ھەر نەرسە تەرتىپسىزلىشىدۇ: ئېنترۇپىيە دېگەن نېمە؟
(2 ئاي بۇرۇن)
ئېنترۇپىيە (Entropy)
ئېنترۇپىيە — بىر سىستېمىدىكى تەرتىپىسىزلىك ياكى تاسادىپىيلىك مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قوللىنىشقا بولمايدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مىقدارى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئاساسەن، ۋاقىت ئۆتۈش بىلەن ئېنترۇپىيە ئاشىدۇ؛ دېمەك، سىستېمىلار تەبىئىي ھالدا كۆپرەك تەرتىپسىزلىككە ۋە تۈزۈلمىنىڭ ئازىيىشىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
بۇ چۈشەنچە پەقەت فىزىكىلىق سىستېمىلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر نەزىرىيەسى ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ.
🌀 ھەر كۈنىدىكى مىسال
ھەر كۈنى كىيىم ئىشكابىڭىزنى تەرتىپكە سالسىڭىزمۇ، بىر ھەپتە ئۆتۈپلا قايتا قالايمىغانلىشىدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟
ياكى ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئەڭ مۇھىمىنى تاللاشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بۇنىڭ سەۋەبى — ئېنترۇپىيە.
ھەر نەرسە تەرتىپسىزلىشىدۇ: ئېنترۇپىيە دېگەن نېمە؟
ئېنترۇپىيە، بىر سىستېمىدىكى تەرتىپسىزلىك مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئاساسەن، ھەرقانداق بىر سىستېما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈش بىلەن تەرتىپسىزلىشىدۇ.
بۇ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىش ئىشلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
🔥 تېرمودىنامىكىدىكى ئېنترۇپىيە فۆرمۇلىلىرى
(a) Foundation formula
S = kB ln Ω
بۇ يەردە:
S — ئېنترۇپىيە
kB — بولتزمان تەڭشىكى (1.38 × 10⁻²³ J/K)
Ω — سىستېمىنىڭ مۇمكىن بولغان مىكروسكوپىي ھالەت سانى
(b) Differential form
dS = δQrev / T
dS — ئېنترۇپىيە ئۆزگىرىشى
δQrev — قايتۇرۇلمىلىق ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش مىقدارى
T — ئەبسۇلۇت تېمپېراتۇرا (Kelvin)
(c) Entropy change
ΔS = ∫(δQrev / T)
ئەگەر T ئۆزگەرمىسە:
ΔS = Qrev / T
(d) Example — Ideal Gas
ΔS = nR ln(V₂/V₁) = nCV ln(T₂/T₁) + nR ln(V₂/V₁)
n — ماددە مىقدارى (mol)
R — گاز تەڭشىكى (8.314 J/mol·K)
V₁, V₂ — باشلانغۇچ ۋە ئاخىرقى ھاجىم
T₁, T₂ — باشلانغۇچ ۋە ئاخىرقى تېمپېراتۇرا
💡 ئۇچۇر نەزىرىيەسىدىكى ئېنترۇپىيە
Shannon Entropy formula
H(X) = -∑ p(xᵢ) logb p(xᵢ)
H(X) — ئۇچۇر ئېنترۇپىيەسى
p(xᵢ) — نەتتىجە xᵢ نىڭ ئېھتىماللىقى
b — لاگېرىفم ئاساسى (ئادەتتە 2 → bit)
Example:
ئەگەر ناتۇرال بىر سىستېما ئىككى ھالەتتە 50%–50% بولسا:
H = -[0.5log₂0.5 + 0.5log₂0.5] = 1 bit
→ ئەڭ چوڭ بەلگىسىزلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنترۇپىيە ھالىتى.
🧠 خۇلاسە
تېرمودىنامىكاS = kB ln Ωتەرتىپسىزلىك مىقدارى
تېرمودىنامىكاdS = δQrev/Tئىسسىقلىق بىلەن باغلىق ئۆزگىرىش
ئۇچۇر نەزىرىيەسىH(X) = -∑ p(xᵢ)logbp(xᵢ)ئۇچۇر بەلگىسىزلىكى
-
-
-
-
-
-
ھەر نەرسە تەرتىپسىزلىشىدۇ: ئېنترۇپىيە دېگەن نېمە؟
ئېنترۇپىيە (Entropy)
ئېنترۇپىيە — بىر سىستېمىدىكى تەرتىپىسىزلىك ياكى تاسادىپىيلىك مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قوللىنىشقا...
