توزان قەسىدىسى (ئوسمانجان ساۋۇت)
Esma ilham
2025-08-06 16:48:57
Medya Gösterimi
(بىر مۇھاجىرنىڭ چەت ئەلگە بارغان ئىلىم -پەن خادىملىرىغا ئېيتقانلىرى )
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
تۇزىمىسۇن يۇرتتىن كەلگەن توزانلار .
ئۇنى سۈرەي كۆزلىرىمگە،سۈيەيمەن ،
مەن تېنىگەن ،يول ئاداشقان قوزاڭلار...
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
قونسۇن ئۇلار ئۈستۈمگە ،ياق قەلبىمگە .
ئانا يەرنىڭ زەررىسىدۇر ئۇ توزان،
نۇر بولغۇچى ،مەن ئايرىلغان بەختىمگە َ!
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
پۇراپ ئالاي باغلىرىمنىڭ ھىدىنى .
ئىپار چېچەك ،ئىپار غۇنچە،ئىپار گۈل ،
يۇيسۇن دىلدىن ھىجرانلارنىڭ دېغىنى .
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
ئۇ زەررىلەر تەۋەرۈكتۇر ،مۇقەددەس.
مەن كۈرىمەن تەڭرى تاغنى ئۇنىڭدىن ،
كۈمۈش چاچلىق ،مەغرۇر،ئۇلۇغ ،زەبەردەس .
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
مەن ئۇنىڭدىن شاھ مۇقاملار ئاڭلايمەن.
شاۋقۇن سالار دەريالىرىم زەر قىرغاق ،
خىيالىمدا دەريالارغا قارايمەن .
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
ئۇ ۋەتەننىڭ تۇپرىقىدۇر تۇتىيا .
ئىز تاشلىدى پىشانەمگە جۇدالىق ،
يارا سالدى يۈرەگىمگە ھەر گىياھ .
ئىنسان پەقەت ئۈچ نانغىلا تۇياركەن ،
تۇياركەنۇ نان غېمىنى قۇياركەن .
غاپىللىقتىن ئۆچسە ئەقىل شاملىرى ،
ئۆز كۈزىنى ئۈزى جەزمەن ئۇياركەن .
(بۇلبۇل دەركەن تىكەنلەرنى ۋەتىنى،
ئالتۇن قەپەس ھەيۋىتىنى ئاچسىمۇ )
شۇ بىر قۇشچە بۇلالمىدىم ۋاي ئىسىت ،
ئازغۇ مىنى تاغلار كېلىپ باسسىمۇ .
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
قىيالمايمەن ئۇنى ھەرگىز قېقىشقا ...
بىر زەررىگە تەسەددوقتۇر مىڭ ھايات ،
ئۇ زەررىلەر سەرخىل شولا چېچىشتا...
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،
ئۈستۈڭدىكى چاڭ توزانغا تەشنامەن .
چۆلدە قالغان يۈگۈرگەندەك ئالۋۇنغا ،
بىر ھالەتكە مەھكۇم بولدۇم،ئەسرامەن .
1981.يىل ئىيول .بېيجىڭ .
☆☆☆☆☆
(0)