىرى
ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ئايلىق 40 ئامېرىكا دوللىرى
سىنىپلار ۋاقىت رايۇنىغا قارىتا بېكىتىلىدۇ، ئەڭ ئاز بىر سىنىپتا 5 ئوقۇغۇچى بولغاندا دەرس باشلىنىدۇ
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. جەدۋەل بىردەك ئۇيغۇرچە تولدۇرۇلىشى لازىم، ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلەر باشقىلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ.
2. ئې-خەت ئادرىسىڭىز توغرا بولىشى، تېلېفون نومۇرىڭىز چوقۇم ۋاتاسئەپكە ئۇلانغان بولىشى لازىم.
3. رەسىم ئۆلچەملىك بولىشى لازىم.
4. نېمە ئۈچۈن سەرخىللار مائارىپى دېگەنگە چۈشەنچىڭىز ۋە مەقسىتىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىڭ.
تىزىملىتىش ئاخىرقى چېكى: ئىستانبۇل ۋاقتى 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 11:50 كىچە
بۇيەرنى چېكىپ تىزىملىتىڭ
☆☆☆☆☆
(0)