😢 1
ئۇخلاپ قالغان ئوقۇغۇچى — بىر قەلبنىڭ قەھرىمانلىقى
(2 ئاي بۇرۇن)
كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىرىنىڭ بىرىدە، بىر ئوقۇغۇچى دەرسىدە ئىختىيارسىز ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇ ئويغانغاندا سىنىپ جىمجىت بولۇپ، دەرس تۈگەپ ھەممەيلەن سىنىپتىن چىقىپ كەتكەن ئېدى. تاختايغا يېزىلغان قارا رەقەملىك ئىككى مەسىلە، ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. ئۇ تاختىغا يېزىلغان بۇ مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇق دەپ ئويلاپ، دەپتىرىگە خاتىرىلەپ، ئۆيىگە قايتىدۇ.
كەچتە، ئۇ دەپتىرىنى ئېچىپ مەسىلىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ماتېماتىكا مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى قىيىن، قارىماققا «ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارىلىدىغان تىپتىن مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن تەس بولسىمۇ قەتئىيلىكى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن ئۇ ھارماي-تالماي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.
كۇتۇپخانىلارنىڭ تىنچلىقىدا، كىتابلارنىڭ سەھىپىلىرى ئارىسىدا، ئۇ ئۆز قەلبىگە قۇلاق سالىدۇ. ھەر بىر قەدەم، ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. كۈنلەر ئۆتىدۇ، ئۇ تۆت بەتلىك ھېسابلاش ئارقىلىق ئاخىرى مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى ھەل قىلىدۇ.
كېيىنكى سائەتلىك دەرستە، پروفېسسور تاختيغا يېزىلغان بۇ «تاپشۇرۇق» ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمەيدۇ.بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچى ھەيران بولۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ سورايدۇ:
— «پروفېسسور، ئالدىنقى قېتىم تاپشۇرغان تاپشۇرۇق ھەققىدە نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟»
پروفېسسور كۈلۈمسىرەپ، ھەيرانلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ:
— «تاپشۇرۇق؟ ئۇلار تاپشۇرۇق ئەمەس ئىدى… ئۇلار ھېچكىم ھەل قىلالمىغان ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنىڭ مىسالى ئىدى!»
ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزلىرى ھاياجان بىلەن چاقنايدۇ ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا شۇنداق دەيدۇ:
— «بىراق… مەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ھەل قىلدىم!»
ئۇنىڭ ھېسابلاش جەريانلىرى تەپسىلى تەكشۈرۈلۈپ، توغرا ئىكەنلىكى دەلىللىنىدۇ... ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ھېكايە، ھېلىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت زاللىرىدا سۆزلىنىدۇ ۋە قەلبلەرگە قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
ھېكايىدىن چىقىرىلىدىغان ھىكمەت
سەن قانداق بولۇشقا قارار قىلساڭ، شۇنداق بولالايسەن.
«قىلالمايسەن» دېگەنلەرنى ئاڭلىما، چۈنكى ئۇلار ئۆز چەكلىمىسىنى سەن بىلەن بەھەم كۆرۈشكۈسى كېلىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت، جىسمانى جەھەتتىن ئەمەس، روھىي جەھەتتىن قەتئىي بولۇش بىلەن كېلىدۇ.
-
-
-
-
-
-
ئۇخلاپ قالغان ئوقۇغۇچى — بىر قەلبنىڭ قەھرىمانلىقى
كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىرىنىڭ بىرىدە، بىر ئوقۇغۇچى دەرسىدە ئىختىيارسىز ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇ ئويغانغاندا سىنىپ جىمجىت بولۇپ، دەرس تۈگەپ...
ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئاۋۇسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن باشلانغۇچ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ!
