سەرخىللار مۇنبىرى

ھىدايەتنامە ( ئا.ئۆتكۈر )

aarman
2024-12-29 13:48:39
Avatar
Medya Gösterimi
    (1) ❤️

★★★★★

(100)



مەن ئاق بايراق ئەمەس

(ئابدۇرىھېم ئۆتكۈر)

1
كۈمۈش كەبى يالتىراق،
مەرۋايىتتەك پارقىراق.
بىر چوققا بار ئاسمانغا مەغرۇر بېشى تاقاشقان،
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تەڭرىتاغقا جايلاشقان.

مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ،
ھەممىدىن ئاۋۋال باشلاپ،
شۇ چوققىنى سۆيىدۇ مەڭزىنى يېقىپ مەڭزىن،
ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن، غەربكە بارار ئاندىن.

كېچە بولسا تولۇن ئاي،
ئۆتمەيدۇ ئۇندا قونماي.
يەتتە يۇلتۇز ھەم ھۈكەر، زۇھەل بىلەن مۇشتىرى.
ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تەزىم قىلىپ ھەر بىرى.

ئېرىمەيدۇ قىش-يازى،
ئاق شايىدەك قار-مۇزى.
كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبى'ئەتنىڭ ئەكسى --
تاشنى يەرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قار لەيلىسى.

شۇڭلاشقىمۇ بۇ چوققا،
بەزى بولۇپ ھۆرلىقا.
كۆرۈنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى.
ياكى باھار كۈنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.


2

بۇنى بىلمەي بىر جاناب،
خانتەڭرىگە بىر قاراپ،
دەپ تاشلىدى: "بۇ چوققا يىراقتىن قارىماققا --
ئوھشايدىكەن ئەل بولغان قوشۇ

داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن   كىرىڭ

comment_media

ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىڭ!