سەرخىللار مائارىپى تەربىيىلەش پروگراممىسى ھەققىدە دائىم سورۇلىدىغان سوئاللار

سەرخىللار مائارىپى - تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى داڭلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە، ئالىي مەكتەبنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ماگىستېرلىق پروگراممىسىغا لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. - ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانلىرىغا ياردەم قىلىدۇ. - ئوقۇغۇچىلارنى داڭلىق مەكتەپلەرگە تەۋسىيە قىلىدۇ. -داڭلىق مەكتەبلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى ھەل قىلىپ بېرىدۇ «سەرخىللار مائارىپى» نىڭ مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق مىللەتنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلات سەرخىل زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاركونكېرت نىشان تىكلەش، ئۈنۈملۈك ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە تەربىيىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا، تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىقلار زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزئىشەنچ ۋە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي ئۇيغۇر مىللىي روھى، مىللىي ۋە ئۇنۋېرسال ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىنچە يېتەكلىنىدۇ.
سەرخىللار مائارىپى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى يېڭى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇش قىزغىنلىقى كۈچلۈك، ئالاھىدە تالانتى ۋە يۈكسەك قىزغىنلىقى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
سەرخىللار مائارىپىنىڭ دەرسلىرى ئېنتېرنېت ئارقىلىق ئۆتۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارداڭلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەرگە، داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارغا ۋە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ماگېستېرلىق پروگراممىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىرىش ئۈچۈن زۆرۈر شەرت بولغان ئىقتىدارۋە پەنلەر بويىچە ئالاھىدە تەربىيىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارغا يەنە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىقلار زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مىللىي روھ ۋە ئۇنۋېرسال ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىنچە تەربىيىلىنىدۇ. ھەر قايسى ساھەلەردىكى سەرخىللار تەكلىپ قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلھاملىنىشى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. نوقتىلىق، نىشانلىق ۋە ئىلمىي تەربيىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس يېتەكچىلەر ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ مۇھىم شەرتى بولغان «ئىجتىمائىي پائالىيەت نەتىجىلىرى»نى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ۋە ئىلتىماس تەييارلىقلىرىغا ۋە تۈرلۈك رە سمىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.
سەرخىللار مائارىپى ئوقۇش مۇكاپات تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇش مۇكاپاتى تاللاش ئىمتىھان نەتىجىسىگە ۋە تەربىيىلىنىش جەرياندىكى ئىپادىسى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ. تاللاش ئىمتىھانى نەتىجىسىدە ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار، ئەگەر ئالاھىدە قىزغىنلىقى بولسا بەلگىلىك مىقتاردا ئوقۇش ھەققى تۆلەش ئارقىلىق سەرخىللار مائارىپىدا تەربىيىلىنىدۇ. مەزكۇر ئوقۇغۇچى پروگرامما جەريانىدا ئۆز قىزغىنلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىشنىڭ سان ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايدۇ. سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن قائىدە-تۈزۈم ۋە پرىنسىپلىرى بولۇپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچىلار بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ۋە پاسسىپ مۇئامىلە قىلغان ئەھۋال كۆرۈلسە كېلەركى ئايدىن باشلاپ بەلگىلىك مىقتاردا ئوقۇش ھەققى تۆلەيدۇ. ئەگەر خاتالىقىنى تونۇغاندىن كىيىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بايقالسا ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە ئىپادىلىسە كېلەركى ئايدىن باشلاپ سەرخىللار مائارىپى سۇنغان خىزمەتلەردىن يەنە ھەقسىز بەھرىمان بولالايدۇ.
سەرخىللارمائارىپى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان تىرىشچان، ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، يول كۆرسىتىش، مەكتەپ ئىلتىماسلىرىغا ياردەم قىلىش ۋە مەكتەپلەرگە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىشىغا يېقىندىن ياردەملىشىش خىزمىتىنى قىلىدىغان بولۇپ، ھازىرچە رەسمى بىر دىپلوم بىرەلمەيدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلار تەربىيىلىنىش پروگراممىسى جەرىيانىدا بەلگىلەنگەن دەرس ۋە باشقا پروگراملارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ لاياقەتلىق بولسا لاياقەتنامە كېنىشكىسى بېرىلىدۇ. لاياقەتنامە ئالغان ئوقۇغۇچىلارداڭلىق مەكتەپلەرگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارماددىي جەھەتتىن دەستەك بولالمايدۇ. ئەگەر تەربىيىلەش پروگراممىمىزغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسا ھەيئەت ئەزالىرى مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئوقۇش مۇكاپاتى ھەل قىلىپ بېرىلىدۇ.
1) ماتېماتىكا، 2) مەنتىقە (IQ)، 3) ئىنگلىز تىلى ۋە 4) ئۇيغۇرتىلى قاتارلىق تۆت پەندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
تاللاش ئىمتىھانى يېزىقچە ئىمتىھان ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىنىدۇ. ئاۋال تىزىملىتىش ئۈچۈن شەرتى توشقان ۋە لايەقەتلىك تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار تاللاش ئىمتىھانى بېرىش سالاھىيىتىگە ئېگە بولىدۇ ۋە ئىمتىھانغا كىرىش بەلگىسى چىقىرىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ئىمتىھان مەيدانىغا كېلىپ يېزىقچە ئىمتىھان بەرگەندىن كىيىن يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا تاللىنىدۇ. يۈز-تۇرانە ئىمتىھان سەرخىللار مائارىپى ھەيئەت ئەزالىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تەرىپىدىن ئېنتېرنېت ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ %40 تى، يۈز-تۇرانە ئىمتىھاننىڭ %40 تى ۋە مەكتەپتىكى نەتىجىسىنىڭ %20 تى بويىنچە ھېسابلىنىپ، ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئومۇمى ئوتتۇرىچە نەتىجىدىن يۇقىرى بولغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە تالانتى ۋە ئىقتىدارى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى نەتىجىسىگە بەش نومۇردىن 10 نومۇرغىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
ئۈچىنچى قارار تەربىيىلەش پروگراممىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى (1- سىنتەبىر) دىن باشلىنىدۇ.