(3 ئاي بۇرۇن)
مىسلىسىز دەرىجىدە كىملىك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا دىئاسپورادا چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە سادىق ھالدا چوڭ قىلىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرۇچىدىن ئىبارەت! ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئائىلەردە ۋە ئانا-تىل مەكتەپلىرىدە پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ئۆگىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ بۇ تەربىيەنىڭ مۇنتىزىم ۋە ئىزچىل بولالماسلىقى، ھەممىدىن مۇھىمى بالىلار ياشىغان مۇھىتنىڭ ۋە مائارىپ تىلىنىڭ ھەرخىل تىللاردا بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىنتاين تۆۋەن بولۇشى، مىللىي كىملىك ئېڭى يېتىلدۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ يوققا چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئىنتايىن تەس بولماقتا...
سەرخىللار مائارىپى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان، مىللىي مائارىپ ئەندىزىسىنى شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە نىشانلىق تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بىر تور مائارىپ ئورگىنى بولۇپ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ھەرخىل پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا ئىزچىل ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە يېتەكلەش مېتوتى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئىسلام ئەخلاقى قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭ يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىسا، ماتېماتىكا، پەن بىلىملىرى قاتارلىق دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پەنلەردىكى مۇھىم بىلىملەرنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، بۇ پەنلەردىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۆگىتىپ، سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ!
سەرخىللار مائارىپى دەرس ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلاردا ئىنتىزام، ئەخلاق، توغرا كىشىلىك قاراش ۋە ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جەمئىيەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىقىيىتى ئۇنىڭ دەرسلەردىكى ئەلا نەتىجىسى بىلەنلا ئۆلچىنىپ قالماستىن، ئۇنىڭ ساغلام خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنلىكى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا سەرخىللار مائارىپى بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمنيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتە پىشقان، يېتىشكەن ۋە ياراملىق ئىنسانلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تەربىيەلەش نىشانى:
1. ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئوقۇپ يازالايدىغان، راۋان سۆزلىيەلەيدىغان نىشانغا يېتىش
2. ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى ۋە تەپەككۇر قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈش
3. گۈزەل كىشىلىك خاراكتىر يېتىلدۈرۈش
ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر:
ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ماتېماتىكا ۋە تەپەككۇر مەشىقى
ئەخلاق ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش
ھەپتىدە ئۈچ سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ
دەرس تىلى: ئۇيغۇرچە
تەربىيەلەش مۇددىتى: ئەڭ ئاز سەككىز ئاي، ئەڭ كۆپ 32 ئاي
مائارىپىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەق ئېلىنىدۇ.
دەرس ھەققى:
ئامېرىكا ۋە كانادا ئۈچۈن ئايلىق 60 ئامېرىكا دوللىرى
ياۋروپا ئۈچۈن ئايلىق 50 ياۋرو
ئاۋستىرالىيە ئۈچۈن ئايلىق 60 ئاۋۇستىرالىيە دوللىرى
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئايلىق 40 ئامېرىكا دوللىرى
ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ئايلىق 40 ئامېرىكا دوللىرى
سىنىپلار ۋاقىت رايۇنىغا قارىتا بېكىتىلىدۇ، ئەڭ ئاز بىر سىنىپتا 5 ئوقۇغۇچى بولغاندا دەرس باشلىنىدۇ
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. جەدۋەل بىردەك ئۇيغۇرچە تولدۇرۇلىشى لازىم، ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلەر باشقىلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ.
2. ئې-خەت ئادرىسىڭىز توغرا بولىشى، تېلېفون نومۇرىڭىز چوقۇم ۋاتاسئەپكە ئۇلانغان بولىشى لازىم.
3. رەسىم ئۆلچەملىك بولىشى لازىم.
4. نېمە ئۈچۈن سەرخىللار مائارىپى دېگەنگە چۈشەنچىڭىز ۋە مەقسىتىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىڭ.
تىزىملىتىش ئاخىرقى چېكى: ئىستانبۇل ۋاقتى 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 11:50 كىچە
بۇيەرنى چېكىپ تىزىملىتىڭ
-
-
-
-
-
-
ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئاۋۇسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن باشلانغۇچ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ!
