سەرخىللار مائارىپى
Logo

خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

پائالىيەت خۇلاسىسى ۋە خاتىرىلەر

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى» ۋە «سەرخىللار مائارىپى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى»نىڭ خۇلاسە ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلدى.

ئانا تىلدا بىر-بىرىدىن ياخشى سۆزلەنگەن 12 نوتۇق قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان بولسا، كىتاب ئوقۇش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تاللانغان ماھىرلارنىڭ نەق مەيداندا سوئاللارغا تەمتىرىمەي توغرا جاۋاب بېرىشى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 5 نەپەر باھالىغۇچى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ نوتۇق باھالاش سىستېمىسى ئارقىلىق بەرگەن باھالىرى بىلەن ئۈچ نوتۇق ئالدىنقى ئۈچ قاتارغا تىزىلىپ مۇكاپاتلاندى. قالغان نوتۇقلارنىڭ ھەممىسىگە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتلىرى بېرىلدى.

كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجە باھالاش ئۆلچىمى: بىرىنچى قېتىملىق نەتىجىنىڭ %10 تى، ئىككىنچى قېتىملىق نەتىجىنىڭ %20 تى، ئاخىرقى مۇسابىقىنىڭ %70 تى ئېلىنىپ ھېسابلاندى.

نەتىجىدە، كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى بويىچە بىرىنچىلىككە نەزىپە قاراقاش (1-سەۋىيە)، ئىككىنچىلىككە نەفىسە نۇر (4-سەۋىيە)، ئۈچىنچىلىككە سەفىيە ئابدۇسەمەت ئېرىشتى. غالىب بولغان ماھىرلارنىڭ مۇكاپاتىنى كرورەن زىبۇزىننەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئەكبەر ھاجىم ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

پائالىيەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان بارلىق شەخس ۋە ئورۇنلارغا «سەرخىللار مائارىپى» نامىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

ھازىرچە رەسىم يوق.

ھازىرچە سىن يوق.

يۈكلىنىۋاتىدۇ...