مىسلىسىز دەرىجىدە كىملىك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا دىئاسپورادا چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە سادىق ھ...
ياراملىق ئىنساننىڭ 10 خىل ئالاھىدىلىكى
(3 ئاي بۇرۇن)
1، ھورۇن بولمايدۇ2. ئىشنى كەينىگە سۈرمەي ۋاقتىدا قىلىدۇ3، ئۆزىنى كونترول قىلايدۇ ( ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ)4. قۇرۇق خام-خىياللارنى كۆپ قىلمايدۇ5. ھاۋيى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەيدۇ6. ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇرنى توختاتمايدۇ7. شۆھرەتپەرەسلىق قىلمايدۇ8. سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولىدۇ ( قۇرۇق گەپ ساتماي، ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ)9. مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تۇتۇشنى بىلىدۇ. مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالمايدۇ10.تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇپ، قورقماس ۋە جاسارەتلىك بولىدۇ
-
-
-
-
-
-
ياراملىق ئىنساننىڭ 10 خىل ئالاھىدىلىكى
1، ھورۇن بولمايدۇ2. ئىشنى كەينىگە سۈرمەي ۋاقتىدا قىلىدۇ3، ئۆزىنى كونترول قىلايدۇ ( ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ)4. قۇرۇق خام-خىياللارنى كۆپ قىلمايدۇ5. ھاۋي...
تىرىلىيون دوللارلىق تەڭلىمە
(3 ئاي بۇرۇن)
يېشىمى مىلىيون دوللارلىق ئىككى تەڭلىمە — Navier-Stokes تەڭلىمىسى ۋە Black-Scholes تەڭلىمىسى — فىزىكا ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان، ماتېماتىكىلىق تەڭلىملەر بولۇپ، تۆۋەندە بۇ تەڭلىمىلەرنىڭ فورمۇلاسى ۋە قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى بېرىلىدۇ:
🌊 Navier-Stokes تەڭلىمىسى (ئاقار جىسىملار فىزىكىسى)
Navier-Stokes تەڭلىمىسى سۇ، ھاۋا قاتارلىق سۇيۇق جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى سۈركىلىشى، بېسىمى ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
تەڭلىمە فورمۇلاسى:
$$
rho \left( \frac{\partial \mathbf{u}}{\partial t} + (\mathbf{u} \cdot
abla) \mathbf{u}
ight) = -
abla p + \mu
abla^2 \mathbf{u} + \mathbf{f}
$$
\(
rho \): ئاقار جىسىمنىڭ زىچلىقى
\( \mathbf{u} \): ئاقار جىسىمنىڭ تېزلىك ۋېكتورى
\( p \): بېسىم
\( \mu \): ۋىسكوزلۇق (سۈركىلىش)
\( \mathbf{f} \): تاشقى كۈچ ۋېكتورى
💰 Black-Scholes تەڭلىمىسى (ئىقتىساد ۋە مالىيە)
Black-Scholes تەڭلىمىسى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ماېتماتىكىلىق مودېللاشتۇرىدۇ. بۇ تەڭلىمە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى قالايمىقان ھەرىكەتنى (Brownian Motion) قوللىنىدۇ.
تەڭلىمە فورمۇلاسى:
$$
\frac{\partial V}{\partial t} + \frac{1}{2} \sigma^2 S^2 \frac{\partial^2 V}{\partial S^2} + r S \frac{\partial V}{\partial S} - r V = 0
$$
\( V \): پايچەك ۋە تاللاش باھاسى
\( S \): ئاساسىي قىممەت
\( \sigma \): باھانى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆلچەملىك قىممىتى (volatility)
\( r \): بازارنىڭ قىزىقتۇرۇش نىسبىتى
\( t \): ۋاقىت
🔗 ئوخشاشلىقى
ھەر ئىككىسى قىسمىي دىفرېنسىيەل تەڭلىمە سېستىمىسى بولۇپ، ۋاقىتقا ۋە باشقا ئۆزگەرگۈچىلەرگە باغلىق
قالايمىقان ھەرىكەتنى قوشقاندا، ئىقتىساد ۋە فىزىكا ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
-
-
-
-
-
-
تىرىلىيون دوللارلىق تەڭلىمە
يېشىمى مىلىيون دوللارلىق ئىككى تەڭلىمە — Navier-Stokes تەڭلىمىسى ۋە Black-Scholes تەڭلىمىسى — فىزىكا ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان، مات...
❤️ 1
سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئىشلەنگەن ناخشا-ئىز
(7 ئاي بۇرۇن)
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار،ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز
-
-
-
-
-
-
سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئىشلەنگەن ناخشا-ئىز
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،ئەمدى چوڭ كا...
❤️ 1 👍 2
سەرخىللار مائارىپى ھەققىدە
(10 ئاي بۇرۇن)
بىر دەمدە تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ... شۇنچە دەبدەبىلىك ھالدا باشلىغان
مائارىپىمىز 4 - يىلىغا قەدەم قويدى. سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئىنتايىن
مۇھىمىقىنى ھەممەيلەن ئىتىراپ قىلساقمۇ شۇئان مائارىپىمىز يېتەرلىك قوللاشقا
ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ! شۇنداقتىمۇ چىشىمىزنى چىشلەپ مائارىپىمىزنى
ساقلاپ قېلىشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز... شۇنچە چارچاپ
كەتتۇق، لېكىن ئازغىنە بولسىمۇ ئۈمۈد بىزنى تىرىشچانلىق كۆرۈسۈتۈشكە ئۈندەۋاتىدۇ!
سەرخىللار مائارىپى چەكلىك ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ مىللەتنىڭ تەغدىرىدە مائارىپ
ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىشنى غايە قىلىدۇ!
كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئىچىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ سەرخىل ئىنسانلار يېتىشىپ چىقىپ
مىللىتىمىزنىڭ ئومومى تەقتىرىگە ئىجابىي تەسىر قىلسا
ھاردۇقىمىز شۇ چاغدا چىقىدۇ.
ئاللاھ بىزنى شۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسۇن!
-
-
-
-
-
-
سەرخىللار مائارىپى ھەققىدە
بىر دەمدە تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ... شۇنچە دەبدەبىلىك ھالدا باشلىغان
مائارىپىمىز 4 - يىلىغا قەدەم قويدى. سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئىنتايىن
مۇھىمىقىنى ھە...
سەرخىللار مۇنبىرى قۇرۇلدى!
(10 ئاي بۇرۇن)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەرخىللار تور بېتىمىزنىڭ تارمىقىدا سەرخىللار مۇنبىرى قۇرۇلدى. ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىدەك:تېما يېزىشتېما يېزىش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن توربەتكە كىرىپ، تېما يېزىش دېگەن تىزىملىكنى باسساڭلار بولىدۇ. تېما يېزىش كۆزنىكى ئىنتايىن گۈزەل، تېما يوللاش ئىنتايىن قولاي. تەييار يازما ياكى مېدىيالار بولسا بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يوللاپ بولالايسىلەر. قانداق تېما بولسا بولىۋېرىدۇ. رەسىم ۋە ۋىدىيو يوللىساڭلارمۇ بولىدۇ. ۋىدىيونى يوتۇبتىنمۇ، كومپيۇتېردىنمۇ چىقىرالايسىلەر.ئىنكاس يېزىشتېمىلارغا ئاكتىپ ھالدا ئىنكاس يېزىڭلار. ئىنكاس يېزىشمۇ ئىنتايىن قولاي. باشقا تەھرىرلىگۈچتە تەھىرلەپ چاپلىساڭلارمۇ، بىۋاستە يازساڭلارمۇ بولىدۇ. ئىنكاس ئىككى خىل بولۇپ، بىرى تېمىغا بىۋاستە ئىنكاس، يەنە بىرى ئىنكاسقا ئىنكاس. نەقىلىك ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىنكاسنىڭ ئاستىدىكى بەلگىنى باسساڭلار ئىنكاس كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. باھا ۋە ئىموجى بېرىشتېمىنىڭ ئاستىدا يۇلتۇز بەلگىسى بار، شۇنى باسساڭلار، 1 دىن 5 كىچە سان كۆرۈنىدۇ، شۇلاردىن بىرنى بېسىپ تېمىغا باھا بېرەلەيسىلەر! تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئاستىدا 👍 بەلگىسى بار. شۇنى باسساڭلار ئىموجىلار ئېچىلىدۇ. تېما ۋە ئىنكاسلارغا ئىموجى بېرەلەيسىلەر.ھەمبەھىرلەشتېمىنىڭ ئاستىدا ھەمبەھىرلەش ئايكونى بار، شۇنى باسساڭلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئايكونلىرى كۆرۈنىدۇ. شۇلارنى بېسىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تېمىنى ئورتاقلاشساڭلار بولىدۇ.مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاشنى ئۇنۇتماڭ!2024-يىلى 12- ئاينىڭ 27-كۈنى ( جۈمە )
-
-
-
-
-
-
سەرخىللار مۇنبىرى قۇرۇلدى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەرخىللار تور بېتىمىزنىڭ تارمىقىدا سەرخىللار مۇنبىرى قۇرۇلدى. ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىدەك:تېما يېزىشتېما يېزىش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن تو...
👌 1
تەبىئەت پەلىسەپىسىدە ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرى
(10 ئاي بۇرۇن)
*كىرىش*
گېپىمىزنى يەر يۈزىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قوياش سېستىمىسى دىن باشلايلى:
قوياش ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدقانۇنىيەتلىك ھالدا دەۋرىي ئايلىنىپ تۇرىدىغان پىلانىتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىرى بولۇپ، نوخسانسىز بىر يۇلتۇز سېستىمىسى-قوياس سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلار ھەممىزگە تونۇش، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۆزەل پىلانىتبىخەتەرئۆگزىلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرغان، دېڭىز، تاغ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، ئىنسانلارخوجايىنلىقىدىكى جانلىقلاربىلەن ھاياتى كۈچكە تولغان ئۆيىمىز يەرشارىدىن ئىبارەت.
يەرشارىمىزدا سۇ، ھاۋا، تاغۇ-تاشلار،مېنىراللار ۋە مىتورىتلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان جانسىزلار؛ئۆسۈملۈكلەر،مىكرو ئورگانىزىملار،ھاشارەتلەر، ھايۋانلارۋە ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلار بار.بۇلار ماددا ھالەتلىرىدە توختىماي يېڭلىنىپ تۇرىدۇ،بۇ ماددىلار ئارىلىرىدا يەز يۈزىدە ھەرخىل تەسىرلىشىش،ئارلىشىش ۋە ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قوياشتىن ئېلىۋاتقان ئېنىرگىيە بىلەن ھاياتلىق داۋام ئېتىدۇ...
.ئۇنداقتا يەر يۈزىدىكى بۇمەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيىتى نىمە، ئۇلار نىمىلەردىن تۈزۈلگەن؟ بۆيۈك ئىمارەتلەر پارچە-پارچەكاھىشلاردىن پۈتۈپ چىققاندەك،كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان مەۋجۇداتلار ھەممەلۇمنەرسىلەرنىڭ توپلانمىسىدىن تۈزۈلگەن بولىشى ئەقىلگەمۇۋاپىق دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرقايسىلار؟
قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر كۆزئالدىمىزدىكى مەۋجۇتلۇقنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ ئاساسىي ماددىلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكەباشلىغان بولۇپ، گەپنى قەدىمقى گىرىك پەيلاسوپلىرى ئارستوتىل ۋە دىموكىرىتلاردىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ...
قەدىمقى كىشىلەر بارلىق مەۋجۇتلۇقلارنىتۇپىراق، ھاۋا، سۇ، ئوت ۋە روھتىن ئىبارەت بەش تەركىپتىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان. لىكىن ھازىرقى زامان ئېلىم-پېنىدەماددى تۆت تەركىپنىڭ تېخىمۇ كىچىك تەركىبلەرگەبۆلىنىدىغانلىقى ئاددي بىلىملەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، ھاۋائوكسىگىن ۋە ئازوت مولىكولىلىرى ۋە باشقا تەركىپ مولىكولىلاردىن تۈزۈلىدۇ؛ سۇ سۇمولىكولىللىرىدىنتۈزۈلىدۇ؛ تۇپراق بولسا قۇم دانچىللىرى، ھەرخىل تۇزلار ۋەباشقا مىنىراللاردىن تۈزۈلىدۇ؛ ئوت بولسارىئاكسىيەدىكى كۆيۈشچان ماددىلار ۋە ئوكسىگىن، سۇ پارلىرى ھەمدە يورۇقلۇق مەنبەسى بولغان فوتۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ...
ئەمما سۇ، تۇپىراق، ھاۋا ۋە ئوتلارئۇلارنىڭ تەركىبلىرى بولغان ئوكسىگىن، ھېدىروگىن، ئازوت، سىلىتسىي، كاربون،...قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ ئاتوملىرىدىن تۈزۈلگەن مولىكولىلار توپلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئاتوملارچۇ؟
*ئاتوم، ئېلىكترون ۋە ئاتوم يادروسى*
«ئاتوم» ئاتالغۇسى قەدىمقى گىرىكچىدە قايتا بۆلۈنمەس دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تاكى ئېلىكترون بايقالغانغا قەدەر كىشىلەر ئاتومنى ماددىلارنى تۈزگۈچى ئەڭئاساسىبىرلىك دەپ قاراشقان.
1897– يىلى ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى تومسون (كاتودتىن چىققان ئۇچقۇنلار ئېقىمىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئېغىش تەجىربىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇچقۇنلارنىڭ مەنپىي زەرەتلىك ئېلىكترونلاربىلەن ئاتومنى نىتىراللىققا ئىگەقىلىدىغان مۇسپەت زەرەتلىك، ماسسى چوڭقىسىمدىن (مۇسپەت زەرەتلىك قىسم ئاتومنىڭ قايسى يېرىگە جايلاشقانلىقى نامەلۇم ئىدى) تۈزۈلگەن دەپ قاراشقان. تومسۇن دەل ئاتومنىڭ «تاۋۇز مودىلى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەرىزىچە مۇسپەت زەرەتلەر «تاۋۇز»نىڭ ئېتىگە ،ئېلىكترونلار بولسا خۇددى تاۋۇزئېتىگە تەكشى تارقالغان ئۇرۇقلىرىدەك ئاتومنىڭ ئىچىگە تارقالغان ئىدى.
ھالبۇكى بۇ مودىل 1911– يىلى تومسوننىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇزىرفۇرد ئالفا زەرىچىسى(گىللىي ئېئونى)بىلەن ئالتۇن ياپراقچىسىنى بومباردىمان قىلغانغاقەدەر كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇردى.
رۇزىرفۇرد تەجىربىسى شۇنى كۆرسەتتىكى،ئالفا زەرىچىلىرى ئالتۇن ياپىراقچىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يۈكسەك بۇلۇڭدا قېيىشدىن «تاۋۇز» مودىلىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇزىرفۇرد ئاتومنىڭ « قوياش سېستىمىسى مودىلى» نى ئوتتىرىغاقويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە،ئاتوم مەنپي زەرەتلىكئېلىكترونلار بىلەن مۇسپەت زەرەتلىك ئاتوم يادىروسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئېغىرۋە زىچ ئاتوم يادروسى ئەتىراپىدىكى كەڭرى بوشلۇقتا ئېلىكترونلار خۇددى قوياشنىڭ ئەتىراپىدىكى سەييارىلەردەكيادرو ئەتىراپىدا يۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، لىكىن بۇ ھەرىكەتلەر سەييارە ھەرىكەتلىرىدەك ئوربىتىلىق، تۇتاشسىزىقلىق ھەرىكەتلەر بولماستىن كۇۋانتلاشقان ھەرىكەتلەردۇر. كۇۋات ئۇقۇمى ھەققىدە كىيىن ئايرىم توختىلىمىز.
دىمەك باشتا «قايتا بۆلۈنمەيدۇ»دەپ قارالغان ھەم شۇنداق مەنىدىكى ئىسىم بىرىلگەن ئاتوم،ئېلىكترون ۋە ئاتوم يادروسىدىن تۈزۈلگەن بولدى. ئۇنداقتا ئۇلارنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ زەررىلەرگە بۆلۈشكە بولامدۇ يوق؟
*پروتون ۋەنىتىرون*
1869- يىلى روسسىيەلىك خېمىك دېمىترى مېندىېىۋ ئېلىمىنتلاردەۋرىي جەدىۋىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلمىنتلار ئاتوم سانى ۋەماسسىللىرىغا قاراپ ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدىۋېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، ئاتوم سانى ئۇنىڭ يادروسىدىكى زەرەت سانىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. كىشىلەر زەرەت سانى بىربولغان ئەڭ يېنىك ھېدروگىن يادروسىنى پروتون دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ،ئاتوم ئېغىر يادرو(يەنى يادرودىكى پروتون) بىلەن يادرو ئەتىراپىدىكى يېنىك ئېلىكتونلاردىنتۈزۈلگەن بولدى.
ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدۋېلىگە كۆرە، ھېدروگىن بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئېلمىنىت،دىمەك بىر دانە پروتون ۋە بىر دانە ئېلكتروندىن تۈزۈلىدۇ، گېللى بولسا ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ئېلمىنىت بولۇپ،ئىككى دانە پروتون ۋە ئىككى دانە ئېلىكتروندىن تۈزۈلىدۇ. ئەمما گېللى ھىدروگىندىن تۆت ھەسسە ئېغىر. ئېلىكترونلارنىڭ ماسسىنى ھېسابقائالمىغاندا،ئاتوم ماسسىسىئاتوم يادروسىغا مەركەزلەشكەن دەپ قارالغانلىقتىن گېللى ھىدروگىندىن ئىككى ھەسسە ئېغىر بولسا بولاتتى... مۇشۇ پىكىرنى چىقىش قىلىپ رۇزىرفۇرد 1920-يىلى ئاتوم يادروسىدا پروتوندىن باشقا يەنە زەرەتسىزئغىر زەررە بارلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بۇنى (زەرەتسىز، نىيتىرال بولغانلىقى ئۈچۈن)نىتىرون دەپ ئاتىدى.
لېكىن بۇ پەرزەز ئىدى. 1932- يىلىى چادۋىكرىزۇرفۇردنىڭ بۇ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ نىتروننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېلانقىلدى (ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 1935- يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى). نىتىرون ئېلانقىلىنغاندن كىيىن فېزىكا ئالىمى ھايسىمبېرگ ئاتوم يادروسىنىڭمۇسپەت زەرەتىك پروتون ۋە نىتىروندىن تۈزۈلگەنلىكىنىئوتتۇرىغا قويدى.
مۇشۇ يەرگە قەدەرخۇلاسىلىسەك، بىز كۆرىۋاتقانماددىلارنى تۈزگەن كىچىك بىرلىكئاتوم،ئاتوم يادروسى ۋە ئېلىكترونلاردىن تۈزۈلگەن بولدى، ئاتوم يادروسى بولسا يەنە پروتون ۋە نىترونلاردىن تۈزۈلگەن بولدى.
پروتون ۋە نىتىرونلار ماددىلارنى تۈگۈچىئەڭ كىچىك زەررىلەرمۇ؟ ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلغاندەك ئوخشاش ئۇسۇل بىلەنپروتون ۋە نىتىرونلارنى پارچىلاپ تېخىمۇ كىچىك زەررىلەرگە بۆلۈش مۇمكىنمۇ؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن پارچە-پارچەزەررىلەرنى توپلاپ ماددىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان، يەنى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئامىلنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.
-
-
-
-
-
-
تەبىئەت پەلىسەپىسىدە ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرى
*كىرىش*
گېپىمىزنى يەر يۈزىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قوياش سېستىمىسى دىن باشلايلى:
قوياش ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدقانۇنىيەتلىك ھالدا دەۋرىي ئايلىنىپ تۇرىدىغان پى...
(كومپيۇتېرىدىن)رەسىم چىقىرىپ باقايلى
(10 ئاي بۇرۇن)
رەسىم
-
-
-
-
-
-
(كومپيۇتېرىدىن)رەسىم چىقىرىپ باقايلى
رەسىم...